www.4tadu.com
  • 2بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز - [ساقلىق ساۋاتلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74170149.html

    سۈت پاراشوكى دەل ‹‹كالا سۈتى شەكلىدىكى ئۈسۈملۈك مېيى››دۇر

    ئەمدى يەنە سۈت پاراشوكى ھەققىدە توختىلايلى. ماگىزىنلاردىكى قەھۋەگە سالىدىغان سۈت پاراشوكى ئاساسەن ھەقسىز بولغاچقا ، مەن دائىم دېگۈدەك بەزىلەرنىڭ ماگىزىندىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا قولىنى سۇزۇپلا بىر نەچچىنى ئېلىۋالغىنىنى كۆرىمەن . ئۇلار ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ ئاستا – ئاستا ئىشلىتىشى مۇمكىن .

      ئەمدى ، مەن كۆپچىلىكتىن سوراپ باقاي ، سىلەر بۇ خىل سۈت پاراشوكىنىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ سۈتتىنمۇ ؟ سېرىم مايدىنمۇ (قايماقتىنمۇ)؟

    سىلەر ‹‹سۈت پاراشوكى›› ئىچىدە ‹‹سۈت ›› بارلىقىغا قاراپلا بۇنى چۇقۇم سۈتتىن ياسالغان دەپ قالماڭلار . ئەمەلىيەتتىن مەن باياتىن سۆڭەك  شورپىسى قىلغانغا ئوخشاش ، سۈت پاراشوكى ياساشقا بىر تېمىم سۈت ياكى قايماقمۇ ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنى ئۈسۈملۈك مېيىغا سۇ ، يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددا قاتارلىقلارنى قۇشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تەييار بولىدىغان سۈتكە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىدىن ياسايدۇ.

     ئۇنىڭ ئىچىدىك ئۆسۈملۈك مېيى تېخىمۇ كونكرت قىلىپ ئېيتقاندا ھىدروگىنلاشقان ئۆسۈملۈك مېيى بولۇپ ، تەركىبىدە ‹‹تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى›، بار . تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى ساغلام بولمىغان تەركىب بولۇپ ، ئۇنىڭ يۈرەككە بولغان زىيانلىق دەرىجىسى ھەر قانداق بىر خىل ھايۋانات مېيىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. تەركىبىدە ھىدروگىنلىق ئۆسۈملۈك مېيى بار يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بەلكىم تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى بولۇشى مۇمكىن . مەسىلەن : پېچىنە ، بولكا ، غەرپچە تورت ، شاكىلاتلىق پىرەنىك ، سالات مۇرابباسى، مايدا قىزدۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، مايدا قورۇلغان توخۇ پاچىقى، غولپىياز قاتلىمىسى، قەھۋەگە قېتىلىدىغان سۈت پاراشوكى ، قىززىق شاكىلات قاتارلىقلار. ئەمما، ئادەتتە تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسىنىڭ نامى ھەر خىل بولۇپ ، ئادەتتە يېمەكلەرنىڭ تەركىبى دېگەن جايغا ‹‹ھىدروگىنلىق ئۆسۈملۈك مېيى››،‹‹ ئۈسۈملۈك سېرىق مېيى››، ‹‹سۈنئىي سېرىق ماي››، ‹‹ سۈنئىي قايماق››،‹‹ئۈسۈملۈك قايمىقى››ياكى ‹‹ئۈسۈملۈك ياغ كۈپۈكى›› قاتارلىق ناملار ئىزاھلاپ قۇيۇلىدۇ. ئەمما ، ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە تەتۈر تەركىبلىك ماي كىسلاتاسى بار.

     ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، سۇ بىلەن ماي بىر – بىرىگە ئارىلاشمايدۇ، بۇ چاغدا دەل يېمەكلىككە قۇشۇلىدىغان ماددىلار ئارقىلىق ئۇلارنى ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

     ئالدى بىلەن ، ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى ماددا(بىر-بىرىگە پەقەت ئارىلاشمايدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ماددا) ئىشلىتىدۇ. ئۇ بولسا سىرتقى يۈز ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا بولۇپ ، ماي بىلەن سۇنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئېمۇلسىيەلەشتۈرۈپ سۈتكە ئوخشاش بىر خىل ئاق رەڭلىك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئەمما، ئۇ سۈتكە ئوخشاش يېپىشقاق ، قۇيۇق ئەمەس . شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پولى ساخارىد تۈرىدىكىلەرنى ئىشلىتىپ قۇيۇقلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كوكس كەمپۈت پېگمىنتىنى قوشۇپ  سۇس رەڭلىك چاي رەڭگىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ رەڭگى قارىماققا قايماقنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا  قىممىتىنى تەڭشىگۈچى ماددا قوشۇلىدۇ  pH يەنە ، يەنە ئۇنىڭغا قايماق پۇراقلىق خۇش پۇراق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

     شۇڭا ، سۈت پاراشوكى دېگەنلىك – سۇ . ماي ۋە بىر نەچچە خىل يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ‹‹ سۈت شەكىللىك ئۆسۈملۈك مېيى››دۇر. سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىبىگە قارىساقلا بۇنى شۇ ھامان بىلەلەيمىز.

     كېيىنكى مەزمۇن :

           مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىدە ‹‹شەربەت يوق››

    مەزكۇر ماقالە ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلاۋاتىدۇ . كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغايسىز. 

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": سۈت
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!