www.4tadu.com
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74249657.html

    ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى

    ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى

    نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تىببى خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىشى ۋە تەتقىقاتى جەريانىدا كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۈۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
    1. ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش. بۇ خىل ھالەت ئادەتتە، 9 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بىرىدۇ. ئاغرىق ئۆزلىگىدىن توختاپ قالىدۇ.
    2. ھەيىزدىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: نۇرغۇن خانىم – قىزلار ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا، كۆكسى سىلكىنگەندە ياكى بىر نەرسىگە تەگكەندە بىئارام بولغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ھەيىز كېلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇن ئاجىرىلىپ چىقىرىپ، سۈت بېزى ئاجىرىلىپ چىقىرىلىپ، كۆكسىنىڭ ئىچىدىكى قىلىدىغان سۇلۇق ئىششىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيىز كېلىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كىتىدۇ.
    3. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئادەتتە ئاياللار ھامىلدار بولۇپ 40 كۈنلەر بولغاندا، بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئاياللىق ھورمۇن، پىروگسىتىن، پىرولەكتىن ئاجىرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنى چوڭايتىپ، كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز.
    4. تۇغۇتتىن كىيىنكى كۆكىسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى : تۇغۇتتىن كىيىن 3كۈندىن 7 كۈنگىچە دائىم بىر جۈپ كۆكسىنىڭ چېڭقىلىپ، تولۇپ، تۈگىمىسى قاتتىقلىشىپ ئاغرىيدۇ. بۇ لىمبا سۇيۇقلىقىنىڭ يىغىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ۋىنا تومۇرىنىڭ تولىشى ۋە ئارىلىقتىى سۇلۇق ئىششىقنىڭ سەۋەبىدىن سۈت بېزى راۋان بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    5. بالا ئالدۇرۇشتىن كىيىنكى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى : بۇنىڭدا ھامىلدارلىق تۇيۇقسىز ئاياغلىشىپ، بەدەندىكى ھورمۇن تۇيۇقسىز تۈۋەنلەپ، ئەمدىلا تەرەققىي قىلغان كۆكرەك يوغىناشتىن توختىغاچقا كۆكرەكتىكى سۈت بېزى پارچىلىرى ھەم كۆكرەك ئاغرىيدۇ.
    6. جىنسى مۇناسىۋەتتىكى كىيىنكى كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشى : كۆكرەك بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ  فىزىئۇلۇگىيىلىك مۇناسىۋىتى بار. جىنسى ھەۋىسى ئاجىز ۋە جىنسىي تۇرمۇشتا كىلىشەلمىگەنلەر جىنسىي قانائەتكە ئېرىشەلمەي.كۆكرەككە قان تولۇپ، ئاسانلىقچە يانماي ياكى تولۇق يانماي ئىزچىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرىدۇ.
    ئاياللارنىڭ بۇ ھالەتلەر ئۈچۈن غەم يەپ كىتىشىنىڭ ئورنى يوق. لېكىن كۆكرەك ئۇزۇن مۇددەت چىڭقىلىپ يانمىساي ئېغىرلىشىۋەرسە، ياكى كۆكرەكنى تۇتقاندا ئىگىز پەسلىك ياكى ئوڭغۇل دۇڭغۇللۇق بايقالسا، قىرى ئېنىق بىلىنمىسا  ھەركەتلەنمەيدىغان ئىششىق بايقالسا دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىشى كىرەك.

    نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئىششىيدىغان سەرگۈزەشتىسى بار. لېكىن كۆپىنچىسى بۇنى كىچىك ئىش  دوختۇرغا بارمايدۇ. لېكىن بۇ بىر خاتا قاراش. مۇتەخەسىسلەرنى تونۇشتۇرىشىچە، ھەيىز كىلىشتىن بۇرۇن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن، ياكى تۇخۇم ئاجىرىتىپ چىقارغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، ئىچ كىيىم سۈركەلگەندە يېقىمسىزلىنىش ھالىتى بولسا ئاغرىققا تەۋەدۇر. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىق ۋە سۈت بېزى ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
    ھەيىزدىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش بىر كىسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆكسى كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە خېلى ئۇچرايدۇ. ئەگەر مەلۇم باسقۇچتا، ئىچكى ئاجراتما سېستىمىسى ياكى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىسا، قالايماقانچىلىق يۈز بەرسە، ھەيىزنىڭ كېلىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ كۆكسىگە تەسىر قىلىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىم كۆرۈلدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ھەيىز كېلىشتىن ئىلگىرى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتۇر. ئەگەر تىگىشلىك داۋالاش ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەيىزدىن بۇرۇن باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، يىنىك دەرىجىدىكى ئىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيىزدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىسىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكرار يۈز بېرىدۇ. بۇ مىدىتسىنادا ھەيىزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش يىغىندا كىسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كىسەل ئۇزارغانسېرى سۈت بېزى ئاغرىقى، سۈت بېزى ئۆسمىسى، ھەيىز قالايماقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيىز ۋاقتى قالايماقانلىشىش، ھەيىز توختاش ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    جۇڭگۇ تىبابىتىدە، ھەيىزدىن ئىلگىرى كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نۇرمالسىزلىقى، قان قېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
    1.سەپىرا تۈگۈلىۋىلىش : بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى نۇرمالسىز، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولۇپ، كۆكسى چىڭقىلىپ، تۇتسا ئاغرىغاندىن باشقا، ئىچى تىتىلداش،پەي- ئۇستىخانلىرى ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، بىلىنىڭ ئاستى ئىككى تەرىپى ئاغرىش، ھەيىزدە قارارەڭلىك قان ئۇيۇتمىسى كېلىش، جىسنىي تۇرمۇشى تەرتىپسىزلىنىش، يۈزىگە قارا داغ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كېلىدۇ. جىگەر ۋە ئاشقازاننى داۋالىغاندا، لىندىرا دەرىخى يىلتىزى، كۆركۈم گۈلى، بەرغەمۇت،
    <<ئائىلە دوختۇرى >>ژورنىلىدىن رىسالەت تەرجىمىسى
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": كۆكسى
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!