www.4tadu.com
  • خىلىت ۋە نىسپىي تەڭپۇڭلۇق - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/76104521.html

    خىلىت ۋە نىسپىي تەڭپۇڭلۇق

    خىلىتلار مىقدار، سۈپەت، رول ئېتىبارىدىن بىر – بىرىدىن قىممەتلىك بولۇشى بىلەن ئىنساننىڭ شەرىپى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھېچبىرى ياخشى – يامان دەپ ئايرىلمايدۇ ۋە ئايرىلماسلىقى لازىم. ئىنساننى مەلۇم خىلىتنىڭ نىسپىي ئۈستۈنلۈكى نەتىجىسىدە ئىپادىلەنگەن پسىخولوگىيىلىك ھالەت ئۇقۇمىنى ياخشى – يامانلىق ئۇقۇمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋتىپ باھالاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى خىلىتلار زامان، ماكان، يېمەك – ئىچمەك، ھاۋا شارائىتى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇغما نەرسە بولۇپ، ئۇ يەنە مەلۇم تۇرمۇش ئادىتى بىلەن رايون ۋە مىللەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

    تۆۋەندە خىلىتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆرسىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

    1. سەپرانىڭ رولى

    سەپرانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكتىن، قۇرۇق ئىسسىق پەسلىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.

    1) ئۇ قاننى يەڭگىللەشتۈرىدۇ ۋە قانغا  ئارىلىشىپ ماڭىدىغان باشقا خىلىتلارنى قىزىل قان تومۇر ۋە تۈزۈلمىلەردىن ئۆتكۈزۈشكە ياردەم قىلىدۇ. سەپرا ئۆزىنىڭ قىزىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكى بىلەن قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ.

    2) ئۆپكىنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە قاتنىشىدۇ. چۈنكى، ئۆپكە يۈرەككە يېقىن بولغانلىقى ۋە دائىم ھاۋا ئۆتشۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۆپكىنىڭ ئەسلىي مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. لېكىن قان ئايلىنىش، ھەزىم پائالىيىتى ۋە مېڭە تاشلاندۇقلىرى سەۋەبىدىن ئۆپكىگە بۇخاراتلار كۆپلەپ چۈشۈپ تۇرغاچقا، ئۆپكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي مىزاجى جىگەر ۋە باشقا ئىسسىق مىزاجلىق ئەزالارغا نىسبەتلەشتۈرگەندە، ئىچكى – تاشقى ھۆللۈكلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ھۆللۈك دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۆپكىگە غىزائى دەۋا، داۋائى غىزا ياكى خاس دورا ئىشلەتكەندە، ئۆپكىنىڭ ئەسلى مىزاجى بولغان قۇرۇق ئىسسىقلىقنى بويلاپ، ھەرگىزمۇ ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق چارىلىرىنى قوللانماسلىق لازىم. دېمەك، ئوتنىڭ تەسىرىنى ئالغان ماددىلار ئۆپكىگە پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.

    3) سەپرا ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە چۈشۈپ، ھەزىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن سىرت، مۇھىمى ئۈچەينى ھەزىم چىقىرىندىلىرى ۋە چاپلاشقان بەلغەمدىن خالىي قىلىدۇ.

    4)  سەپرانىڭ جاراسىم (مىكروب) ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپ، سەپرا ماددىسى يەتكەنلىكى جايلاردا مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ئىشىشق قايتۇرۇش، تەھلىل قىلىش تەسىرىنى بېرىدۇ.

    نورمال سەپرا سارغۇچ، يەڭگىل ۋە رول جەھەتتە تېز بولىدۇ، سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرنى سەپرانىڭ يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.

    2. قاننىڭ رولى

    قاننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ھۆل ئىسسىق تاماقلاردىن ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ، چۈنكى قان ھۆللۈكتىن پەيدا بولۇدۇكى، ئىسسىقلىقتىن پەيدا بولمايدۇ، ئۇ پۈتۈن بەدەننى ئىسسىتىش ۋە ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش تەسىرىگە ئىگە. روھ پەيدا قىلىشمۇ قاننىڭ بىر خۇسۇسىيىتىدۇر. نورمال قان قىزىل، بەتبۇيلۇقتىن خالىي، قۇيۇقلۇقى نورمال، تاتلىق بولىدۇ، قان مىزاجلىق كىشىلەرنى قاننىڭ يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.

    3. بەلغەمنىڭ رولى

    بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۇ ھۆل سوغۇق يېمەكلىكلەردىن پەيدا بولىدۇ، ئۆمۈرنىڭ ھۆل سوغۇق دەۋرىدە بەدەنگە كۆپ يىغىلىدۇ.

    1) ئۇ قان ياساش، قان ئورنىدا سەرپ بولۇش رولىغا ئىگە.

    2) ئۇ ئەزالارغا ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، ھەرىكەت ۋە سۈركىلىشىتىن ئىسسىقلىق پەيدا بولۇپ، بۇ ئىسىسقلىق ئۆز نۆۋىتىدە ھۆللۈكنى ئۇچۇرۇۋېتىپ (تەھلىل قىلىپ)، ئەزالارنى ھۆللەشتۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئەزالار ئاجىزلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا ئىمكان بولمايدۇ. بەلغەم خىلىتى يەنە بوغۇملاردا شىرىسىمان سۇيۇقلۇق پەيدا قىلىپ، بۇغۇملارنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىشى ۋە چاندىر – ئۇلىغۇچىلارنىڭ قېتىپ قالماسلىقىنى تەمىنلەيدۇ.

    3) بەلغەم قاننى چاپلاشقان خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى ھەرقايسى ئەزالاردا نورمال تۇرغۇزالايدۇ، نورمال بەلغەم قانغا يېقىنلىشىدىغان ئاقۇچ قىزىلغا مايىل كېلىدۇ، بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەرنى بەلغەمنىڭ يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرىدىن قىياس قىلىش مۇمكىن.

    4. سەۋدانىڭ رولى

    1) سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇ قۇرۇق سوغۇق يېمەكلىكلەرىدىن، قۇرۇق سوغۇق پەسىلىدە ھەمدە قېرىغاندا بەدەندە كۆپىيىپ بارىدۇ.

    2)  سەۋدا قاننى قۇيۇقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ رولى بىلەن قان خىلىتى تېگىشلىك ئەزالاردا توختىيالايدۇ، ئۇزۇقلاندۇرۇالايدۇ ۋە ھەتتا مەلۇم شەكىلدىكى ئەزانى چوڭايتىش، شەكىلگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى سەۋدانىڭ ياردىمىدە ئۇرۇندىيالايدۇ.

    3) سەۋدا ئاشقازان ئېغىزىغا قۇيۇلۇش ئارقىلىق ئادەمگە ئاچلىق ھېس قىلدۇرۇپ، زۆرۈرىيەتنى ھەل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    4) ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىشىدا زۆرۈر ماددا سەۋدا بولۇپ، نورمال سەۋدا ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى تېزلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەگەر، سەۋدا ماددىسى يېتىشمەي، ئۇنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ئارتۇقچە قان، ياكى بەلغەم، ياكى سەپرا ئىگىلىۋالسا، ئىنسان تەپەككۇرىدا خاتا، ياكى ئاستا، ياكى بەك تېزلىك پەيدا بولۇپ، چاتاق چىقىدۇ. سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرنى سەۋدانىڭ يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرىدىن قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

    ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، قان خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ نورمال ھالدىكى سالامەتلىكى بىرقەدەر تۇراقلىق بولۇپ، ئەزالارنىڭ ھەرخىل ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىلىرى نورمال چىقىدۇ. ئەمما بۇ خىل كىشىلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە كۆپرەك مايىل بولۇپ، ئالاھىدە ئوكسىدلىنىش ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىزچىل يۇقىرى ھارارەتتە تۇرۇشى بىلەن ئالاھىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئاز ئۇچرايدۇ. قاننىڭ كەيپىيات نىسبىتىدە ھۆللۈك ئىسىسقلىقتىن كۆپ بولغاچقا، ئەقلىي ئىقتىدارى ئوتتۇراھال (نورمال)، سىرتقى كۆرۈنۈشتە خاتىرجەم بولغىنى بىلەن، ئىچكى ھېسسىياتى دولقۇنلاپ تۇرىدۇ. سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر مۇناسىىسەتتە يەڭگىل ۋە چاققان، سەزگۈرلۈك جەھەتتە تېز، كۆز قارىشى ئۇچۇق بولىدۇ. پائالىيەتچان ۋە گەپدان كېلىدۇ. بىراق خىلىتلار ئىچىدە پەيدا بولۇپ يۇقىلىشى تېز، ئايلىنىشى ۋە كۆيۈشى ئىتتىك بولىدۇ. ئىسىسقلىقنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىش پەرقى چوڭ بولغاچقا، قۇرۇق ئىسىسقتىن بولىدىغان جىگەر، ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەردە قاننىڭ مىقدارى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى تەڭلا مەۋجۇت بولغاچقا، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ بەدىنى يوغان، مىجەزى ئېغىر، ھېسسىياتنىڭ قوزغىلىشى ئاستا، ئەسلىگە قايتىشمۇ ئاستا كېلىدۇ. ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى ئاستىراق بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنىڭ گەۋدىلىك خىزمىتى مېڭىنىڭ پىكىر قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدا قاننىڭ مىقدار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن سىرت، سەۋدانىڭ خۇسۇسىيەت ئۈستۈنلۈكى گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ كىشىدە شۇ خىلىتقا خاس بولغان سەزگۈرلۈك ۋە ئالاھىدە پەرقلىق پىكىردە بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولىدۇ. بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئوكسىدلىنىشى (كۆيۈشى) ئاستىراق بولغاچقا، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن كېلىدۇ.

    يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسان بەدىنىدىكى تۆت خىلىت ئۆزئارا قارىمۇقارشى ۋە بىر – بىرىنى تەققەزا قىلىدۇ. قارىمۇ قارشى دېگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى قارىمۇقارشى بولىدۇ. تەقەززا قىلىدۇ دېگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىر – بىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز نورماللىقىنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ ۋە بىر – بىرىگە ئېھتىياجى چۈشىدۇ، شۇڭا خىلىتلارنىڭ بىرەرسىنى ئەڭ ئالىي، يەنە بىرىنى تۆۋەنرەك دەرىجە بىلەن سۈپەتلەشكە بولمايدۇ. «قان» نى ئالىي، «سەپرا»نى ئاچچىقى يامان، «بەلغەم»نى دۆت، «سەۋدا»نى ساراڭ دەپ چۈشىنىش تېخىمۇ بىمەنىلىك، بولۇپمۇ ھەرخىل مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ پسىخولوگىيەلىك ھالەتلىرىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش ئىلىم روھىغا خىلاپتۇر.

    قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابىتى پسىخولوگىيەسىدىن

    تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!