www.4tadu.com
  • ئۆزىگە خاس ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە رېتسىپ تۈرلىرى40-70 - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75987017.html

    1-40 كىچە بولغان رېتسىپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!!!
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75208680.html

    قىرىق بىرىنچىسى : ئاغرىق پەسەيتكۈچى ۋە ئارام بەرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار خىلىتلارن

    ىڭ قاينىشىنى پەسەيتىدۇ.مەسىلەن : ھەببى شەۋكىران ، ھەببى شىپا ، مەجۈنى پولونىيا......

     

    قىرىق ئىككىنچىسى: ئۇخلاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۇخلىتىدۇ . مەسىلەن ئەرقى كۆكنار، داۋائى ئادەمگىياھ ، ئەرقى شىرە مۇرەككەب.....

     

    قىرىق ئۈچىنچىسى: سەمرىتكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھۆللىكى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن بەدەننى سەمرىتىدۇ . مەسىلەن ھالۋايى تۇت شېرىن ، مۇراببائى ئەنجۈر، لوبوبى ئەكبەر.....

     

    قىرىق تۆرتىنچىسى : ئۇيقۇنى قاچۇرغۇچى ، روھنى قوزغاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ، ئۆتكۈرلۈكى ياكى غىدىقلىغۇچى خۇسۇسىيىتى بىلەن ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ . مەسىلەن : ئەرقى قەلەمپۇر ، بۇخۇرى مىشك ، مۇپەررىھى ياقۇت....

     

    قىرىق بەشىنچىسى : ئىشتىھا ئاچقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ . مەسىلەن : جاۋارىش خولىنجان ، جاۋارىش ئەنبەر ، شەربىتى بىھى .....

     

    قىرىق ئالتىنچىسى : باش ئاغرىتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە بۇىاراتى بىلەن باشنى ئاغرىتىدۇ . مەسىلەن: مەجۇنى ئۇشەق ، بۇخۇرى ھار ، ئابىزەنى رۇتەب......

     

    قىرىق يەتتىنچىسى : تۈزەتكۈچى ، ئىسلاھ قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بزەى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن دورىلاردىكى بىر قىسىم زەھەرلىك تەسىرلەرنى كەتكۈزىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئەكس تەسىرى بىلەن تۈزىتىدۇ . مەسىلەن : سىركەنجىۋىل بىلەن ماددەتۇلھايات، جاۋارىش ئامىلە بىلەن لوبوبى كەبىر، ھەببى ئايارەج بىلەن سۇفۇفى كەتىرا.......

     

    قىرىق سەككىزىنچىسى : باھنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بىلەن باھنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . مەسىلەن : ھەببى كەشنيز ، قۇرسى كافۇر ، شەربىتى ئەنگۈرى شىپا.....

     

    قىرىق توققۇزىنچىسى : ئۆتكۈرلۈك ۋە ئىسسىقلىقنى پەسەيتكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ سوغۇقلۇقى ۋە ھۆللۈكى بىلەن ئىسسىقنى ۋە كۆيۈشنى يوقىتىدۇ . مەسىلەن : لوئوقى كەتىرا ، ئەرقى سەندەل ، ئەرقى نىلۇفەر....

     

    ئەللىكىنچى : تەرلەتكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن تەرلىتىدۇ ، يەنى توختاپ قالغان ھۆللۈكنى تېرە تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىدۇ . مەسىلەن : مەتبۇخى چاكاندا ، ئابىزەن چاكاندا ، سۇفۇفى زەرچىۋە.....

     

    ئەللىك بىرىنچىسى : چۈشكۈرتكۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق تەسىرى ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن مېڭىدىكى مەركەزلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ، چۈشكۈرتۈش ئارقىلىق كېرەكسىز مادىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ . مەسىلەن : ئەتتۇسى مۇقەۋۋى ، ئەتتۇسى مۇچ ، بۇخۇرى پالەچ ....

     

    ئەللىك ئىككىنچى: ئۇسسۇلۇق پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ، ئىسسىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئۇسسۇلۇق پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن  : سۇپۇپى شور قەلىمى ، ماددەتۇلھايات ، سۇپۇپى نەمەك سۇلايمانى .....

     

    ئەللىك ئۈچىنچى : يېپىشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ شىرىنلىكلىكى بىلەن تۇمۇر ئېغىزى ۋە ئۈچەينى چاپلاشتۇرۇپ توسىدۇ . مەسىلەن : سۇفۇفى سەنگى جاراھەت ، قۇرسى كەھرىبا ، سۇفۇفى بەرگى گاۋزىۋان ......  

     

    ئەللىك تۆرتىنچى: مەنىينى قۇيۇلدۇرغۇچى رېتسىپ : بەزى رېتسىپلار مەنىي قۇيۇلدۇرىدۇ . مەسىلەن : مەجۇنى مۇغەللىز مەنىي، مەجۈنى ئاتائى ، قۇرسى بەللۇت....

     

    ئەللىك بەشىنچى : تاشنى پارچىلىغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆت ، بۆرەك ، دوۋسۇندىكى تاشلارنى پارچىلايدۇ . مەسىلەن : مەجۈنى مۇپەتتۇلھەسات،تال شەربىتى ، سۇفۇپى ھەجەرۇليەھۇد....

     

     ئەللىك ئالتىنچى: ئاچقۇچى رېتسىپ ؛ بەزىرېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن ئۈچەي ، تۇمۇر ۋە تېرە تۈشۈكچىلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . مەسىلەن ھەببى قوقىيا ، ھەببى لوغانزىيا ، ھەببى سۆرۈنجان .....

     

    ئەللىك يەتتىنچى : ئىششىقنى ئېغىز ئالدۇرغۇچى ، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن يارىنى ئېغىز ئالدۇرىدۇ . مەسىلەن : مەلھىمى ئىسپىداچ  ، سۇپۇپى تۇتىيا ، تەرياقى ئەفىي....

     

    ئەللىك سەككىزىنچى : كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن بىماردا خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىق پەيدا قىلىدۇ ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ . مسىلەن : مۇپەررىھى ياقۇت بۇئەلى، مۇپەررىھى دىلكۇشاد، شەربىتى مۇپەررىھى ئەۋرىشىم......

     

    ئەللىك توققۇزىنچى : يارا قىلغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە ناھايىتى ئىسسىقلىقى بىلەن بەدەندە يارا پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن : سەممۇلغار كۇشتىسى ، بالادۇر ھەسىلى ، مەلھىمى پەرپىيۇن.....

     

    ئاتمىشىنچى : قۇستۇرغۇچى ، قەي قىلدۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ھەر ئۈچ خىلىتنى ياكى مەلۇم بىر خىلىتنى ئاشقازاندىن قوزغىتىپ قۇسۇش ئارقىلىق چىقىرىدۇ . مەسىلەن : قەي سەپرا ، قەي بەلغەم ، قەي سەۋدا ...

     

    ئاتمىش بىرىنچى : ئەسەب(نېرۋا)لەرنى قۇۋۋەتلىگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ . مەسىلەن : خېمىرى ئۇد سەلب ، ئىتتىرىفىل ئۇستىقۇددۇس،  مەجۈنى نۇجاھ ...

     

    ئاتمىش ئىككىنچى : يۇمشاتقۇچى سىلىقلاشتۇرغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار قۇيۇق خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرۇپ يۇمشىتىدۇ . مەسىلەن : ئەرقى شوخلا ، ھەببى كۇرسىنگى، شەربىتى ئۇنناب....

     

    ئاتمىش ئۈچىنچىسى : قەۋزىيەتنى يۇمشاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ھۆللۈكى ۋە سىلىقلاش خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قەۋزىيەتنى يۇمشىتىدۇ . مەسىلەن : ھەببى مۇلەييىن ، ھەببى مەستىكى ، ئىتتىرىيفىل سانا ..

     

    ئاتمىش تۆرتىنچىسى : تۇتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە يەڭگىل ئىسسىقىلىق بىلەن مەنىينى ۋە مەنىينىڭ تىز يۈرۈپ كېتىشىنى توختىتىدۇ . مەسىلەن مەجۈنى ئاقاقىيا ، ھەببى جەدۋار ئەپيۈنى ، ھەببى مۇمسىك...

     

    ئاتمىش بەشىنچىسى : قورساقنى ئەسكۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىدىكى ئارتۇق ھۆللۈك ۋە يەل بىلەن ئەسلى ھارارەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئۈچەي خىزمىتىنى بۇزۇپ ، قورساقنى يەل قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن : مائۇل شىرە، ئۆرۈك قېقى مۇرابباسى، مەتبۇخى شاھتەررە ...

     

    ئاتمىش ئالتىنچى : چاچ ئۆستۈرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق چاچنى ئۆستۈرىدۇ . مەسىلەن : زىمادى دائۇلھەييە ، سىيادان ئۇكۇلى ، ھەببى دائۇسسۆئلەپ...

     

    ئاتمىش يەتتىنچى: ئورۇقلاتقۇچى  رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇزۇقلۇقىنىڭ كەملىكى بىلەن ياغنى ئېرىتىپ بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ . مەسىلەن : جاۋارىش كۇندۇر، ھەببى تەنكار، داۋائى لوك...

     

    ئاتمىش سەككىزىنچى : غىدىقلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار بەدەندە غىدىقلىنىش پەيدا قىلىپ ، بىرەر خىلىتنى ياكى قۇۋۋەتنى قوزغىتىدۇ . مەسىلەن : مەجۈنى ئايارەنجى پەيقىرا، شەربىتى ئەفسەنتىن ، جاۋارىش ئودتۇرۇش...

     

    ئاتمىش توققۇزىنچىسى: ھۆللۈكنى تارقاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار سۇيۇق ھۆللۈكلەرنى تارتىدۇ ۋە قۇرۇتىدۇ . مەسىلەن : كۆھلى مۇنەششىت ، كۆھلى زەھرى ، سۇپۇپى زەھرە-مۆھرە ..

     

    يەتمىشىنچى : ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار تاماقنى ھەزىم قىلدۇرۇپ ، بەدەن تەركىبىگە قوشىدۇ ۋە ئىشتىھانى ئاچىدۇ . مەسىلەن : جاۋارىش سەپەرجىلى ، جاۋارىش ئۇد شىرىن ، جاۋارىش بەسباسە...

     

    بۇ خىل خۇسۇسىيەت خام دورىلاردىلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى  پىششىقلاپ ئىشلىنىپ چىققان دورىلاردىمۇ بولىدۇ . يەنى ، بۇ دورىلارنى ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپ تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە تەڭشىگەندە ، پىششىق دورىلارنىڭ خۇسۇسىيتى ئۇنىڭسىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ . شۇڭا ، رېتسىپ تۈزگەندە خام ۋە پىششىق دورىلارنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيىتىنى ئالاھىدە ئويلىشىش لازىم  . يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ، ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ تەركىبىگە چۈشكەن يەككە دورىلارنىڭ خاس خۇسۇسىيىتى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلەر  تەرىپىدىن  بەلگىلىنىدۇ.

     

    ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپى تەركىبىگە چۈشكەن  خام دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كېسەللەنگەن ئەزانىڭ بەدەندىكى ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ياسالما شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرى ياسالما شەكلى بويىچە  مەئجۈنات رېتسىپى ، ھەب رېتسىپى ، سۇپۇپ رېتسىپى ، قۇرس رېتسىپى ، شەربەت رېتسىپى .... دېگەندەك 67 تۈرگە بۆلۈنىدۇ . بۇنى كېيىنكى تېمىمىزدا يازىمىز.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!