www.4tadu.com
  • قەنت (دېئابىت) كېسەللىكى ھەققىدە - [بۆرەك-دوۋساق كېسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73537511.html

    قەنت (دېئابىت) كېسەللىكى ھەققىدە

     بۇ كېسەللىك قەدىمقى كىتابلاردا دىئابىتۇس ، دىئابىتىس ، زىيابىتىس دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇ كېسەللىك يەنە ئۈچ كۆپ بىر ئاز كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى ؛ كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، كۆپ سىيىش ۋە ئورۇقلاشتىن ئىبارەت.

    بۇ كېسەللىك سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق قاراشلار بار:

    بىرىنچى: بۆرەك ئاجىزلاپ ، بۆرەك كانالچىلىرىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ تۇلۇق يېپىلماي قېلىشى سەۋەبىدىن شىكەر ۋە سۇ كۆپلەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ئىككىنچى : بۆرەك مىزاجى سۇغۇقتىن بۇزۇلۇپ بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى داپىئە(چىقىرىش قۇۋۋىتى)سى كۈچىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    بۆرەك مىزاجى ئىسسىقتىن بۇزۇلۇپ ، بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتى جازىبە(تارتىش قۇۋۋىتى)خىزمىتى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    جىگەر ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار نورمال تەڭشەلمەي ،(جىگەر) بەدەندىكى سۇنى تۇتۇپ تۇرالماي قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە  شەيخ ، ساھىب كامىل، جۇرجانى قاتارلىق تېۋىپلارنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىن بولغاچقا بۇ يەردە كەلتۈرمەيمىز.

     

    قەنت كېسەللىكى بەدەندىكى نورمال  ماددا  ئالمىشىش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇمۇمىي بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كېسەللىك.  

    بۇ كېسەللىك ئاساسەن ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئەرلەردە ، بولۇپمۇ جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن كەم شۇغۇللىنىدىغان ، باياشات تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. قەنت كېسەللىكى قۇۋۋەتلىك تاماققا ، قوزغاتقۇچى دورىغا، جىنسىي ھەۋەسكە ، كۆپ ھاراق ئىچىشكە بېرىلىش، ئۇزۇن مۇددەت غەم-قايغۇ بىلەن ياشاش ، كۆڭۈل بىئارام ئۆتۈشتەك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    قەنت كېسەللىكى ئىسسىقتىن بولغان قەنت كېسەللىكى ۋە سوغۇقتىن بولغان قەنت كېسەللىكى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

    ئىسسىقتىن بولغان قەنت كېسەللىكىنىڭ داۋالاشنى قۇبۇل قىلىشى ، دورىنىڭ ئۆزلىشىشى قىيىن ، بۇ كېسەللىك ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ.

    ئاشقازان ئاستى بېزى ھەزىم سۇيۇقلۇقى ئىشلىيەلمىگەچكە ، ئەزالاردا گلۇكوزا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ ، نەتىجىدە قاندىكى قەنتنىڭ قۇيۇقلۇقى ئارتىپ كېتىدۇ. بكرەكنىڭ سۈيدۈكتىكى قەنتنى سۈزۈشىگە تەسىر يېتىپ ، كۆپلىگەن قەنت ماددىسى سۈيدۈك بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئىش ھەپتىلەپ – ئايلاپ داۋاملىشىۋەرگەچكە ، مەركىزىي نېرۋىمۇ قالايمىقانلىشىدۇ.

    قەنت كېسەللىكىنىڭ روشەن ئالامەتلىرى:

    بىرىنچىسى : پۇت-قول ئۇيۇشۇپ ، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلايدۇ.

    ئىككىنچىسى: بەدەن تېرىلىرى قىچىشىپ ، مۇدۇر – چۇقۇرلار پەيدا بولىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ ۋە كۆڭۈل بىئارام بولىدۇ.

    تۆتىنچىسى : ئاياللاردا جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ ۋە ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىق بولىدۇ.

    بەشىنچىسى : كۆپ ئۇسساپ ، كۆپ سىيىدۇ، سۈيدۈك ئاقۇچ ، كۆپۈكسىمان كېلىدۇ.

    ئالتىنچىسى: داۋاملىق قورسىقى ئاچقانلىقىنىلا ھېس قىلىدۇ. قەنت كېسەللىكىدە قان ۋە سۈيدۈكتە قەنت مىقدارى ئوخشاشلا يۇقىرىلايدۇ. يالغان قەنت كېسەللىكىدە بولسا قاندىكى قەنت مىقدارى نورمال بولىدۇ.

    داۋالاش ئۇسۇلى :

    ئىسسىقتىن بولغان قەن كېسەللىكى ئۈچۈن ؛

    ئارپا سۈيى ، ئاچچىق ئانار سۈيى ، غورا شەربىتى، لىمۇن شەربىتى، تۇرۇنجى شەربىتى ، قۇرسى كافۇر، قۇرسى زىيابىتىس، قۇرسى تاباشىر قاتارلىق دورىلاردىن قايسى تېپىلسا شۇنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

    تەرخەمەك ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى ، ئىسپىغۇل شىرىسى قاتارلىقلارمۇ مەنپەئەتلىك.

    سەندەل ، ئانارگۈلى، ئاقاقىيا، گىل ئەرمىنى ، ئارپا تالقىنى قاتارلىقلارنى ئۇسۇڭ سۈيى بىلەن ئىزىپ ئىنچىكە بەلگە چاپسىمۇ بولىدۇ.

    نىلۇفەر گۈلى ، بىنەپشە گۈلى ، قىزىلگۈل ، ئالما، بىھى، سۆگەت قاتارلىق خۇش پۇراق ۋە سۇغۇق تەبىئەتلىك گۈل-غازاڭلارنى كۆرپە قىلىپ ئۈستىدە ياتسىمۇ پايدا قىلىدۇ.

    باسلىق تۇمۇردىن قان ئالسا ھەم پايدا قىلىدۇ. 12گرام چىگىت مېغىزىنى سۇقۇپ ئاخشامدا قايناق سۇغا چىلاپ قۇيۇپ ئەتىسى ئۆزىنى يالغۇز ياكى  بۇزۇرى شەربىتى بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ھەم ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

    يىمەك ئىچمەك جەھەتتە ئاچچىق چۈچۈك غىزالار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن ؛ غورا سېلىپ تەييارلانغان ئاش ۋە ئاچچىقسۇ ، سىركە قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.  چۈنكى بۇلار سۇغۇق بولۇپ قورىغۇچى تەسىرگە ئىگە . تامىقى ئۈچۈن گۆش ، تۇخۇم بېرىلىدۇ. ئۇچار قۇشلاردىن كەپتەر شورپىسى تەييارلاپ بېرىش ياخشىراق . دانلىقلاردىن پىشۇرۇلغان نان ، پېچىنە قاتارلىقلار چەكلىنىدۇ ۋە شېكەر ، كەمپۈتمۇ چەكلىنىدۇ.

    سوغۇقىن بولغان دېئابىت ئۈچۈن ؛

    بۆرەكنى ۋە پۈتۈن بەدەننى قىززىتقۇچى ۋە قورىغۇچى دورىلار ، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

    ماددەتۇل ھايات قاتارلىق ئىسسىق  مەئجۇناتلار ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەگەر تازىلاشقا ئېھتىياج چۈشسە تۇرۇپ قايناتمىسى، ھەسەل سالغان سىركەنجىۋىل بېرىپ قۇستۇرىلىدۇ.

    بەدەن سىرتى  بەدەننى كۈچەيتكۈچى ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلىنىدۇ ، مەسىلەن قۇستە ۋە سەئدى ياغلىرىنى قۇندۇز قەھرى ، ئاقىرقەرھالار بىلەن قۇشۇپ ياغلىسا، غول ۋە بەلگە چاپسا بولىدۇ .

    ماددىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن يۇمشاتقۇچى دورىلار قايناتمىسى كىلىزما قىلىنىدۇ . گۈڭگۈرتلۈك ئارىشاڭغا چۈشسىمۇ پايدا قىلىدۇ.

    سۈيدۈك توختاتقۇچى مەئجۈن يەنى مەئجۈنى ماسكە بەۋل بېرىلىدۇ .

    ئۈچ دانە تۇخۇمنى سىركىگە بىر سوتكا چىلاپ كۈنىگە بىردىن ئۈچ كۈن يەپ بەرسىمۇ كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت قىلىدۇ.

    خام قاپاقنىڭ سىقىپ چىقارغان سۈيى، تەرخەمەك سۈيى ، ئاچچىق ئانار سۇلىرىنىڭ قايسى بىرى بولسا شۇنى ياكى ھەممىسىنى 62گرامدىن 84 گرامغىچە ئېلىپ ئىچسە بولىدۇ. بۇ دورا ئىسسىق زىيابىتقىمۇ پايدا قىلىدۇ.

    ئۇزۇقلىنىشى : بۆرەكنى قىززىتىش مەقسىتىدە نۇقۇتنى قاينىتىپ ، سۈيىنى ئىچىپ ، ئۆزىنى يېسە بولىدۇ. كەپتەر ۋە قۇشقاچ ، چۈجە،توخۇ، قىرغاۋۇل، چىل، كەكلىك  قاتارلىق جانىۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى كاۋاپ قىلىپ بېرىش، كۆپ كەپتەر شورپىسىغا نۇقۇت سېلىپ پۇشۇرۇپ بېرىش، سېمىز پاقلان گۆشىنى ئاز – ئازدىن شورپا قىلىپ بېرىش، كاۋاپ قىلىپ بېرىش، دانلىق ئاشلىقلارنى مۇمكىن قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم، تاتلىق نەرسىلەرنى ۋاقتىنچە چەكلەپ ، ئىستىمال قىلماسلىق لازىم.

     بۇ كېسەللىكتە پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاش بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى تەڭ ئېلىپ بارغاندا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بۇ كىسەللىكنى داۋالاشتا ئۈمىد قىلىنغان يۇقىرى ئۈنۈم ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېسەللىكنىڭ مەيلى ئىسسىقتىن ياكى سۇغۇقتىن بولغان تۈرى بولسۇن دوختۇرخانىلار، تېبابەت ئورۇنلىرى ئۆزىنىڭ داۋالاش تەرتىپىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ھەزىم سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەش ئىقتىدارىنى تىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ، بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى ئاشۇرۇش، مەركىزى نىرۋا سىستىمىسىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى داۋالاشنى تۇلۇقلاش كېرەك؛

    بىرىنچى : پانتوكرىن (يەنى بۇغا مۈڭگۈزى ئۇكۇلى)دىن ئىككى ئامپۇلنى مۇسكۇلغا ئۇكۇل قىلىش كېرەك.

    ئىككىنچىسى : ھەسەل جەۋھىرىدىن كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن بىر ئىستاكان قايناق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈش كېرەك.

      ۋېتامىن ب1 ب2 ب  ب 6 ۋە ATP ئۈچىنچىسى:

     ۋېتامىن س تابلىتلىرىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئىككى تالدىن يېگۈزۈش كېرەك.

    ئەگەر ئىسسىقتىن قوزغالغان قەنت كېسەللىكىدە قان بېسىمى ئۆرلەش خەۋپى سېزىلسا چايغا تەڭ نىسپەتتە ئەپتىمۇن ، چىگە گۈلى ، قوناق ساقىلى ، ئۇچقۇر پاقا پاراشوكلىرىنى كۈندە 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىش كىرەك.

    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:

    ئىكسىرى ئەزەم

    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى (تۆرتىنچى توم)

    جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش

     

    تېما تەييارلىغۇچى : تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر(كۆكيال)

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": دېئابىت بۆرەك
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!