www.4tadu.com
  • ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى - [تېببىي ھېكايەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74829595.html

    ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرى

     

    ئەگەر مەن شاراب ئىچىپ ، تاماكا چېكىپ ، خوتۇن – قىزلار بىلەن قالايمىقان ئوينىغان  بولسام ، 86 ياشقا كىرىپ ھازىرقى دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن بولاتتىم – دەپتۇ بوۋاي يېنىدىكى كىشىگە .

    ياخشى ياشاپسەن ، - دەپتۇ  يەنە بىر بوۋاي ، - مەن 93 ياشقا كىردىم ، ئۆمۈر بويى ھەسەل ، قارا ئاشلىق ، سۈت ، مېۋە – كۆكتاتلا ئىستىمال قىلىپ كەلدىم.

    دادام ماڭا ئەگەر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەي دېسەڭ ـ دەپ گەپكە ئارىلىشىپتۇ  ئاپئاق چاچلىق بىر كىشى ، تاماكا چەك ، ھاراق - شاراب ئىچ ، سەتەڭلەر بىلەن قانغۇچە ئوينا دېگەن ئىدى . مانا مەن مۇشۇنداق ياشاپ كېلىۋاتىمەن .

    قانچە ياشقا  كىردىلە دەپ سوراپتۇ ئىككى بوۋات تەڭلا .

    24  ياشقا كىردىم ، چېچىم ئاقارغان بىلەن چىشىم ساق.

     

    كېچىكىپ قاپسىز

     

    دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم قىرغاققا چىقالماي جان تالىشىۋاتقاندا ، بىر ئىشسىز كېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :

    ـ ئىسمىڭ نىمە ؟

    ـ يۇنىس سىمىس!

    ـ قەيەردە ئىشلەيسەن ؟

    - ياغاچ زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن ، ھەي ، مېنى چاپسان قۇتقۇزۇۋالساڭچۇ ؟ ئۆلەي دېدىم ! ...

     ھېلىقى ئىشسىز غىدىڭ – پىدىڭ قىلماي يۈگۈرگەن پېتى ياغاچ زاۋۇتىغا بېرىپتۇ:

    ـ يۇنىس سېمىس مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەمدۇ ؟

    ـ ھەئە ، ئىشلەيدۇ.

    - ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى قۇبۇل قىلساڭلار ، ئۇ ھازىر دەريادا ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۆلەيلا دەپ قالدى .

    - ئەپسۇس ، سەل كىچىكىپ قاپسىز  ، ـ دەپتۇ باشلىق ، - يۇنىسنى دەرياغا ئىتتىرىۋەتكەن كىشى تېخى يېڭىلا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشقا چۈشتى.

     

    پروفىسسورنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى

     

    مەلۇم بىر جايدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپتىكەن ، ھاشاراتلار پىروفىسسورى بىر چېكەتكىنى تەجرىبىخانىسىغا ئەكىرىپ  تەجرىبە قىلىشقا باشلاپتۇ .

    پىروفىسسور دەسلەپ چېكەتكىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ تاشلاپتىكەن ، چېكەتكە يەنىلا سەكرەۋېرىپتۇ، سول پۇتىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ تاشلاپتىكەن ، يەر بېغىرلاپ قىسقا –قىسقا سەكرەپتۇ . ئىككى پۇتىنى تۈۋىدىن كېسىپ تاشلاپتىكەن ، ئورنىدا جىم يېتىپ  قاپتۇ ، ئۈچ قېتىم ئىسقىرتىپ ئۈركۈتسىمۇ بىچارە چىكەتكە مىدىرلاپمۇ قويماپتۇ.

     تەجرىبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، پىروفىسسور قاقاقلاپ كۈلۈۋېتىپ  قولىغا قەلەم ئېلىپ خۇلاسە دوكلاتى  يېزىشقا كىرىشىپتۇ:

     ‹‹ يەتتە سائەت ، يەتتە مىنۇت ، يەتتە سىكۇنت ، يەتتە دەقىقە تەجرىبە قىلىشتىن ئىسپاتلاندىكى ، چىكەتكىنىڭ ئىككى پۇتى كىسىپ تاشلانسا سەكرەپ ئۇچالمايدۇ، ئالدىدىكى بۇرۇن سەزگۈ ئەزالىرى مىدىرلاپ تۇرسىمۇ  ھەر قانچە شاۋقۇن – سۈرەندىمۇ ئۈركۈمەي جىم ياتىدۇ، پۇتىنى كېسەپ تاشلاش چېكەتكە يوقىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك  چارىسىدۇر.››

     

     

    ئىچ  ئاغرىتماسلىق

     

    ئىككى ئوقۇغۇچى دۇكاندىن بىردىن شەپكە سېتىۋېلىپ كوچىغا چىقىشىغا يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ .

    قانداق قىلىمىز ؟ ـ دەپتۇ بىرى شەپكىسىنىڭ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ .

    ـ مۇنداق قىلايلى ، - دەپتۇ ئاغىنىسى ، - شەپكىمىزنى ئالماشتۇرۇپ كىيەيلى ، ، ئۇ ھاغدا ھۆل بولۇپ كەتسىمۇ ‹‹ مېنىڭ ئەمەسقۇ›› دەپ ئويلايمىز-دە ، ئىچىمىز ئاغرىمايدۇ.

     

     كېيىن كەلگەن ئەقىل

     

    بىر ئايال بىرسى ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىپتۇ . سوتچى ئەرنى تۇتۇپ كېلىپ سوراق قىلسا ئۇ ئىقرار قىلماپتۇ . ئاخىر سوتچى ھۆكۈم چىقىرىپ  ئەرگە 500 دوللار جەرىمانە قويۇپ ئايالغا ئېلىپ بېرىپتۇ .  ئايال  پۇلنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن سوتچى ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئويلاپ ھېلىقى ئەرگە دەپتۇ :

    ئايال ئېلىپ كەتكەن پۇلنى سەن بۇلاپ كەل .

    ئەر كىشى ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ھەر قانچە تالىشىپمۇ  ئايالدىن پۇلنى ئالالماپتۇ . ئايال غەزەپلەنگەن ھالدا سوتقا يەنە كېلىپ ھېىقى ئەر ئۈستىدىن مېنىڭ پۇلۇمنى بۇلىماقچى بولدى دەپ ئەرز قىپتۇ .

    پۇلىڭىزنى بۇلاپ كەتتىمۇ ؟ - سوراپتۇ سوتچى .

    ياق.

    ئالقىنىڭىزدىكى تەييار پۇلنى بۇلىۋېلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئادەمنىڭ سىزگە باسقۇنچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ كۈچى يەتسۇن ، ئۇچىغا چىققان باسقۇنچى دەل ئۆزىڭىز ئىكەنسىز !

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":

    评论

  • بۇ يۇمۇرلىرىڭىز بەك ياخشىكەن مەن تازا كۆلىپتىمەن ھى ھى ھى
    كۆكيال回复tejelliy说:
    ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت . داۋاملىق كىرىپ تۇرۇىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .
    2010-09-23 14:12:07
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!