-
3 بىز خېمىيەلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/75519852.html
مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىدە ‹‹شەربەت ››يوق
logs/74073216.htmlبىرىنچى قىسمىغا بۇ يەردىن كىرىڭ:
logs/74170149.htmlئىككىنچى قىسمىغا بۇ يەردىن كىرىڭ :
ئىلگىرى مەن يەسلىدىكى بالىلارغا مىۋە شەربىتى ياساش ئۇيۇنىنى كۆرسەتكەن ئىدىم .
لىمۇن شەربىتى مۇنداق ياسىلىدۇ :
ئالدى بىلەن 4- نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭنى سۇدا ئېرىتسەك ، ناھايىتى چىرايلىق لىمۇن رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە چۈچۈمەللەشتۈرگۈچى ماددا ۋىتامىن س بىلەن لىمۇن كىسلاتاسىنى تۆكۈپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىر قىسمىدىن كۆپرەك مېۋە شىكىرى ئارىلاشتۇرساق ، ئاچچىق ـ چۈچۈك تەمگە
ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە لىمۇن پۇرىقىنى قوشقاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي لىمۇن شەربىتى بولىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا سىللۇزا تالقىنى قۇشۇلىدۇ . سىللۇزا تالقىنى دېگىنى ‹‹ ھەرە كىپىكى ›› دىن ياسالغان بىر ىىل قۇشۇلغۇچى ماددا بولۇپ ، ھەر خىل دۇغلاشقان رەڭلەر ئارقىلىق راست شەربەتنى ئىچكەنگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ .
ئەگەر قۇغۇن تەملىك ئىچىملىكنى ياسىماقچى بولساق ، قۇغۇننىڭ رەڭگى يېشىل بولغانلىقتىن ، ئالدى بىلەن سۇغا 1- نۇمۇرلۇق كۆك رەڭلەندۈرگۈچنى تۆكۈپ ، سۇنى قېنىق كۆك رەڭدە بويايمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا 4 – نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭلەندۈرگۈچنى تۆكسەك ، سۇنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭگە ئايلىنىدۇ . بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان .
ئاپلىسىن شەربەتلىك مېۋە ئىچىملىكى ياسىماقچى بولساق ، ئۇنىڭغا ئىشلەتمەكچى بولغان قىزغۇچ سېرىق رەڭ قۇرت – قوڭغۇزلارنى ئىزىپ تالقان قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . مەن تەييار بولغان ئىچىملىكنى ئىستاكانلارغا قۇيۇپ كۆپچىلىكتىن ‹‹ ئىچەمسىلەر ؟›› دەپ سورىدىم . بالىلار بىر – بىرىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىشتى . ئەمما ، كۆپچىلىك ئادەتتە ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ياسىلىدۇ.
ئىلگىرى مېۋە ئىچىملىكلىرىگە شېكەر قوشاتتى . ئەمما ، شېكەرنىڭ تەمى بەك كۈچلۈك (تاتلىق) بولغاچقا بالىلار ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى ، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا مېۋە شىكىرى قوشىدۇ-دە ، ئۇنىڭ تەمى ئىچىشلىك ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ . بالىلارمۇ ياقتۇرۇپ ئىچىدۇ . ئەمما، مېۋە شىكىرىنىڭ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان بىر يىرى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۇنى ئىچكەندە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھەددىدىن زىيادە سۈمۈرۈۋېلىش مەسىلىسى .
مېۋە شىكىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا بىلەن مىۋە كىسلاتاسى . گىلۇكوزا بولسا ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسىي ئىنىرگىيە مەنبەسى . بەدەن ئۇنىڭغا ئاجىز ۋاقىتتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، بىز كىسەل بولۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئاسما ئۇكۇلنىڭ تەركىبىگە گىلۇكوزا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر قۇشۇلىدۇ .
ئەمما ، ئاسما ئۇكۇلنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزىنىڭ قۇيۇقلۇقى %0.5 كىمۇ يەتمەيدۇ . باياتىن بىرى بىز تۇنۇشتۇرغان ئۇۋاق پاراشوكلاردىن ياسالغان ‹‹ مىۋىسىز ›› شەربەتلەرنىڭ ئىچىدە 500گرام مېۋە ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە شىكىرىنىڭ مىقدارى 60 گرامدىن ئېشىپ كىتىدۇ . يەنى ، ئادەتتە كۆپچىلىك ئىچىۋاتقان 500 گراملىق ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە %10 تىن كۆپرەكى شىكەر تەركىب ئەگەر ئۇلارنى قاتتىق ھالەتتىكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزىنىڭ مىقدارى 25گرام، مىۋە شىكىرىنىڭ تەركىبى 20 گرامدىن ئېشىپ ، تەخسىگە ئۇسقاندا لىپلۇلىق توشۇپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە شىكىرى تەركىبلىك ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن ، ئادەم تۇيۇپ كەتكەندەك ھېس قىلماستىن ، ئىچمىگەن بىلەن ئوخشاش يەنە بىر نەرسە يىگۈسى كېلىدۇ .
بىر بۇتۇلكا 500گراملىق ئىچىملىك تەركىبىدە 50 گرام شىكەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كەلگۈدەك ئىسسىقلىق مىقدارى بولىدۇ . يەنى 200گرام ئەتراپىدىكى ياڭيۇ قەلەمچىسى تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كىلىدۇ . ئەمما ، بۇ ىىل ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى ئىچمىگەنگە ئوخشاش تۇيغۇدا بولىدۇ! كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە بۇ خىل ئەھۋالدا ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەنگە كۆپلەپ شۈمۈرۈلىۋېرىدۇ .
ئىلمىي تەجرىبىلەر شۇنداق ئىسپاتلايدۇكى ، دائىم سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ، بەلكىم دېئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تېزلىتىشى مۇمكىن . ئامرىكىدىكى بىر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئەگەر ھەر بىر بالا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىر قۇتا كاربونىك كىسلاتا تەركىبى بار ئىچىملىك ئىچكەندە ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىش ئېھتىماللىقى % 60 تىن يۇقىرى بولىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، سىمىزلىك ، شۇنداقلا دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆزگە كۈرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى ياخشى بىر ئەمەلىي مىسال .
كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ياردىمىدە شۇنداق تەمگە كىرىدۇ . يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتىكى ئۇچۇرلار جامائەتكە ئاشكارىلانمايدۇ . زور كۆپ ساندىكى ئادەملەر تولىمۇ ساددىلىق بىلەن ‹‹ ئالدىنقى قاتاردىكى زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتتا مەسىلە يوق››،‹‹ چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان نەرسىلەردە چاتاق يوق ›› دەپ ئىشىنىپ كىتىدۇ . ئەمما، بىزنىڭ تىللىرىمىزنىڭ تەم سەزگۈسى يېمەكلىككە قۇشۇلغۈچى ماددىلار تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتسىمۇ يەنە ئۇنى بىلمەي يۈرسەك ، بۇ نىمدىگەن ئېچىنىشلىق – ھە !
كېيىنكى ماقالە
100 كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە 130 كلوگرام كولباسا ياسىغىلى بولىدۇ .
收藏到:Del.icio.us
评论