www.4tadu.com
  • ئەۋرىشىم ۋە ئەۋرىشىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75286369.html

    ئەۋرىشىم ۋە ئەۋرىشىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى 

     

    بۇ پىلە پەرۋانىسىنىڭ غوزىسى بولۇپ ، تېبابەتتە ئەۋرىشىم نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

     

    ئىشلىتىشتە پىلە غوزىسىنى تازىلاپ ، قۇرتىنى ئېلىۋېتىپ ، قىرقىپ ئىشلىتىلىدۇ.

     

    خىمىيىلىك تەركىبى: ئۈجمە يۇپۇرمىقىدا بېقىلغان پىلە غوزىسىنىڭ تەركىبىدە سۇ ، كۈل ماددىسى ، %91 ئاقسىل ۋە تالالىق ماددىلار بار.

     

    پارماكولوگىيەلىك تەسىرى : پىلە غوزىسىنىڭ ئۆت ئىشقارىنى ئىشلەپچىقىرىش رولى بار.

     

    تەبىئىتى: خام پىلە غوزىسى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

     

    خۇسۇسىيىتى : يۈرەك ، مېڭە ، باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئاغرىق پەسەيتىش، بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆڭۈلگە  خۇشلۇق كەلتۈرۈش، مالىخۇلىيا ، سەرئى، يۆتەل ، زىققە، كۆز جاراھەتلىرى ۋە كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

     

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : يۈرەك ، مېڭە ، باھ ۋە ئۇمۇمىي ئاجىزلىقى، ئاغرىق پەسەيتىش، بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرۈش ، بەلغەم بوشىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش.........

     

    پىلە غوزىسى تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ

     

    بىرىنچىسى: ئۈستىقۇدۇس، سۇمبۇل، بادرەنجى بۇيا، سېرىقئوت، پىلە غوزىسى قاتارلىقلاردىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ شەربەت  تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ.

     

    ئىككىنچىسى: پىلە غوزىسى ، گاۋزىۋان، نىلۇپەر ، ئاق سەندەل ھەر بىرىدىن 10 گرام ، بىدىمىشكىدىن يەتتە گرام  ئېلىپ چالا سوقۇپ  چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

     

    ئۈچىنچىسى : ئۈچ گرام پىلە غوزىسىنى ئىككى گرام كەھرىبا بىلەن قۇشۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئەزالارغا سەپسە  جاراھەتنى پۈتتۈرۈش تەسىرىنى بېرىدۇ.

     

    شەربىتى ئەۋرىشىمنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى

     

    ئەۋرىشىم 500 گرام ،        زەپەر  10 گرام

    خولىنجان 30 گرام          شىكەر 300گرام

    مەستىكى 30 گرام          سۇ 4000 مىللىمىتىر

    ئىگىر 30 گرام .

    تەييارلىنىشى : پىلە غوزىسىنى قۇرۇتىدىن پاكىز تازىلاپ ،  قايچا بىلەن ئۇششاق قىرقىپ ، نىپىز ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.  ئۇنىڭغا ئىگىر ، خولىنجان قاتارلىق دورىلارنى چالا سوقۇپ  قوشۇپ ، ئۇلارنى سىرلىق تۇڭ ياكى ئەينەك شېشە ۋە ياكى قەلەيلەنگەن قاچىغا سېلىپ ، نۇسخىدىكى سۇغا (گۇلاپ ئىشلىتىلسە تېخى ياخشى) ئۈچ كىچە – كۈندۈز چىلاپ قۇيۇلىدۇ. ئاندىن يۇمشاق ئوتتا سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ ، تەمى چىققاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى  سىقىپ ، سۈزۈپ ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ يەنە يۇمشاق ئوتتا قاينىتىپ قىيامى تەڭشەلگەندە قىيامىنى سۇۋۇتۇپ ، زەپەر بىلەن مەستىكىنى يۇمشاق تالقانلاپ ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

    تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

    تەسىرى: يۈرەك ، مېڭە،جېگەرنى قۇۋۋەتلەش  تەسىرىگە ئىگە .

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلىرى : ھەر خىل قۇرۇق سۇغۇقتىن بولغان نىرۋا ، يۈرەك ، ئۆپكە ، ئاشقازان ، ئۈچەي ، جىگەر كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ، ھەمدە بەدەننى سەمرىتىش، جىنسىي ئاجىزلىقنى ياخشىلاش، رەڭگى – روھىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: چوڭلارغا بىر كۈندە ئۈچ قېتىم 6-12 مىللىمىتىرغىچە ، بالىلارغا مىقدارىنى كېمەيتىپ بېرىلىدۇ.

     

    باشقىسى:

    خام پىلە 900گرام، گاۋزىۋان 80 گرام ، بادىرەنجىبۇيا 45 گرام، قەنت 900 گرام ، ئەنبەر ۋە ئىپار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش ۋەرەق ، مەرۋايىت ۋە مەستىكىلەردىن ئالتە گرامدىن .

    تەييارلىنىشى؛

    ئاۋۋال پىلىنى داغمال سۈيىگە بىر سوتكا چىلاپ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ ، سۈزۈپ قويۇپ ، گاۋزىۋان ، بادرەنجىبۇيىلارنى ئايرىم سۇدا ئۈچتىن بىرسى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ پىلە قاينىتىلمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، قەنتنى سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سۇۋۇغاندىن كېيىن ، قالغان دورىلارنى سالايە قىلىپ سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى:  سەۋدانىڭ كۆپلىكى ، مالىخۇلىيا ، يۈرەك تىترەش، بۇۋاسىر، مىڭە ، يۈرەك ، جىگەر ئاجىزلىقلىرىنى داۋالايدۇ.

     

    باشقىسى

    پىلە غوزىسى 900گرام ، ئەرقى گاۋزىۋان ، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى شەتارى  بىر كىلو 800گرام ، ئالما سۈيى ، بىھى سۈيى ، ئامۇت سۈيى ، ئانار سۈيى ، 600گرام ، مەستىكى ، جۇيۇز ، سۇمبۇل ، بەسباسە ، زەپەرلەر 3 گرامدىن ، لىچىندانە ، قەلەمپۇر ، ئۇد ھىندى ، سازەنج ھىندى 4.5 گرامدىن ، دارچىن 9 گرام ، قەنت بىر كىلو 800گرام ، ھەسەل 600گرام ، ئالتۇن ۋەرەق 3 گرام ، كۈمۈش ۋاراق 9 گرام ، ئىپار بىر يېرىم گرام.

    تەييارلىنىشى : پىلىنى ئەرەقلەر ۋە مىۋىلەر سۈيىگە بىر سوتكا چىلاپ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ، پىلىنى سىقىپ سۈزۈپ تاشلاپ ، مەستىكىدىن دارچىنغىچە بولغان دورىلارنى چالا سوقۇپ يانچۇق خالتىغا قاچىلاپ دورىلار سۈيىگە تاشلاپ ، يەنە قاينىتىلىدۇ. قايناپ يېرىمى قالغاندا خالتىنى سىقىپ سۈزۈپ تاشلاپ ، قەنت ۋە ھەسەللەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىنىدۇ.  قىيام بىر ئاز سۇۋۇغاندىن كېيىن قالغان قىممەتلىك دورىلارنى يۇمشىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى: رەئىس ئەزالارنى ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدۇ. مالىخۇلىيا ۋە خەفەقاننى داۋالايدۇ. سەۋدا ماددىلىرىنى پەسەيتىدۇ.

     

    باشقىسى

     

    خام پىلە غوزىسى 370 گرام ، گاۋزىۋان ، بادىرەنجىبۇيا ، ئۈستىقۇددۇسنىڭ ھەر بىرىدىن 185 گرام ، تاۋلانغان تۈمۈر سۈيى ۋە ناۋاتنىڭ ھەر بىرىدىن ھاجەتكە لايىق ئېلىنىدۇ. پەرەنجىمىشكى ئۇرۇقى 37 گرام، ئاق سەندەل 17.5 گرام ، ئۇد ھىندى 9.25 گرام، پورتىخال پوستى، سازەنج ھىندىنىڭ ھەر بىرىدىنمۇ شۇنچىلىك.

     تەييارلىنىشى :

    دەسلەپكى تۆت خىل دورىلارنى تۈمۈر سۈيىگە مۇۋاپىق ھالدا چىلاپ قاينىتىپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قۇشۇپ قىيام قىلىپ ، ئاندىن قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ  تاسقاش ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

    تەسىرى :

    ھەر خىل قالايمىقان ئوي – خىياللارنى ، خاپىقاننى يوق قىلىش ، يۈرەك ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.

    ھەر كۈنى ناشتىدا 20 گرام دورىنى 74 گرام ئەرقى گاۋزىۋان ۋە 50 گرام ئەرقى بىدىمىشكى بىلەن ئىچىدۇ.

     

    باشقىسى : ماكلانغان پىلە بىر كىلوگرام ، سۇ ئالتە لىتىر.

    پىلىنى سۇغا چىلاپ ، ئەرەق قازىنىغا سېلىپ پارلاندۇرۇپ ، سۇۋۇتۇپ  تېمىتىش ئارقىلىق 2.5 لىتىر ئەرەق ئېلىنىدۇ.

    تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .

    يۈرەك رېتىمسىزلىقى ، يۇقىرى قان بېسىمى ، قان تۇمۇر قېتىش، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    باشقىسى

    پىلە 500گرام                 پىلپىل 350 گرام

    بىدىمىشكى 250 گرام        سۇمبۇل 300گرام

    ئاق سەندەل250گرام         ئالما    3000گرام

    گاۋزىۋان 700گرام            سۇ    4.5 لىتىر

    بادىرەنجىبۇيا700گرام

     

    دورىلارنى سۇغا چىلاپ ، ئەرەق قازىنىغا سېلىپ 24 سائەت تۇرغۇزۇپ ، ئاندىن پارلاندۇرۇپ ، سۇۋۇتۇپ تېمىتىش ئارقىلىق  ئىككى لېتىر ئەرەق ئېلىنىدۇ.

    تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق .

    يۈرەك ئاجىزلىقى ، يۈرەك چالاڭغۇراش، قان – تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا بولۇش ، ئۇيقۇسىزلىق ، نىرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    پايدىلانغان ماتىرىياللار :

    ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى

    ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار خەزىنىسى

    مۇرەككەپ دورىلار خەزىنىسى

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى

    ئۇيغۇر تېبابىتى داۋاسازلىق ۋە مۇرەككەب دورىلار ئىلمى

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىدى.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": يۈرەك ، مېڭە باھ
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!