www.4tadu.com
  • تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىق2 - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74243727.html

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73788807.htmlماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!!!

    كىمنىڭ تېنىگە سۈگەل چىقسا ، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە سۆگەل يوقايدۇ.

    بۆرىنىڭ سۆڭىكى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    قايسى كىشىگە يامان يارا چىقسا ، نۈشۈدۈر يىلىمىنى قۇرت بىلەن قۇشۇپ ، يارا ئۈستىگە سېپىپ بەرسە يارا ساقىيىدۇ.

    تەرەتتە قان كەلگەننىڭ داۋاسى: ئۈژمە ، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەر كۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە  ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    كۆز داۋاسى باشلاندى: كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا ، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ. يەنە داۋا: ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا ، خام شېكەر بىلەن سېرىق ماڭگونى ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەك يېغى بىلەن قۇشۇپ بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    يەنە داۋاسى : توشقان مېڭىسى ۋە كالا ئۆتىنى ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    يەنە داۋاسى : قىزىل چىندان ، ئاق چىندان ، قۇشدى(بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكنىڭ نامى) ، تېۋىلغا، سېرىق كۈجىلەرنى ئىككى باقىردىن ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنخۈت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ  ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە باش ئاغرىقى توختايدۇ.

    قايسى ئايال قىردى كېچىرىر (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) بولۇپ قالسا قالغاچ گۆشى يېسۇن ، يەنە زەپەر ، قوناق ئۇنى ، ئىپارلارنى مۇسەللەس بىلەن ئىچسۇن ، يارىشىدۇ( ساقىيىدۇ)

    قورساق ئاغرىقىغا داۋا: قالغاچ ئۇۋىسىدىكى توپىنى سۈت بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ساقىيىدۇ.

    چىش ئاغرىقىغا داۋا: قارا كالا تېزىكىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ ( ياكى) يايلاقتىكى  تۆگە مايىقى بىلەن قىزىل تۇزنى سۇقۇپ مۇسەللەس  بىلەن قۇشۇپ تاۋىدا ئىسسىتىپ بوز خالتىغا سېلىپ ، كۈنجۈت مېيى قۇشۇپ ، ئاغرىغان چىش ئۈستىگە يېقىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە سېرىق ئۈرۈك مېغىزىنى سۇقۇپ مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

    بەزگەككە داۋا: بۆرى مايىقىنى كالا سۈيدۈكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ساقىيىدۇ.

    كەنجى ئۇغۇل ئاجىز بولۇپ قالسا ، ئەشكەك تۇزى(بىر خىل ئۆسۈملۈك) نى بېشىغا تېڭىپ بەرسە ساغلام ئۆسىدۇ.

    سۈتنى كۆپەيتىشنىڭ ئۇسۇلى: ھەشقىپىچەك گۈلىدىن بەش باقىرنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى سۈزۈۋېلىپ ياغ ، سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچسە سۈت كۆپىيىدۇ.

    ئېغىر ئاياق ئايال بوشىنالمىسا ، دارچىننى سىماب سۈيى بىلەن قۇشۇپ ئىچسە تۇغۇتى ئوڭايلىشىدۇ. ئەگەر قورساقتىكى بالا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ ، تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.

    يەنە داۋا : يىلان قاسرىقىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى مۇسەللەس بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرسە  ، بالا ئاسان چۈشىدۇ.

     كىمكى قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولسا ، يېرىم باقىر ئاق كۈجە بىلەن بەش باقىر قارا كۈجىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ  شورپا  بىلەن ئىچسە ، يەنە قۇرۇق بارا(بولو؟) نى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە  ياكى قورۇلغان كۈنجۈت بىلەن يار تۇزىنى ئىسسىق سۇدا ئىزىپ ئىچسە  بالا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. يىلان تېرىسى ، تۆت كوچىدىكى توپا، ھەسەل ۋە كالا ئۆتىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ، قورساقتىكى بالا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنە ئىت تۈكى ، توشقان تۈكىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى پىچاق ئۇچىدىكى توپا بىلەن قۇشۇپ سۇدا ئىزىپ ئىچسە ئوڭاي تۇغىدۇ.

    كۆكسى ئىششىپ قالغان ئايال سېرىق ماڭگو ، تېرىق ئۇنى ، قۇلۇم گۈلى، ئاق ئۇن قاتارلىقلارنى ئادەم سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ ، خېمىرىنى كۆكسىگە تېڭىپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    ئايال كىشىنىڭ كىندىكى ئاغرىسا ، كەندىر شېخىنى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ ، بىر قاچا مۇسەللەس ، ئىككى قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كىندىكىگە يېقىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

    كىمگە شامال دارىپ كېتىپ كۆزى ، ئاغزى مايماق بولۇپ قالغان بولسا ، قۇندۇز قەھرىنى سۇدا ئىزىپ سۈرۈپ ، ئەينەككە قاراپ بەرسە ، تۈزىلىپ كېتىدۇ.

    بۇرۇن قانىغانغا داۋا : (:) ياش كۈنجۈت ئۇرۇقىنى سۇقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا قان توختايدۇ.
     

     داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ....

    تەييارلىغۇچى: تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر كۆكيال.

    قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": كۆز تۇرپان
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!