www.4tadu.com
  • كۆز قاراڭغۇلىشىش ۋە باش قېيىش1 - [باش ۋە مېڭە كىسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75617438.html

    كۆز قاراڭغۇلىشىش ۋە باش قېيىش

     

     ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزنىڭ قاراڭغۇلىشىشى كۆز  قاراڭغۇلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ . پۈتۈن ئەتراپتىكى نەرسە ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش باش قېيىش دەپ ئاتىلىدۇ  .

     

     ئۇمۇمىي سەۋەبى

     

     مېڭە ئەتراپىدىكى بۇخارات ۋە بۇسلار (ھاۋايى دۇخانىي)نىڭ مىقدارى كۆپ ۋە قۇيۇقلىقىدىن كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ. بۇ بۇسلار كۆزنىڭ كۆرۈش پەردىسى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ ، كۆزدىكى نەسىمى ھاۋا(روھى نەفسانى)مۇ بىرگە ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە كۆرۈش قۇۋۋىتى (قۇۋۋىتى باسىرە ) بىلەن كۆزگە كۆرۈنگۈچى نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىپ ئەتراپ ئايلانغاندەك كۆرۈنىدۇ.

       بۇ گازلار( بۇخارات، بۇسلار) ئۈچ خىل سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ . بىرىنچىسى: مېڭىنىڭ ئۆزىدىكى بەلغەملىك سۇيۇقلۇق ۋە بۇزۇق ھارارەت تۈپەيلىدىن ، ئىككىنچىسى : ئاشقازان ، بالىياتقۇ ، سېرىقئەت قاتارلىق ئەزالاردىن ئۆرلەش ئارقىلىق ، ئۈچىنچىدىن مېڭىگە چۈشكەن قارىمۇ – قارشى مىزاج سۇئى مىزاج مۇختەلىبنىڭ بۇزۇلىشىدىن يەنى ئەزانىڭ ئەسلى مىزاجى بىلەن ماسلىشالمايدىغان بىر خىل غەيرىي تەبىئىي مىزاجنىڭ مېڭە ئەتراپىدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ.

      مېڭىدىكى نورمال روھىي نەفسانىي غەيرىي نورمال بۇخاراتتىن قېچىپ مېڭە ئەتراپىنى دەۋر قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     بۇ كېسەل 18 خىل بولىدۇ.

     

                 قاندىن بولغان باش قېيىش

      ئالامىتى

     يۈز – كۆزلىرى قىزىل، پېشانە ۋە چىكە تۇمۇرلىرى كۆپكەن بولىدۇ.

        داۋاسى

     توسالغۇ بولمىسا قان ئالسا بولىدۇ . كېسەللىك ماددىسىنى تۆۋەن تەرەپكە  سۈرۈش ئۈچۈن پاقالچاققا لوڭقا قويسا ، باشقا گۈل يېغى ، سىركە سۈرسە ،پۇتنى بابۇنە گۈلى ، بۇغداي كېپىكى قايناتقان سۇدا يۇيسا ،

     ئىسكەنجىبىن شەربىتىگە ئىسپىغۇل، رەيھان ئۇرۇقى قۇشۇپ ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر سۈرگە ئىچۈرۈشكە ھاجەت چۈشسە مەتبۇخى ھېلىيلە ئىشلەتسە بولىدۇ .

     

     ئوزۇقلىنىشى : توخۇ ياكى پاقلان گۆشىنى قېتىق ياكى غورا سۈيى ۋە ياكى ئانار سۈيى قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ ، يۇمغاقسۈت سالغان شويلا ئاشنىڭ مېڭىدىى بۇسنى يوقىتىشقا كۆپ مەنپەئەتى بار.

     

     پەرھىزى: ئىسسىقلىق دورا ۋە تاماقلارنى ئىستىمال قىلماسلىق ، ئاپتاپ ، ئوتقا ئوخشاش ئىسسىق مۇھىتلارنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش لازىم.

     

             سەپرادىن بولغان باش قېيىش

     

      ئالامىتى : رەڭگىرويى سېرىق ، ئېغىزى ئاچچىق ، ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ، تۇمۇرى تېز سوقىدۇ.

     

      داۋاسى: بەدەننى تازىلاش ئۈچۈن مەتبۇخى ھەلىيلە بېرىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئانار سۈيى ۋە سېمىز ئوت شىرىسىنى تەمرى ھىندى سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈش كېرەك. مېۋىلەردىن ئانار ، ئالما ، بېھى قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ.

     

      ئوزۇقلىنىشى: توخۇ شورپىسىغا قېتىق ياكى زىرىخ سۈيى ياكى ئاچچىق ئانار سۈيى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ. بىنەپشە ، ئاق سەندەللەرنى پۇرىسىمۇ بولىدۇ. سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقىنىڭ دورىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

     

         بەلغەمدىن بولغان باش قېيىش

     

     ئالامىتى : باش ئېغىر بولىدۇ ، ئۇسساش ئانچە بولمايدۇ. ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ. تۇمۇرى بوش سوقىدۇ ۋە سۈيدۈكى ئاق كېلىدۇ.

     

     داۋاسى : ئايارەج پەيقىرا ياكى ھەببى قوقىيالارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش ئارقىلىق زىيادە بەلغەم ماددىسىنى تازىلاش لازىم . بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىنى داۋالاشقا قوللانغان دورا ۋە چارىلەر بۇ كىسەلگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. ئىسكەنجىبىن ( ھەسەل بىلەن  تەييارلانغان سىركە شەربىتى) بىلەن ئېغىزنى  چايقاش لازىم .مەقۈنى مەستىكى ئىستىمال قىلسىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ.

     

    ئوزۇقلىنىشى : نۇقۇت ، پۇرچاق شورپىسىغا دارچىن ، زەنجىۋىل ، يۇمغاقسۈت ، زىرە سېلىپ ئىچسە ، ئىپار ، ئەنبەر ، نەغەزگۈلى پۇرىسا بولىدۇ .

     

    پەرھىزى : سۇغۇقلۇق يىمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم .

     

          سەۋدادىن بولغان باش قېيىش

     

    ئالامىتى : كۆپ ئويلايدۇ ، خىيالچان بولىدۇ . ئۇيقۇسى ئاز بولۇپ ، بۇزۇق ئىشلارنى كۆپ ئويلايدىغان بولىدۇ . تۇمۇرى قاتتىق ئەمما كۈچسىز سوقىدۇ.

     

    داۋاسى : مېڭە بەدەننى سەۋدا ماددىسىدىن تازىلاش ئۈچۈن مەتبۇخى ئەپتىمۇن ، ھەببى غارىقۇن ، بەرسە بولىدۇ . سېرىقچىچەك يېغى ۋە بابۇنە يېغى قاتارلىق ئىسسىقلىق ياغلار بىلەن باشنى ياغلىسا بولىدۇ .

     

     

      ئىسسىق يەل ۋە بۇسلاردىن بولغان باش ئاغرىقى

     

      ئالامىتى باش يەڭگىل ، بۇرۇن قۇرۇق بولىدۇ . دائىم ئۇسسايدۇ.

     

       داۋاسى : بەدەننى مەتبۇخى  ھېلىلە بىلەن تازىلاش لازىم. گۈل يېغى سىركىنى  بىرلەشتۈرۈپ باشنى ياغلاش كىرەك . ھەر كۈنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى بىلەن قەنتنى سوقۇپ تالقان قىلىپ بىر يېرىم گىرامدىن كاپ ئەتسە بولىدۇ قالغان چارىلەرنى قىلىشتا باش ئاغرىقىنى داۋالاش ھەققىدىكى مۇناسىپ قىسىملارغا قارىسا بولىدۇ.

     

     سۇغۇق يەل ۋە بۇسلاردىن بولغان باش قېيىش

     

      ئالامىتى : ئىسسىق يەل ۋە ئىسسىق بۇسلاردىن بولغان باش قېيىشتا كۆرۈلگەن ئالامەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

     

      داۋاسى : يەڭگىل سۈرگە  دورىلىرى بىلەن چوڭ تەرەت يۇمشىتىلىدۇ . ئابدىمىلىك ،  سۇزاپلارنى قاينىتىپ ھورىغا باشنى تۇتۇپ تەرلىتىش ۋە سۈيىنى ئىلمان پېتى باشقا قۇيۇش كىرەك.

     

    ئوزۇقلىنىشى : كاۋاپ ۋە ئىسسىقلىق دورىلار قۇشۇلغان نۇقۇت سۈيى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

     

      ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن سەپرا خارەكتىرلىك باش قېيىش

     

       ئالامىتى : ئىشتىھا يوقىلىدۇ . يۈرەك قالايمىقان سالىدۇ. كۆڭۈل ئاينىپ قۇسىدۇ . ئاشقازان ساھەسى ئېچىشىدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ يۇقىرى قىسمىدا ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.

     

        داۋاسى : ئالدى بىلەن ئاشقازاننى تازىلاش ئۈچۈن سىركە ، ئىسسىق سۇ ، ئازراق تۇز قۇشۇپ قۇستۇرىلىدۇ. ئاندىن كېيىن غورا سۈيى ياكى ئاچچىق  ئانار سۈيى ۋە ياكى بېدە سۈيى قاتارلىقلارنى ئىچۈرسە بولىدۇ.

     

      ئۇزۇقلىنىشى : تامىقىغا قۇرۇق يۇمغاقسۈت سېلىپ بېرىلىدۇ. قېتىق ، زىرىخ ۋە  ئانار شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

     

         ئاشقازاندىكى بەلغەمدىن بولغان باش قېيىش

     

     ئالامىتى : كۆڭلى ئاينىيدۇ ، ھۆ بولىدۇ ، يېگەن تاماقلىرى تەستە ھەزىم بولۇپ كۆپ كېكىرىدۇ. مەيدىسى چىڭقىلىدۇ . ئاغزىدىن ئىختىيارسىز ھالدا شالۋاق ئاقىدۇ.

     

      داۋاسى : چالا سوققان تۇرۇپ ئۇرۇقى ، سېرىق چېچەك ئۇرۇقى ، كاسىنە يىلتىزى قاتارلىقلارنى قاينىتىپ ، سۈيىگە بىر ئاز سىركە قۇشۇپ ئىچىپ قەي قىلدۇرۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاشقازاننى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىتتىرىيفىلى سەغىرنى ياكى گۈلقەنت بىلەن مەستىكىنى قوشۇپ ئىچسە  بولىدۇ.

     

       ئوزۇقلىنىشى : كەكلىك ، قۇشقاچ گۆشلىرىگە ئىسسىقلىق دورىلاردىن ھەببى قوقىيانى قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

     

      ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن بۇخارات خارەكتىرلىك باش قېيش

     

     ئالامىتى : ئاشقازان ساھەسى ۋە كىندىك ئەتراپى ئاغرىيدۇ . ئازراق يەل يۈرۈشسە ناھايىتى چوڭ راھەت ھېس قىلىدۇ . ھەر دائىم قورساق چىڭقىلىدۇ .

     

      داۋاسى : ئىسسىقتىن بولغان باش قېيىشتىكى چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ.

     

     ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن سۇغۇق يەل خارەكتىرلىك باش قېيىش

     

     ئالامىتى : ھۆ تۇتىدۇ ، قەي قىلىش بىلەن بىرگە بىر نەرسە يېيەلمەيدۇ . يۈرەك ئاغرىيدۇ . ئاشقازان ساھەسى سۇزۇلغاندەك ، تارتىشقاندەك بىلىنىدۇ .

     

    داۋاسى : مەجۈنى كۇمۇنى ، بۇزۇرى شەربىتى ۋە بەدىيان بىلەن قەنت ئىچىش ناھايىتى پايدىلىق.

     

     تۇمۇرلاردىكى يەلدىن بولغان باش قېيىش

     

      ئالامىتى :  بۇ يەردە ئېيتىلغان تۇمۇرلار قۇلاق ئارقى ۋە چېكىدىكى قان تۇمۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ ، مەزكۇر تۇمۇرلار كۆپۈپ ، سەكرەپ سوقۇش بىلەن بىرگە باش قايىدۇ . قول بىلەن مەزكۇر تۇمۇرلارنى بېسىپ قان دولقۇنىنى تۇسۇۋالسا باش قېيىش پەسەيگەندەك بولىدۇ .

     

      داۋاسى : پاقالچاق ۋە گەجگىگە لوڭقا قۇيۇش ياكى بۇ تۇمۇرلاردىن قان ئېلىش كېرەك . گۈل يېغى بىلەن سىركىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەزكۇر ئۇرۇنلارغا سۈرسىمۇ بولىدۇ .

    داۋامىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75619370.html 

     

      ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى تۆرتىنچى توم  

    تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىدى . 

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": باش قېيىش
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!