www.4tadu.com
  • ئاق خۇننى توختاتقۇچى ۋە ھەيزنى نورماللاشتۇرغۇچى رېتسىپلار - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75462122.html

    ئاق خۇننى توختاتقۇچى ۋە ھەيزنى نورماللاشتۇرغۇچى رېتسىپلار

     

    كۆك بۇيا ئۇرۇقىدىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 3-5 دانىغىچە 10 كۈن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئاق خۇن نورمالسىز  كېلىشنى داۋالايدۇ .

     

    ئەسكەرتىش : بۇ دورىنى ئىچىش جەريانىدا باش قېيىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە زىرە شەربىتى ئىچۈرسە دەرھال ياخشىلىنىدۇ.

     

    كاۋاۋىچىن ، قارىمۇچ 50 گرامدىن ، قىزىل قولتۇق پاقا 100 گرام ، ناۋاتتىن 500 گرام ئېلىپ ، يۇمشاق تالقان قىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ قۇشۇقتىن ئىچىپ بەرسە ئاق خۇن نورمالسىز كېلىشنى داۋالايدۇ .

     

    يىلاننىڭ بېشى ۋە قۇيرۇق تەرىپىدىن بىرلا قېتىمداە پىچاق ئۇرۇش شەرتى بىلەن 10 سانتىمىتىردىن كىسىۋېتىپ ، ئوتتۇرا قىسمىنى تازىلاپ قۇرۇتۇپ ، ئۇنى يۇمشاق سۇقۇپ ، يۇلغۇن مېۋىسىدىن 50 گرام ۋە ئانار پوستىدىن 50 گرام ئېلىپ ئۇنىڭغا يەنە يالپۇز گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سۇقۇپ بىر گرامدىن كۇمۇلاچ ياسىلىدۇ .  

     

    بۇ كۇمىلاچ ئادەتتىن تاشقىرى ھەيز كېلىشنى داۋالايدۇ . پەي -مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ . ئاق خۇنغىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ .

     

    ئاقلانغان ئەدەس(پۇرچاقنىڭ بىر خىلى ) ئاچچىق ئانارنىڭ پوستى ۋە ئامۇتنىڭ قۇرۇق يۇپۇرمىقىنى بىر ھەسسىدىن ئېلىپ تالقان قىلىپ ، بۇنىڭدىن زىمات (قۇيۇق – سۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق بولغان سۈرتمە) تەييارلاپ قورساق ، غول ، ۋە جىنسىي ئەزانىڭ ئۈستىگە چېپىپ بەرسە ھەيز كۆپ كېلىشنى داۋالايدۇ ۋە ئۇنى نورماللاشتۇرىدۇ.(يۇقارقى رېتسىپقا كۆك موزا قېتىپ تەييار قىلسىمۇ بولىدۇ.)

     

    ئاپتاپپەرەس غولىنىڭ پوستىنى سۇيۇپ، ئىچىدىكى ئاق قىسمىدىن 30 گرام ئېلىپ ، ئىككى پىيالە سۇدا قاينىتىپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىچۈرسە قان ئارىلاش كەلگەن ئاق خۇنغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

     

    ھۆل سىمىز ئوتنى سىقىپ ، سىقىلغان سۈيىدىن بەش قوشۇققا مۇۋاپىق مىقداردا تۇىۇم ئېقى قۇشۇپ ئىچسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .

     

    500 گرام سۈتكە 250 گرام ھەسەل قۇشۇپ قاينىتىپ سۈتى تۈگەپ ساپ ھەسىلى قالغاندا ئېلىپ ، دىزىنفىكسىيەلەنگەن داكىغا ئوراپ ھەر كۈنى ئاخشىمى جىنسىي يولغا تىقىپ قۇيۇلىدۇ .

     

    موزا، گىلى ئەرمىنى ، ئانار پوستى، كەتىرا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ ، ئانار سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ ،  شامچە تەييارلاپ كۈندە بىر قېتىم بىر ھەپتىگىچە جىنسىي يولغا قويۇلىدۇ .

     

    يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن 100گرامنى يۇمشاق سۇقۇپ ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ كۈندە ئىككى ۋاخ ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن يېيىلىدۇ .

     

    ئانار پوستىدىن 60 گرام ، مامرانچىنىدىن 10 گرامنى چالا سۇقۇپ قاينىتىپ ، سۈيىدە جىنسىي ئەزا يۇيۇلىدۇ .

     

    خولىنجاننى چالا سۇقۇپ قاينىتىپ سۈيىدە جىنسىي ئەزا يۇيۇلىدۇ .

     

    كاۋاۋىچىن ۋە ئانار پوستىدىن 30 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىدە جىنسىي ئەزا يۇيۇلىدۇ .

     

    ئانار پوستى 50 گرام ، موزا 20 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، سۈيىدە جىنسىي ئەزا يۇيۇلىدۇ .

     

    ئانار گۈلقەنتى ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ .

     

    كۆيدۈرۈلگەن بۇغا مۈڭگۈزى 80 گرام ، كەھرىۋا تالقىنى 20 گرام ، كۆيدۈرۈلگەن چىلخۇزا كۈلى 15 گرام ، موزا 30 گرام ، ئانار پوستى 80 گرام ، ئانار گۈلى 60 گرام ، قارا شىكەردىن 150 گرام ئېلىپ يۇمشاق تالقانلىنىدۇ ۋە كۈندە ئىككى قېتىم يېرىم قۇشۇقتىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلىدۇ ،

    يۇقارقىدەك تەركىبلەنگەن تالقان توسالغۇلارنى ئېچىپ ، بۇزۇلغان قاننى تازىلايدۇ . قىزىل ۋە ئاق خۇن زەردابى ۋە يىرىڭلارنى تازىلاپ قۇرۇتىدۇ . با؛ىياتقۇنىڭ ئىششىق ۋە جاراھىتىنى ياخشىلاپ ئاغرىق توختىتىدۇ .

    ئانار گۈلى ، تاجىگۈلنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ، قىزىلگۈل ، خوخىنىڭ غولى ۋە يۇپۇرمىقى 12 گرامدىن ، سۇمبۇل ۋە گاۋزىۋان ، خەشخەش پوستى ئۈچ گرامدىن ئېلىپ چالا سۇقۇپ تەييارلاپ قۇيۇلىدۇ . ئاندىن ھەر قېتىمدا بىرچىمدىم ئېلىپ قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىشكە بېرىلىدۇ .

     

    بۇ كاشكاپ خۇننى توختىتىدۇ ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ ۋە يۈرەك ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ .

     

    ھەببۇلبان ، زاراڭزا چېچىكى ، ئاغىچە ، سانا قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ .

     

    ئاپتاپپەرەس يۇپۇرمىقى ۋە گۈلىنى سىقىپ سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ (ھامىلدارلار ئىچمەسلىكى كېرەك)

    ئاپتاپپەرەس يۇپۇرمىقى بەش گرام ،زاراڭزا چېچىكى بەش ەرام ۋە خياشەنبەردىن 15 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ .

     

    جۇزنەك ، داڭگۇي ۋە ئاق چۇغلۇقنى قاينىتىپ ئىچسە ھەيز كەلمەسلىك ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

     

    ئاپتاپپەرەس گۈلى ، زاراڭزا گۈلى 100 گرامدىن كۈنجۈت 20 گرام ، سانا 15 گرام ۋە بىنەپشىدىن 10 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە دەملەپ كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ .

     

    تاجىگۈل ئەنجىباھار ، ئاق سەندەل 10 گرامدىن ۋە  قىزىلگۈلدىن يەتتە گرام  ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە  ھەيزنى توختىتىدۇ .

     

    ئانار گۈلى ، ئانار پوستى ، ئاقاقىيا ، ئەنجىباھار ، بەللۇت قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە خۇن تەۋرەشكە شىپا  قىلىدۇ .

     

    ياچىۋەك تۇخۇمى ، سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى ، ئالقاتتىن 12 گرامدىن ، قانتىپەردىن 16 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە  ، بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان ئاق خۇن كۆپ كىلىش ، بەل تېلىپ ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .

     

    ئانار گۈلى ، ئەنجىباھار ، خۇنسياۋشان يەتتە گرامدىن ، باشاق مۈڭگۈزىدىن بەش گرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ  كاپ ئىتىپ بەرسە ، بالىياتقۇدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ ۋە بالىياتقۇنى چىڭىتىدۇ .

     

    لىپەكگۈل ، بۇۋانە ، چۈچۈكبۇيا ، قاقىرا تۇمشۇق ۋە داڭگۇيلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ ، قارا شىكەر ، ئاق شىكەر ۋە ناۋاتلارنىڭ ھەر بىرىدىن 250 گرامدىن قۇشۇپ  شەربەت تەييارلاپ  كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 5-10 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەيدۇ . بەل – پۇت ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ .

     

    لىپەكگۈل 12 گرام ،شاپتۇل مېغىزى 12 گرام ۋە داڭگۇيدىن 24 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.

     ياڭاق پاسىلىنى قۇرۇتۇپ ، سۇقۇپ ، تەڭ مىقداردا شىكەر ئارىلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر چىمدىم دورىنى سۇ بىلەن يىگۈزۈلسە ، بالىياتقۇدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش ئۈچۈن پايدىلىق .

     

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىدى.

     

     

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": ئاق خۇن ھەيز
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!