-
ئۆزىگە خاس ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە رېتسىپ تۈرلىرى1-40 - [رېتسىپ خالتىسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/75208680.html
ئۆزىگە خاس ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە رېتسىپ تۈرلىرى
بىرىنچىسى : توقۇلمىلارنى ئويغۇچى ، زېدىلەندۈرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە تارقاتقۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئارتۇقلىقىدىن توقۇلما ۋە ئەزانى يوق قىلىدۇۋە گۆشىنى يەيدۇ ، مەسىلەن : مەلھىمى ئىسپىداچ، سۇفۇفى مۇدارسەنگى، مەلھىمى تەنبا.....
ئىككىنچىسى : شورىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە سۈمۈرۈشچانلىقى تۈپەيلىدىن خىلىت تەركىبىدىكى ھۆللۈكنى تارتىپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماددا بەدەندىن ئوڭاي چىقىدۇ. مەسىلەن : ئەتتۇسى (چۈشكۈرتكۈچى) مۇقەۋۋى دىماغ ، ھەببى غارىقۇن ، ئەتتۇسى پالەچ....
ئۈچىنچىسى : جۇلا بەرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار تېرىنىڭ يۈزىدىن چاپلاشقان ھۆللۈكنى تازىلاپ رەڭگىنى پاكىز ، سۈزۈك ۋە ساپ قىلىدۇ. مەسىلەن : زىمادى تۇخۇمى جىنكىۋىزى، رەۋغىنى ئاقىرقەرھا، زىمادى بادام.....
تۆرتىنچىسى: قۇيۇلدۇرۇپ قېتىشتۇرغۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار سۇيۇق ماددا ۋە خىلىتلارنى قۇيۇلدۇرۇپ ئۇيۇتىدۇ . مەسىلەن: ھالۋائىي سۆئلەپ ، دۋائى تەرەنجىبىن، قۇرسى كەھرىبا......
بەشىنچىسى: چاچ ، موينى چۈشۈرگۈچى رېتسىپلار؛
بەزى رېتسىپلار چاچ ۋە مويلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ. مەسىلەن: مەلھىمى ھاك، مەلھىمى زەنكار، تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمى.....
ئالتىنچىسى : قىچىشىش پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلىكى بىلەن قۇيۇق خىلىتلارنى تېرە تەرەپكە تارتىدۇ ۋە غىدىقلاش بىلەن قىچىشىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن : رەۋغىنى بالازۇر ، سۇفۇفى مىشكىدانە، سۇفۇفى ئەنزۇرۇت.....
يەتتىنچىسى: چاپلاشتۇرغۇچى ۋە يېپىشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار شىرىلىك بولغانلىقتىن ، ماددىلارنى بىر – بىرىگە يېپىشتۇرىدۇ. مەسىلەن: سۇاۇفى سەمغى ئەرەبى ، جاۋارىش كۇندۇر، ھەببى مۇبەھھى...
سەككىزىنچىسى: خۇمارنى كەتكۈزگۈچى رېتسىپ؛
بەزى رېتسىپلار ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەت ئارقىلىق نەشە خۇمارىنى كەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: بۇخۇرى ئەجۋائىن ، مەجۈنى مەسىھا، شەربىتى تەلۋە ئانار......
توققۇزىنچىسى: قايتۇرغۇچى ، ئەكسىگە ياندۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار تەبىئىتىنىڭ سوغۇقلۇقى ۋە تۇتقۇچى خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن كېسەللىك ماددىسىنى تەكرار يەرلىك ئورۇنغا چۈشۈشتىن توختىتىدۇ. مەسىلەن : شەربىتى مىكۇ، سۇاۇفى گىلى مەختۇم، سۇفۇفى گۈلنار......
ئونىنچىسى: يىغقۇچى رېتسىپ: بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قابىزلىق ۋە قورۇش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئەزانى قورۇپ ، سۇيۇق ماددىلارنى بىر يەرگە يىغىدۇ. مەسىلەن : مەجۈنى سالاجىت ، قۇرسى ئىمساك، ھەببى گۈلنار.....
ئون بىرىنچىسى: يۇغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار بەزى ماددىلارنى ئەزالاردىن يۇيۇپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن : مائۇلشىرە ، مائۇل ھەسەل ، مائۇل ئۇسۇل..
ئون ئىككىنچىسى: ئۆلتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن بەدەندىك ئۈچ خىل روھنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن: ھەببى ئەپيۇن ، مەجۈنى بالادۇر، سۇفۇفى سەممۇلفار........
ئون ئۈچىنچىسى : ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر غىدىقلاش ، مەدت قىلىش، سۈرۈش تەسىرى ئارقىلىق ئۈچەي مەددە قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . مەسىلەن: مەجۈنى قاتىل دىدان، سۇفۇفى قاتىل، شەربىتى بەرگى شاپتۇل....
ئون تۆرتىنچىسى: تۇتقۇچى ، قورۇغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلارنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەزالارنى قۇرۇتۇپ ، ئۇنىڭدىكى سۇيۇقلۇقلارنى توختىتىدۇ. مەسىلەن : ھەببى ئىمساك ، مەجۈنى سەنجرىنا ، شەربىتى پەنجىنۇش.......
ئون بەشىنچىسى: قاسراقلاشتۇرغۇچى رېتسىپ: بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتىنىڭ ئارتۇقلىقىدىن بۇزۇق ماددىلارنى قاسراقلاشتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ. مەسىلەن؛ مەلھىمى زەرنەخ، يەرلىك سۇپۇن مەلھىمى ، تىزابى گۈڭگۈرت.....
ئون ئالتىنچىسى : داغلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتى بىلەن جاراھەت ئۈستىدىكى تېرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ . مەسىلەن ؛ قەلەي كۇشتىسى، مەلھىمى سوم ، مەلھىمى زەرارىھ.....
ئون يەتتىنچىسى: يەلنى سۇندۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى ئارقىلىق قۇيۇق يەللەرنى شالاڭلاشتۇرۇپ ھەيدەيدۇ. مەسىلەن ؛ جاۋارىش كۇمۇنى ، جاۋارىش دارچىن، مەجۈنى يەھيا.....
ئون سەككىزىنچىسى: غىدىقلىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئەزالارغا سىڭىپ كىرىپ ئېچىشىش، غىدىقلىنىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن : زىمادى خەردەل، بۇخۇرى بۇۋاسىر ، لازىق سۇدايى.....
ئون تۇققۇزىنچىسى: يېپىشقۇچى ۋە يېپىشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار قۇرۇقلىقى ۋە يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيتى بىلەن ئەزالارنى بىر – بىرىگە يېپىشتۇرۇپ ئاجراپ كېتىشتىن توسىدۇ. مەسىلەن؛ سۇاۇفى كۇندۇر، مەلھىمى سەنگى جاراھەت، ھەببى سالاجىت.....
يىگىرمىنچىسى: قان توختاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ، ئىچكى يارىلارنى قورۇپ، قان ئېقىشنى توختىتىدۇ. مەسىلەن: قۇرسى كەھرىبا، شەربىتى ئەنجىباھار، سۇفۇفى ئانار دانە....
يىگىرمە بىرىنچىسى: سۇۋۇتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ سوغۇقلۇقى بىلەن ئەزالارغا سوغۇقلۇق يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن ، قۇرسى كافۇر ، مەلھىمى كافۇر، مەتبۇخى تەمرى ھىندى.....
يىگىرمە ئىككىنچىسى : باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەت ئارقىلىق باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مەسىلەن؛ ھالۋايى بەيزە، لوبۇبى كەبىر ، مەجۈنى سۆئلەپ.....
يىگىرمە ئۈچىنچىسى: قۇرۇتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار تەبىئىتىنىڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئەزالاردىكى ھۆللۈك ۋە جاراھەتلەرنى قۇرۇتىدۇ . مەسىلەن: سۇاۇفى كات ھىندى، مەلھىمى شەب، سۇفۇفى كەشنيىز.....
يىگىرمە تۆرتىنچىسى: قاتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قورۇغۇچى قۇۋۋىتى بىلەن خىلىت ۋە ھۆللۈكلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇيۇتىدۇ. مەسىلەن: سۇفۇفى نىشاستە، سۇفۇفى بەزۇرۇلبەنجى ، مەلھىمى موم.......
يىگىرمە بەشىنچىسى: كۆيدۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئىسسىقلىق ۋە سىڭىشىش قۇۋۋىتىنىڭ ئارتۇقلۇقى بىلەن ئەزالاردىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن : تىزابى نۇقرە ، تىزابى تامبا، مەلھىمى شورا......
يىگىرمە ئالتىنچىسى: چۈشنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ بۇخارات پەيدا قىلغۇچى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق مېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، ئۇيقۇدا قورقۇنچلۇق چۈش كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئىتتىرىيفىل كەشنيىز ، مەجۈنى پەرۋەردەئى خىيال، ھەببى خۇش كەيپ........
يىگىرمە يەتتىنچىسى: تارقاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتى ۋە ھارارىتى بىلەن ئەزالاردىكى يېپىشقاق خىلىتلارنى بۇخارات(گاز) غا ئايلاندۇرۇپ تۈگىتىدۇ. مەسلەن : جاۋارىش كۈركۈم، ئەتتۇسى پالەچ، مەجۈنى خۇبسىلھەدىد.....
يىگىرمە سەككىزىنچىسى: قىزارتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە تارتىش خۇسۇسىيتى ئارقىلىق قاننى ئەزالار تەرەپكە تارتىپ ، ئەزالارنى قىزارتىدۇ. مەسىلەن : زىمادى خەردەل، مەلھىمى خەربەق سىياھ، رەۋغىنى سىياھدانە.....
يىگىرمە توققۇزىنچىسى: بىھۇش قىلغۇچى ، سېزىمسىزلاندۇرغۇچى رېتسىپ : بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قورۇش خۇسۇسىيىتى ۋە سوغۇقلۇق ، قۇرۇقلۇق تەبىئىتى ئارقىلىق تېرە تۈشۈكچىلىرى ۋە كانالچىلارنى قورۇپ، روھىي نەپسانىينىڭ ئۆتۈشىنى توسۇپ، ئەزالارنى سېزىمسىزلاندۇرىدۇ. مەسىلەن : مەجۈنى بەرشىشا، جەۋھىرى شىپا ، ھەببى جەۋزىل ماۋسىل.....
ئوتتۇزىنچىسى: قورساقتىكى بالا ۋە بالا ھەمراھىنى چۈشۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىش ئارقىلىق بالىنىڭ توغۇلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بالىياتقۇنى قىسقارتىپ ھامىلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. مەسىلەن : مەتبۇخى شەھمى ھەنزەل، رەۋغىنى بىدەنجىر، مەتبۇخى ئاغىچە.......
ئوتتۇز بىرىنچىسى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئىسسىقلىقى ، ياى سوغۇقلۇقى ۋە ياكى مۆئدىتىللىكى بىلەن سۈيدۈك يوللىرىدىكى ماددىلارنى ھەيدەيدۇ. مەسىلەن : ئەرقى شوخلا ، شەربىتى بۇزۇرى مۆئدىتىل ، ئەرقى دارچىن.....
ئوتتۇز ئىككىنچىسى : يىرىكلەشتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قورۇش ۋە قۇرۇقلۇق خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەزالارنىڭ سىرتقى يۈزىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. مەسىلەن : زىمادى ئىكلىلمىلىك، تىلايى خەردەل، رەۋغىنى ئازاراقى........
ئوتتۇز ئۈچىنچىسى : ھەيز ماڭدۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن ئۇيۇپ قالغان قاننى تەڭشەپ ، سۇيۇلدۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قان ئاز كەلگەن بولسا تۇلۇق كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى قەرتۇم ، مەتبۇخى مۇدىرى ھەيز ، ھەببى زەفىران.......
ئوتتۇز تۆرتىنچىسى: سۈت پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن سۈت پەيدا قىلىدۇ ۋە سۈت كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: ئەرقى بەدىيان، ھالۋايى بادام، ھالۋايى بەيزە......
ئوتتۇز بەشىنچىسى: جاراھەتنى پۈتتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار جاراھەتلەرنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ يوقىتىدۇ. مەسىلەن: سۇفۇفى سەنگى جەراھەت
قەلەي كۇشتىسى، سۇفۇفى خۇنسىياۋشان.....
ئوتتۇز ئالتىنچىسى:بوشاشتۇرغۇچى ۋە يۇمشاتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىق ۋە ھۆللۈكى بىلەن تېرىنى يۇمشىتىپ ، تۈك تۈشۈكچىلىرىنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئەزالارنى بوشاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: لوئۇقى بادام ، لوئۇقى كەتان ، رەۋغىنى مۇرغى.....
ئوتتۇز يەتتىنچىسى : ھۆللەشتۈرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ھۆللۈك يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەزالارنى بوشاشتۇرىدۇ ۋە ھۆللەشتۈرىدۇ . مەسىلەن : زىمادى ئىسپىغۇل، رەۋغىنى بادام شىرىن ، رەۋغىنى كەتۇدانە......
ئوتتۇز سەككىزىنچىسى: سىلغايتقۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ شىرىلىكلىكى بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ يۈزىنى ھۆللەشتۈرۈپ ، سىلغايتىپ ماددىلارنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن: مەتبۇخى تەمرى ھىندى، لوئوقى بىھىدانە شېرىن ، لوئوقى خىياشەنبەر....
ئوتتۇز توققۇزىنچىسى: سۇيۇلدۇرغۇچى ۋە شالاڭلاشتۇرغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ھۆللۈكى بىلەن خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ. مەسىلەن : مائۇل ھەسەل، ئەرقى پۇدىنە، مەتبۇخى ئينۇلە........
قىرىقىنچىسى: توسالغۇ پەيدا قىلغۇچى رېتسىپ؛
بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە قۇيۇقلۇقى بىلەن تىرە تۈشۈكچىلىرى ۋە كانالچىلارنى ئېتىدۇ. مەسىلەن : مەجۈنى سۇپارى ، ھەببى گۈلنار، جىگدە چېچىكى گۈلقەنتى..........
يەنە 30 خىل رېتسىپ تۈرى قالدى .....
تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىدى.
收藏到:Del.icio.us
评论
بۇغداي كېپىكى بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ.
داۋائىلمىشكى ھار ، مادەتۇلھايات ۋە ئىتتىرىفىل كەبىر شۇنداقلا مەستىكى ئارىلاشقان ئامىلە نۇشدارى قاتارلىقلاردىن قايسىسىنى تاپسىڭىز شۇنى ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ.
ھۆللۈكتىن بولغان بولسا ھەببى ئايارەج ، ھەببى قوقىيا ياكى ھەببى سەبرىنىڭ بىرىنى بىر نەچچە كۈن ئىستىمال قىلىپ مېڭىنى تازىلاڭ.
قان خىلىتىدىن بولغان بولسا (خىلىتلار سەۋەبىدىن بولغىنىنى بىلىش ئۈچۈن c3421756/ دىگەن سەھىپىدىكى تىمىلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. )بابۇنىنى قاينىتىپ بېشىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ . يۇمغاقسۈت ، كەرەپشىگە ئوخشاش كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ.
بەدەن ئاجىز بولسا بەدەننى كۈچلەندۈرۈش كېرەك . مۇشۇنداقراق دورا قىلسىڭىز بولىدۇ.