-
كۆز قاراڭغۇلىشىش ۋە باش قېيىش2 - [باش ۋە مېڭە كىسەللىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75619370.html
ھەممىنى بېراقلا يوللاش مۇمكىن بولمىغاچقا ئىككىگە بۆلۈپ يوللاندى . بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ! http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75617438.html
ئەزالار شېرىكچىلىكىدىن بولغان باش قېيىش
بۇ خىلدىكى باش قېيىش بالىياتقۇ ، دوۋسۇن ، بۆرەك ، پۇت- پاقالچاقلار ۋە قورساق سېرىقئەت پەردىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
ئالامىتى : باش قېيىشتا قايسى ئەزا سەۋەبلىك بولغان بولسا شۇ ئەزاغا مۇناسىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
داۋاسى : ئالدى بىلەن شۇ ئەزانىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە شۇ ئەزادىكى كېسەللىكنى داۋالاش كېرەك . ئاندىن كېيىن باش ۋە مېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىتتىرىيفىلى سەغىر ياكى ئىتتىرىيفىلى كەشنيىزنى ھەر ئاخشامدا يېتىشتىن ئىلگىرى ئۈچ گرام ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .
سىرتقى زەخمىدىن بولغان باش قېيىش
ئالامىتى : ئۇرۇلغان ياكى سۇقۇلغان ياكى يېقىلغانغا ئوخشاش سىرتقى زەخمىلىنىش تارىخى بولىدۇ .
داۋاسى : ئۇرۇلۇش ، سۇقۇلۇشتىن بولغان باش ئاغرىقىنىڭ داۋاسى بىلەن ئوخشاش . ئۇنىڭدىن باشقا بابۇنە ، بىنەفشىنى قاينىتىپ سۈيىگە ئىككى پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرسا ۋە پاقالچاققا لوڭقا قويسا بولىدۇ . چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئاپتاپ ئۆتۈشتىن بولغان باش قېيىش
ئالامىتى : ئاپتاپ ئۆتۈش ، باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، باش ئېغىرلىشىش ، بەدەن ھارارىتى كۆتۈرۈلۈش ، ئۇسساش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ .
داۋاسى : ئەگەر كېسەل ماددىسى پۈتۈن بەدەندە بولسا ئۇنى تازىلاش بىلەن بىللە گۈل يېغى بىلەن سىركىنى ئارىلاشتۇرۇپ باشنى ياغلاش كېرەك . بىنەفشە ، بادام ياغلىرىنى بۇرۇنغا تېمىتىش ، كېپەك شىرىسى ۋە ئازراق كۆك يۇمغاقسۈتكە قەنت قۇشۇپ داۋاملىق ئىچسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
ئاشقازان بۇزۇلغانلىقتىن بولغان باش قېيىش
داۋاسى : بىماردا ھارارەت ، قىزىتما بولمىسا ھەمدە يۈز – كۆزى قىزارمىغان بولسا ، قۇستۇرغۇچى دورىلار بىلەن قەي قىلدۇرۇش لازىم . ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشقازاننى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەستىكى بىلەن گۈلقەنت بېرىش لازىم . باشقا دورىلاردىن جاۋارىش ئۇد ، جاۋارىش مەستىكىلەرمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئاچلىقتىن بولغان باش قېيىش
كۈن چىقىشتىن بۇرۇن لىمۇن شەربىتى ، مېۋىلەر شەربىتى ، ئالما شەربىتى ، سەندەل شەربەتلىرىدىن بېرىش كېرەك ياكى ناننى ئانار سۈيى ، غورا سۈيى ، بىھى سۈيى ، ئالما سۇلىرى بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلدۇرۇش ، بولۇپمۇ ۋاقتىدا تاماق يېيىش لازىم .
بوھراندىن بولغان باش قېيىش
بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بوھران كۈنلىرىدە بىماردا باش قېيىش كىلىپ چىقىدۇ . ئەگەر ياشانغان كىشىلەردە بۇ ئەھۋال كۆرۈلسە ئاقىۋىتى سەكتە كېسىلىگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن .
داۋاسى : دەسلەپتە ئاشقازاننى تازىلاش ئۈچۈن ھەببى ئايارەج ۋە ھەببى شەبيارلارنى بېرىش كېرەك . بەزىدە باش قېيىشقا سەۋەبچى بولغان بۇس(بۇخارات)لار مېڭىنىڭ ئۆزىدىن يۆتكىلىپ ، مېڭە قېپى ۋە رەئىس ئەزالارغا بارسا باش قېيىش كېسىلى ، باش ئاغرىقى كېسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . شۇنداقلا باش ئاغرىقىنىڭ ماددىسى بۇخارات ۋە يەلگە ئايلىنىپ قالسا ، باش قېيىش كېسىلىنى پەيدا قىلىپ قۇيۇشىمۇ مۇمكىن .
بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان باش قېيىش
سەۋەبى : ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە كېسەلدىن يېڭىلا ساقايغاندىمۇ باش قېيىش كىلىپ چىقىدۇ .
داۋاسى : بادام مېغىزىنىڭ شىرىسى ، خەشخەش شىرىسى ، قۇرۇق يۇمغاقسۈت سۈيىگە ناۋات سېلىپ پەرەنجىمىشكى ئۇرۇقىدىن ئازراق قۇشۇپ ئىچسە بولىدۇ . خېمىرى مەرۋايىت ، مائۇللەھمىلەرگە ئوخشاش رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. باش قېيىش يۈرەك ئاجىزلىقى بىلەن بىللە كەلگەن بولسا يۈرەكنى كۈچەيتىش لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن ئامىلە مۇرابباسى ، ئالما ۋە بىھى مۇراببالىرى بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى تۆرتىنچى توم
تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىدى .
收藏到:Del.icio.us