-
گىلاسنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73811281.html
گىلاسنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى:
Tomenin خېمىيىلىك تەركىبى: ، (
Catehin گىلاس گىلۇكوزىدى
C ۋېتامىن Amygdalin Glcose Cenkwanin Sakuranetin
، مېۋە قەنتى ، بىر نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: قىزىتما قايتۇرۇش ، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق .
خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى ماددىسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش ،
قان تازىلاش،تېرىنى قۇۋۋەتلەش ، ئۇنىڭدىن باشقا قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆكرەكنى بوشىتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈش،ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ، تۇتۇش ۋە پارقىرىتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يېڭى ۋە تاتلىق گىلاس گال ۋە كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى ، يۆتۈل ۋە قەۋزىيەت ئۈچۈن ، چۈچۈمەل گىلاس قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
گىلاس تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
قۇرۇغان تاتلىق گىلاسنى بەدىيان بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
گىلاس سۈيىنى يۈزگە سۈركەپ بەرسە پارقىراق قىلىدۇ.
گىلاس شەربىتى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بكرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ . (شەربەت تەييارلاش بۇ تېمىنىڭ بېشىدا يەنى ئالمىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلدى ، شۇ بويىچە تەييارلانسا بولىدۇ).
تاتلىق گىلاسنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا گال قۇرۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، كۆكرەك ۋە گال يىرىكلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : 2-4 تال
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى : قارىمۇچ ۋە تۇزلۇق تاماقلار.
ئورۇنباسارى: ئەينۇلا
تەييارلىغۇچى: تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر كۆكيال
收藏到:Del.icio.us