www.4tadu.com
  • سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ھەققىدە - [ساقلىق ساۋاتلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73904954.html

    سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ھەققىدە

     

    سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش تەدبىرى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل بولغان كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ياش، قۇۋۋەت  ۋە تاشقى سۈپەتلەر ھەمدە يىل پەسلى بۇنىڭغا ماس بولۇشى كېرەك.

    يۇيۇنغۇچى ئاشقازان بۇزۇلۇش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە نەزلە كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ بالا ياكى قېرى بولماسلىقى كېرەك. بەدىنى تېتىك ، ھەرىكەتلىرى ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك. سۇغۇق سۇدا ئىسسىق سۇدىن كېيىن بەزىدە بەدەننى كۈچەيتىش، تۇغما ھەرىكەتنى بەدەندە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇش كېرەك. شۇ مەقسەتتە سۇغۇق سۇدا يۇيۇنغۇچى سۇنىڭ ئۇنچە سۇغۇق بولماي ئوتتۇراھال بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . بىر كىشى ئەگەر سۇغۇق سۇدا يۇيۇنماقچى بولسا ، بۇ .ئىشنى ئۇ ئاستا باشلىشى كېرەك ۋە ئىسسىق ياز كۈنىنىڭ چۈش مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم چۈشۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ كۈنى شامال بولماسلىقى كېرەك.

    جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن سۇغۇق سۇغا چۈشمەسلىك كېرەك. شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىن ۋە تاماق ھەزىم بولۇشتىن ئاۋۋال ، قۇسۇشتىن كېيىن ، ھەيزدىن كېيىن، ئۇيقۇسىزلىقتا ، بەدەننىڭ ۋە ئاشقازاننىڭ زەئىپلىكىدە ، تەنتەربىيىدىن كېيىن سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئادەملەر مۇستەسنادۇر.شۇنىڭدەك ، ئېيتقىنىمىزدەك مىقداردىلا يۇيۇنۇشى كېرەك. سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش دەرھال تۇغما ئىسسىقلىقنى بەدەننىڭ ئىچىگە قامايد

    ۇ ، كېيىن ئۇ يەنە بەدەن تاشقىرىسىغا بىر نەچچە قېتىم كۈچەيگەن ھالدا چىقىدۇ.

    ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا(تېبابەت قانۇنىدىن ئېلىندى)

    تېما تەييارلىغۇچى : تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر كۆكيال 

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": يۇيۇنۇش سۇ
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!