-
تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىق3 - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74759161.html
كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا ، پىيازنى پىشۇرۇپ ، ھەسەلگە مىلەپ يەپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
بۇرۇن قانىغاندا داۋا : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ ، يەنە داۋا:
ئېلان بېشى مونچاقنى (:) كۆيدۈرۈپ ، يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە ، قان توختايدۇ. يەنە داۋا : كۈنجۈت يېغىنى ئۇپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن بۇرۇننى پاكىز يۇيۇپ ، بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە قان ناھايىتى تېز توختايدۇ.
چىش ئاغرىقىغا داۋا: بىر مىسقال قارىمۇچنى سىركە بىلەن قاينىتىپ ، سۇۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە داۋا: پىششىق سىڭىزنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
پۇت ئاغرىقىغا داۋا : كۈنجۈتنى قورۇپ ياخشى سوقۇپ ، قوي سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىغان يەرگە يېقىپ بەرسە ، يەلدىن بولغان پۇت ئاغرىقى ئوڭشىلىدۇ.
قورساقتا ئۆلۈپ قالغان بالىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: ئىت سۈتىنى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە ، چۈشۈپ كېتىدۇ.
بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە گۆش ئۈسۈپ ، نەپەس قىيىنلاشسا ، قىزىل باغىر(قىزىل مىس) بىلەن يار تۇزى ئىككىسىنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئاندىن ئۇنى ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ بۇرۇن ئىچىگە كىرگۈزۈپ بەرسە ، ئۆسمە گۆش چۈشۈپ كېتىدۇ .
تۇمۇ(زۇكام) تېگىپ ساقايمىسا ، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ، ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئىسلانسا ھەر قانداق تۇمۇغا پايدا قىلىدۇ.
كىمنىڭ ئۈنى پۈتۈپ قېلىپ ئاۋازى چىقماي قالسا ، بىر سۇڭچە ئۈزۈم شېخىنى دەل ئوتتۇرىدىن يېرىپ ، ئازراق ئويۇپ ئوتتۇرىسىنى ئوي قىلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە قىداي سىمىقىنى (بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى) چالا – بۇلا سوقۇپ ، ئۈچ – تۆت چىمدىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ ئاندىن ئۈزۈم شېخىنى جىپسىلاشتۇرۇپ يىپ بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ ، ئىسسىق كۈلگە كۆمۈپ ، يېرىلغان يېرى تۇتاشقاندىن كېيىن قەغەزنى سۇيۇۋېتىپ ، ئوتتۇرا چىش بىلەن چىشلەپ ، ئېغىزنى ئاچماستىن شەرۋىتىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم شورىسا ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ . بۇ سىنالغان داۋا.
كۆز ئاغرىقىنىڭ داۋاسى : كۆز زورۇقۇپ ياشاڭغۇرىسا ، بېلىق ئۆتىنى كۆزگە ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ .
كۆز زەخمىلىنىپ كۆرمەس بولۇپ قالسا ، چۇۋىت(مۇلەن)نى سۇدا ئىزىپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
قىزىل ۋە ئاق چىندانلارنى قارىمۇچ ، ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ ، يەنە داۋا ، كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ساقىيىدۇ .
دەم سىقىلىشقا داۋا : قارا تۇبىن يۇمغاقتىن(بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى) ئىككى باقىرنى ئىككى باقىر پىششىق سىڭىز بىلەن قوشۇپ ، ھەر كۈنى سەھەردە بوزا ياكى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە ، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.
دوۋسۇن ئاغرىقىغا داۋا : قارا تۈۋى ئارىرى (؟) تېنبار يۇسى(؟) نى تۆگە سۈتى بىلەن تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ئىزىپ ، ئۇنى بىر باقىر ياكى يېرىم باقىر ئىنەك سۈتىگە سېلىپ ئىچىپ بەرسە ، ساقىيىپ كېتىدۇ.
قوتۇرنىڭ داۋاسىدىن سۆز ئاچايلى : يولدۇرغان ( بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى)نىڭ ياش چېچىكىنى يۇمشاق سوقۇپ بىر قۇشۇقچە ئېلىپ ، ئۇنى بىر ئاپقۇر قېتىققا قوشۇپ ، ئاچ قورساققا ئىچسە ساقىيىپ كېتىدۇ .
يەنە يولدۇرغاننىڭ قۇرۇق چېچىكىدىن بىر باقىرنى يۇمشاق سوقۇپ ئۇسسىغاندا ئىچىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن كۆپ ئىچىۋەتسە بولمايدۇ .
يەنە چىقۇ تېشىنى (؟) ئۇششاق سوقۇپ ئىزىپ ، مىس تاۋىدا سارغايغۇچە قورۇپ ، كۈنجۈت مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتۈپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. يەنە قۇتۇرنىڭ داۋاسى: چوشقا ئۆتىنى ئۇدا ئۈچ سەھەر ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ، قوتۇر ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئېغىز يارىسىنىڭ داۋاسى : بىر ئاز قۇرۇق سىرىنى(؟) پىشۇرۇپ ، بىر كىچە تالادا قۇيۇپ سۇۋۇتۇپ ، ئىككىنچى كۈنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ ، يۇمشاق سۇقۇپ يارىغا سىپىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاتتىن يېقىلىپ ياكى قامچا يەپ ۋە ياكى تامدىن يېقىلىپ زەخمىلىنىپ ئىچىگە قان چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرگە داۋا: تۇخۇ تۇىۇمىدەك توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سۇقۇپ ....(ئەسلى نۇسخىدا ئۆچۈپ كەتكەن) بىلەن ئىچىپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
بۇ سىنالغان داۋا.
يەنە دەم سىقىلسا (توغراق يىلىمىنى ) يۇمشاق سۇقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
مەيدە ئاغرىقىغا داۋا: نۇقۇتچا(پۇرچاقنىڭ بىر خىلى) نى يۇمشاق سۇقۇپ ، سوغاق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە مەيدە ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ.
بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىز ئالمىسا تىڭشۇ(؟) نى كۈيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ، ئېغىز ئالىدۇ . ئۇ ئېغىزدىن پۈركۈلىدۇ. ئىچ سۈرۈشكە داۋا : ئىت ئۈزۈمىنىڭ قاسرىقىدىن بىر باقىر ، ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن بىر باقىر، ئۈزۈم يىلتىزىدىن بىر باقىر ...قاچا سۇغا بىر ...سېلىپ بىر قاچا قالغاندا بۇ ئۈچ بۇ ...بىرگە سېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ، كىمىكى ...كەچتە ياتقاندا ئىچىشى كېرەك . بۇ سىنالغان داۋا.
ئايال كىشىنىڭ كۆكسى ئىششىپ ئاغرىسا تىڭ...نىڭ تۇ....نى پۇرچاقتەك (يۇمۇلاق) ....ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ........
................................
.......................تامام.
تەييارلىغۇچى: تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر كۆكيال.
قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us