-
كۆپ ئېھتىلام بولۇشنى توختاتقۇچى يەككە رېتسىپلار - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74961084.html
كۆپ ئېھتىلام بولۇشنى توختاتقۇچى يەككە رېتسىپلار
ئېھتىلام ۋە ئاق خۇنلاردا سۇڭپىياز ئۇرۇقىنى سۇقۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.
جىنسىي ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بولغان ئېھتىلامدا پىچەكگۈلدىن ئىككى سەر ، نىلۇفەر ئۇرۇقىنىڭ ئېتىدىن بىر سەر ، توشقان زەدىكى بىر سەر بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئۈچ مىسقاللىق كۇمۇلاچ ياساپ ، ھەر قېتىم بىر كۇمۇلاچتىن سۇس تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ . مىقدارى : 0.3 ـــ 1 سەر.
بەدەن ئاجىزلىقى ، ئېھتىلام ، ئاق خۇن ۋە زىققىلاردا بىر دانە بالا ھەمرىيىنى قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن ئىچىلىدۇ.
مىقدارى : 1ـــ 3 مىسقال.
بۆرەك ئاجىزلاپ ئېھتىلام بولۇش، بەل ، ۇت ماغدۇرسىزلىقىغا يەر مەدىكىدىن ئۈچ مىسقال ، ياچىۋەك تۇخۇمى ئۈچ مىسقال ، لوڭگۇ بىر سەر ، پىچەكگۈل بەس مىسقال ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
چۈشەكەپ ئېھتىلام بولۇشتا ، بەل ،تىز سىقىراپ ئاغرىشتا يەر مەدىكى بىر سەر ، توشقان زەدىكى بىر سەر ، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقى بىر سەر، نىلۇفەر گۈل چېڭى بىر سەر ، لوڭگۇ بىر سەر ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئۈچ مىسقاللىق كۇمۇلاچ ياساپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر كۇمىلاچتىن يېيىلىدۇ.
مىقدارى : 1.5 ـــ 3 مىسقال. (بۆرەك ئىسسىقى ئاشقانلارغا ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك).
ئېھتىلامدا ئۈچ مىسقال ياڭاق پاسىلىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچىدۇ .
بەدەن ئاجىزلىق ، بەل – پۇت ماغدۇرسىزلىقى ، ئېھتىلام ، باش قېيىش ، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقلاردا بۇغا مۈڭگۈزى بىر مىسقال (سوقۇپ ئۇن قىلىپ ئايرىم ئىچىلىدۇ) كەتىرا بەش مىسقال، بەيجۇ تۆت مىسقال ، پىششىق ئەگرى سۇناي ئۈچ مىسقال ، چۈچۈكبۇيا ئىككى مىسقال ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
قان ئازلىق ، كېسەلدىن كېيىنكى ئاجىزلىق، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئېھتىلامدا كەتىرا بىر سەر ، قۇرت ئوت بەش مىسقال ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
ئېھتىلامدا ياچىۋەك تۇخۇمىدىن ئىككى مىسقال ئېلىپ يۇمشاق يەنجىپ ، تۇز سۈيى بىلەن ئىچىلىدۇ .
تېنى ئاجىزلىقتىن بولغان ئېھتىلامدا سېرىق يۆگەي تۆت مىسقال ، كۈدە ئۇرۇقى ئۈچ مىسقال، لوڭگۇ بەش مىسقال ، ياچىۋەك تۇخۇمى ئۈچ مىسقال ، بۇغا مۈڭگۈزى قالدۇقى ئۈچ مىسقال ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
مىقدارى : 0.5 ـــ 1 سەر .
بەدەن ئاجىزلاپ ئىچ سۈرۈشتە ، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تولغاقتا ، ئېھتىلامدا ۋە ئۇيقۇسىزلىقتا نىلۇفەر ئۇرۇقى ئۈچ مىسقال ، تەسۋى قوناق ئۇرۇقى تۆت مىسقال ، ئاق بىيەندۇ ئۈچ مىسقال ، چىلان 10 دانە ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
1.5 ـــ 3 مىسقال.
قورۇلغان كىرپە تېرىسىدىن ئىككى سەر ئېلىپ سوقۇپ ، ئىككى مىسقالدىن كۈنىگە ئىككى قېتىم قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.
مىقدارى : 2ـــ 3 مىسقال.
ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئېھتىلامدا مالىنا ، ياچىۋەك تۇخۇمى ، نىلۇفەر ئاتىلىقى بىرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئېھتىلام ، سىيگەكلىك ، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش ، سۇزۇلما خارەكتىرلىك ئىچ سۈرۈش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش،ئوغرى تەر ۋە بەل – پۇت ئاغرىشتا ئازغان مېۋىسىدىن 3-5 مىسقال ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
مەنبەسى : جۇڭيى ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلىدى.
收藏到:Del.icio.us