-
شەربىتى ئانار ۋە ئۇنى تەييارلاش - [دورا تەييارلاش ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73332068.html
شەربىتى ئانار ۋە ئۇنى تەييارلاش
بىرىنچى. تاتلىق ئانار شەربىتى :
ياخشى پىشقان تاتلىق ئانار سۈيى 1500 مىللىلىتىر .
شىكەر بىر كىلوگرام .
تەييارلىنىشى :
ئانارنى دانىلاپ سىقىلىدۇ . ئۆلچەمدىكى ئانار سۈيى بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ مۇلايىم ئوتتا دىققەت بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.
تەبىئىتى : مۆئدىتىل.
تەسىرى: يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، قان كۆپەيتىدۇ ، يۆتەل توختىتىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلىرى؛ يۈرەك ئاجىزلىقى ، كەم قانلىق ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن قان يوقاتقانلارغا قاننى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ھەر خىل قاناش كېسەللىكلىرىگە قاننى توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەي كېسەللىكلىرىدە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ، رەڭگى- روھىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 8-15 مىللىگرامغىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى : شەربىتى ئانار
ئاچچىق ئانار سۈيى 500 گرام ، تاتلىق ئانار سۈيى بىر كلوگرام ، شىكەر ئۈچ كلوگرام .
بۇمۇ يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە قىيام قىلىنىدۇ .
تەسىرى : يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، قان كۆپەيتىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر يۇقارقى بىلەن ئوخشاش .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بەش ياشقىچە بولغان بالىلارغا 2-5 گرام ، 5-10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 5-8 گرام ، چوڭلارغا 50 گرامغىچە بېرىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
评论