www.4tadu.com
  • تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىق1 - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73788807.html

      تۇرپاندىن تېپىلغان ‹‹تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ پارچىسى››نىڭ تەرجىمىسى

    ‹‹تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ پارچىسى›› ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات؛
    قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق  پارچىلىرىنى گېرمانىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تۇرپان ئارخولوگىيە ئەترىتى  تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ  ئېلىپ كەتكەن ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
     بۇ يادىكارلىق گەرچە قۇچۇ (ئىدىقۇت) ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن دورىگەرلىكىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شۇڭا بۇ ھەقتە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەر بار.
    تۈركىيىلىك رەشىت رەھمەت ئاراتى 1930-يىلى   SBAW  ( بېرلىن پرۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ كونفېرنسىيەسىدە قىلىنغان دوكلاتىنىڭ پەلسەپە تارىخ قىسمى) نىڭ 1، 451-473 بەتلىرىدە ۋە 1932-يىلى 
    SBAW 2  نىڭ 401-448- بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان.


    يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم بوغۇلۇشنىڭ داۋاسى ؛ ئانار ئۇرۇغى ، قارا تۇز ، پىششىق سىڭىر ، سىرىچاقان(سېرىق چاكاندا) لارنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ، شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، يۈرەك سىقىلىش ، دەم بوغۇلۇشنى ساقايتىدۇ.

    قورساق ئاغرىقىغا ئەم (داۋا): ئىككى سۇڭۇك (مىقدار سۆز) ئۆچكە گۆشىنى بىر قاچا مۇسەللەس ، بىر قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ سۈيى سۇۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە قورساق ئاغرىقى كېتىدۇ(توختايدۇ). (ئۇنىڭدىن باشقا) يەنە قارا چىڭسەيدىن تۆت باقىر (مىسقال؟) نى ۋە بىر بۇلۇڭ (چارەك؟) پاتمان قۇدۇنمۇقنى (؟) ئېرىتىپ ، ئاچ قورساققا ئىچىپ ئۇخلىسا قورساق ئاغرىقى توختايدۇ.

    ئايال كىشى (قورسىقىدىكى) بالىنى چۈشۈرىۋېتەي دېسە ، ئىت سۈتىنى ئىچسۇن ، تىز چۈشىدۇ. بالا ھەمرىيى چۈشمىسە ، قىچا ئۇرۇغىنى كۆيدۈرۈپ چاترىغىنى ئىسلاپ بەرسە تېز چۈشىدۇ.

    كۆز ئاغرىقىنىڭ ئەمى(داۋاسى): قارا ياغاچ قوۋزىقىنى ئادەم ئۆتى ، چوشقا ئۆتى ، ئۆچكە ئۆتى ، توشقان ئۆتى (بۇ تۆتىنىڭ قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ) بىلەن كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ، كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە تېز ساقىيىدۇ.

    كىمنىڭ قولتۇغى پۇرىسا ، ئۆپكىنى يەنجىپ ، ئۇدا ئۈچ كۈن قولتۇقىغا يېقىپ(سۈرتۈپ) بەرسە ، پۇرىمايدىغان بولىدۇ.

    بەش – ئون يىلغىچە ساقايمىغان جاراھەتكىمۇ ، ئۆپكىنى يەنجىپ سۈرتۈپ بەرسە ، ساقىيىپ كېتىدۇ . ئەگەر بۇنىڭ بىلەنمۇ ساقايمىسا قارا ئۇننى يار تۇزى بىلەن يۇغۇرۇپ ، خېمىرنى جاراھەتكە تېڭىپ بەرسە ساقىيىدۇ.تۆت تادۇ

    قايسى كىشى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ، (نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالسا) قارا ئۆچكىنىڭ يېتىم (ئوغلىقىنىڭ ) جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارىمۇچ سېلىپ ، ئوتكا كۆمۈپ كۆپۈگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.

    قايسى كىشىنىڭ سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ قالغان بولسا ، تۈكلۈك ئۆرۈكنىڭ پوستىنى ئېلىپ ، سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزسە ، سۈيدۈك يولى ئېچىلىدۇ.

    قايسى كىشىنىڭ يانپېشى ئاغرىسا ، ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى قارا ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، يۇغۇرۇپ ، خېمىرىنى يانپېشىغا ئۈچ كۈن يېقىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

    ئېغىز ئالمايۋاتقان يارىغا  ئىنەكنىڭ ، قوينىڭ مۈڭگۈزىنى سوقۇپ يېقىپ بەرسە ، پات ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ.

    تولغاق بولۇپ ساقايمىسا ، سۇڭپىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ قېتىققا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

    چىش ئاغرىقىغا داۋا: ئۈچ ياشلىق قارا كالىنىڭ تېزىكىنى تاۋىدا قۇرۇتۇپ ، چىشقا ياقسا ئاغرىقى توختايدۇ.تۆرت تادۇ

    قايسى كىشى ئالا ئەت (پىسە ) بولۇپ قالسا بېدىياننى يېرىپ ، ئىزىپ سۈيىنى پىسە بولغان يەرگە سۈرۈپ بەرسە ئالىسى يوقايدۇ .(پىسە ئاق كېسەلنى كۆرسىتىدۇ تۆت تادۇ).

    كەكلىك ئۆتىنى شىكەر بىلەن تەڭ ئۆلۈشتە قوشۇپ ، كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز يەنە ئېچىلىدۇ ، ساقىيىدۇ.

    يەنە كەكلىك ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، مۇسەللەس ياكى بوزىغا قوشۇ ئىچىپ بەرسىمۇ(بۇنداق مۇسەللەس ياكى بوزا مەست قىلمايدۇ تۆت تادۇ) كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز ساقىيىدۇ.

    تۆگە سۈيدۈكىنى باشقا سۈركىسە ، باشتىكى كېپەك يوقايدۇ.

    ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگۈزىنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇ بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

    قۇلاققا كىر توشۇپ قالسا ، قارىغۇ چاشقاننىڭ ئۆتىنى تېمىتىپ بەرسە ، قۇلاق ئېچىلىدۇ. يەنە ئۆلۈك مۈشۈكنىڭ  يېغىنى ئېرىتىپ ، سۈرۈپ بەرسىمۇ ئېچىلىدۇ. يەنە ئادەم گۆشىنى بۆرىلىك كۆز(؟) گە سۈرتسە ئېچىلىدۇ.

    تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ ، سوقۇپ ، تاسقاپ، دېمى سىقىلىدىغان كىشىگە ئىچۈرسە ساقىيىدۇ.

    ئايال كىشىنىڭ قورسىغىدىكى بالىسى ئۆلۈپ قالسا ، بىر سەر ئىت سۈتىنى ئىچۈرسە ، چۈشۈپ كېتىدۇ.

    غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىگە ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يېگۈزسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

    ئۈچ كۈنلۈك ئاچ قورساققا بىر قاچا زىغىر مېيى ئىچۈرسە ياخشى بولىدۇ ، كۆز قاراڭغۇلىشىپ ، كۆپ ياش ئاقسا ، زىغىر مېيىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

    ھەيز كۆپ كېلىپ توختىمىغان ئايالغا ، زەپەر ، ئىپار ، قوناق ئۇنلىرىنى مۇسەللەسكە  قۇشۇپ ئىچۈرسە  ساقىيىدۇ.

    يۈزىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەندە توخۇ تۇخۇمى بىلەن ئۆتىنى سۈرۈپ بەرسە يوقايدۇ.

    چىشىنى قۇرت يېگەندە ئۈزۈم سىركىسى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

    سىيگەك كىشىگە تۆگە گۆشىنى ئارپا يارمىسى بىلەن قاينىتىپ ئۈگرە قىلىپ بەرسە ئوڭشىلىدۇ.

     

     داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ....

    تەييارلىغۇچى: تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر كۆكيال.

    قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
    مەنبە:[url=][/url]
     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!