www.4tadu.com
  • غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورىلار - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74215050.html

    خىلىتسىز غەيرىي تەبىئىي كەيپىياتنى ۋە  غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورىلار

     

    خىلىتسىز غەيرىي تەبىئىي كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار:

     خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىق كىسەللىكلەر ، ھەر خىل ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسسىق، سۇغۇق، ھۆل ، قۇرۇق،ھۆل ئىسسىق ، قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سۇغۇق ۋە قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەندە ياكى بەدەندىكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن ، فىزىلوگىيەلىك خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. خىلىتسىز غەيرىي تەبىئىي كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىلار بولۇپ ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىگە قارىتا قارىمۇ قارشى كەيپىياتتىكى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    بۇ خىل دورىلار قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار، قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار دەپ  تۆت تۈرگە بۈلۈنىدۇ.

    قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار؛

    بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرىگە قارىتا قارىمۇ-قارشى كەيپىياتتىكى دورىلار يەنى ھۆل سۇغۇق كەيپىياتتىكى دورىلار ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل دورىلار قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: لىمون، ئاپلىسىن ، قېتىق ، پەمىدۇر، شاپتۇل، تاۋۇز ، بۆلجۈرگەن، بىھى ، ئامۇت، قاپاق ، قاپاق يېغى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ، زىرىق قاتارلىقلار.....

     

      خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار :

     بۇ دورىلارمۇ ھۆل ئىسسىق كەيپىياتقا قارىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: كىۋەز ئانىسى ، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ ، گىلاس، ئوترۇج، ئالۇچا، ئاچچىق ئانار، كۆك چاي، ئاق ۋە قىزىل سەندەل، قارىئۆرۈك ۋە چاي قاتارلىقلار...............

     خىلىتسىز ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار.

    بۇ يەردىكى بايانىمىزمۇ يۇقىرىقى بىلەن بىردەك.

    ئىشلىتىدىغان دورىلار : زەنجىۋىل، رۇمبەدىيان ، دارچىن، شاخ دارچىن ، دارچىن يۇپۇرمىقى، قەلەمپۇر ، قارىمۇچ، پىلپىل ۋە پىلپىل يىلتىزى، كۇندۇر، تۆگە گۆشى، ئات گۆشى ، بوزۇغا ۋە قەلەمپۇر يېغى ..........

     خىلىتسىز قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار:

     رەيھان ، ، ئاق ئۈجمە، ئۆرۈك مېغىزى، بادام مېغىزى، ئاچچىق بادام مېغىزى ............

    ..

    غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورىلار

     

    ھەر خىل ئىچكى- تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەبىئىي خىلىتلار مىقدارى جەھەتتە ئېشىپ كېتىپ ، سان جەھەتتىن غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىپ ، ئۇمۇمىي بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئىي تۈزۈلۈشىدە ، غەيرىي نورمال ئۆزگىرىش ھاسىل بولماستىن ، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئەزالارنىڭ نورمال بولغان فىزلوگىيەلىك خىزمىتى تۇسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

    بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا غەيرىي تەبىئىي خىلىتنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ . بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورىلار ئادەتتە : غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار ، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.

     

     غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار؛

    سېمىز ئوت ، سەبدەگۈل، پاقىيۇپۇرمىقى ، سۇماق ، ئارپا ، ئالقات مېۋىسى ، تېرىق، ئەينۇلا قارىئۆرۈك، كۆك ماش، قۇمۇش يىلتىزى، قوناق ساقىلى ، تەرخەمەك ، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلار........

     

     غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار

      چوڭ سۈتلۈكئوت، كىچىك سۈتلۈكئوت،  ئارپىبەدىيان ، خوخا ، ئاسارۇن ، چىغىرتماق گۈلى.......

     

      غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار:

     ئات سۈتى قايمىقى، سۈزە، كىيۇرە  ، يېسسىمۇق، گۈرەل، قوي يىلىكى، قىزىلبۇغداش، كالا سۈتى ، قايماق ، گاۋزىۋان قاتارلىقلار...........

     

    ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادىر كۆكيال

    كېيىنكى مەزمۇن غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرغۇچى ۋە سۈرگۈچى دورىلار ھەققىدىكى مەزمۇن.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": مىزاج
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!