www.4tadu.com
  • ھەسەلنىڭ سىرىتتىن داۋالاشتىكى ئاجايىپ رولى - [تېرە كىسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73651782.html

    ھەسەلنىڭ سىرىتتىن داۋالاشتىكى ئاجايىپ رولى

    ئۇششۇك ۋە ئۇششۇك يارىسىنى داۋالاش

    ياللۇغلانغان ۋە سۇلۇق ئۇششۇك يارىسىغا ھەسەلنى قىزىتىپ ئوخشاش مىقتاردا سېرىق ۋازىلىن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ مەلھەمنى پاكىز داكىغا ئېلىپ يارا ئۇستىگە 2-3 قەۋەت قىلىپ تېڭىپ قويۇلىدۇ. ئادەتتە ئۇچ قېتىم دورا يەڭگۇشلەنگەندىن كېيىن ياللۇغ ۋە ئاغرىق ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. يەنە بىر قانچە قېتىم دورا يەڭگۇشلەنسە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئۇششۇك يارىسى بولسا ،ئاۋۋال يارىنى ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز تازىلاپ، ھەسەلنى سۇركەپ تېڭىپ قويۇش، كۇن ئارىلاپ ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر يارا ئېغىز ئالمىغان بولسا ھەسەلنى سۇركەپ تاڭمىسىمۇ بولىدۇ.

    ئوت ياكى قايناقسۇدا كۆيگەن كۆيۇكنى داۋالاش

     ئوت ياكى قايناق سۇدا كۆيگەن كۇيۇك يارىسىغا ھەسەل سۇركەپ قويسا، شەلۋەرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى، يارنىڭ ئەدەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىغىلى، يارىنىڭ ساقىيشىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ. دەسلىپىدە كۇنىگە 4-5 قېتىم سۇركىلىدۇ. يارا قېتىشقاندىن كېيىن كۇنىگە 1-2 قېتىم سۈركەپ قويسا كۇپايە بولىدۇ.

    جاراھەت ۋە سىرىتقى زەخمىلىنىشنى داۋالاش

    ئاستا خاراكتېرلىك جاراھەت بولسا %10لىك ھەسەل سۇيى بىلەن جاراھەت پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن ساپ ھەسەلگە مىلەنگەن داكا جاراھەتكە چاپلاپ قويۇلىدۇ ۋە كۇن ئارىلاپ بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدۇ. تېرە، مۇسكۇللار تاشقى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغاندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

    ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئەمچەك توپچىسى ئاسانلا يېرىلىپ قالىدۇ ۋە بالا ئېمىتكەندە قاتتىق ئازابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەمچەك توپچىسىغا ئازراق ھەسەل سۇركەپ قويسا ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

    قول-پۇت يېرىلسا، ئاۋۋال ئىسسىق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇپ كۇندە 1-2 قېتىم ھەسەل سۇركەپ قويۇلىدۇ. ئۇخلىغاندا سۇلياۋ بىلەن تېڭىپ قويسا تېرە سىلىقلىشىپ يارا تىز ساقىيدۇ.

    زىيادە سىزىمچانلىق تېرە ياللۇغى ۋە ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا 100مىللىلىتىر ھەسەلگە 10 گىرام سىنىك ئوكسىد، 20 گىرام كىراخمال ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ سۇركىلىدۇ. دورا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن تېرىدىكى قىزىل ئەسۋىلەر سېڭىشىپ، قىچىشش يېنىكلەيدۇ، سۇيدۇك لاتىسىدىن پەيدا بولغان تېرە ياللۇغى بولسا يەرلىك ئورۇن پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن بىر كۇندە 1-2 قېتىم ھەسەل سۇركەپ قويۇلىدۇ.

    ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردە زەخمىلەنسە چىش مىلىكى كېسەللىكلىرى، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق كېكىردەك ياللۇغى كۆرۇلسە %10 لىك ھەسەل سۇيى بىلەن ئېغىز چايقىسا ياكى ھەسەل سۇركەپ بەرسە ياللۇغ ساقىيىپ ئاغرىق توختايدۇ. بولۇپمۇ بۇۋاق بالىلارغا ياخشى ئۇنۇم بېرىدۇ.

    قوغۇن ئۇرۇقىنى يانچىپ ھەسەل بىلەن چىلان چوڭلۇقىدا كۇمۇلاچ تەييارلاپ، ئېغىزنى ئوبدان چايقىۋىتىپ دائىم شوراپ بەرسە ئادەتتىكى ئېغىز پۇراش تۇگيدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېغىز پۇراشنى كاكائو تالقىنىنى ھەسەلگە مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۇرۇپ ھەر قېتىم بىر قۇشۇقتىن كۇندە بىر قانچە قېتىم ئاستا-ئاستا يۇتۇش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ.

    پۇت يارىسىدا 100 گىرام يېڭى سازاڭ سوغۇق سۇدا پاكىز تازىلانغاندىن كېيىن 200 گىرام ھەسەل قويۇلغان بىر قاچىغا 10-12 سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ، ئاندىن سازاڭ ئېلىۋىتلىپ سازاڭ چىلانغان ھەسەل سۇزىۋىلىنىپ قاسقاندا دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ دورا تەييارلىنىدۇ. يارا ئەتراپى %2لىك يود ئىسپىرىت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىن %75لىك ئېتىل ئالكوگول بىلەن يۇدسىزلاندۇرلىدۇ ۋە %3لىك گىدور پېروكسىد سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ پاكىزلىنىدۇ. تەييارلانغان سازاڭ-ھەسەل سۇيۇقلۇقى پاختا پەلىكۇچ بىلەن يارىغا تەكشى سۇركىلىدۇ. كۇندە 3-6 قېتىمغىچە سۇركەپ بېرىلىدۇ. يارا ياخشىلانغاندىن كېيىن دورا سۇركەلگەن داكا يارا ساقايغىچە تېڭىپ قويىلىدۇ.

    ھۆسۇن گۇزەللەشتۇرۇش

    ھەسەل تەكرىبىدە نۇرغۇن ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاپ ماددا ئالمىششنى ھۇجەيرىلەرنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ قېرىشنى كېچىكتۇرىدۇ. تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە چىدامچانلىقىنى كۇچەيتىپ پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

    ھەسەل يەنە تېرىدىكى باكتىرىيە كېسەللىك مىكروبلىرى شۇنىڭدەك باشقا مىكرو جانلىقلارنى يوقىتىپ تېرىنىڭ قورغاقلىششىشى، قورۇق چۇشۇش، چىقان ،ئىسسىقلىق، دانىخورەك قاتارلىقلارنى داۋالاشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، بۇنىڭدا ھەسەلنى تۆت ھەسسە سوغۇق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ يۇزگە تەكشى سۇركەپ بەش مىنوت سىلاپ بەرسە بولىدۇ. 50 گىرام ھەسەلنى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قۇتىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يازدا توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. يەنە گىلىتسېرىن نى 4:3 نىسبەت بويىچە ياكى كالا سۇتى ئۇرۇك مېغىزى مېيى، لىمون شىرنىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":

    评论

  • رەخمەت جۇما ئەمدى بىلىۋالدىم
    كۆكيال回复پادىشاھ 说:
    بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلاردىن خۇرسەند بولدۇم. دائىم كىرىپ تۇرۇڭلار ، تېخىمۇ پايدىلىق تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن.
    2010-08-28 13:36:50
  • ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدنمۇ خېلى خەۋرىڭىز بارمۇ نىمە؟ بۇبىر ياخشى بىلوگ بوپتۇ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    كۆكيال回复wulkan说:
    ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە ئاپىرىن . ھەر ۋاقىت قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئىستەيمەن .ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئېنىق نېمە دەپ يېزىشنى بىلەلمىدىم .
    2010-08-25 13:54:22
  • ھەسەلنىڭ مۇنداق جىق رولىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز، ياخشى دورىلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىڭىزگە ئاپىرىن!
    كۆكيال回复dunyakara说:
    قەدەملىرىگە مەرھابا ، پايدىلىق نەرسىلەر ئەتراپىمىزدىلا تۇرۇپتۇ . يازمىلىرىم ھەر قايسىڭلارغا ئەسقاتسىلا مەن شۇنىڭدىن خۇش.
    2010-08-25 13:57:59
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!