-
بۇغۇم كېسەللىكلىرىگە ئالتە رېتسىپ - [ھەرىكەت ئەزا كېسەللىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74506864.html
بۇغۇم كېسەللىكلىرىگە ئالتە رېتسىپ
بىرىنچى رېتسىپ:
ئېيىق مېيىنى ئاپتاپتا ياكى قازاندا ئېرىتىپ چىگىردىكىنى ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك مۇپاسىل، پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، بېغىشلارنىڭ ئاغرىشىدا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
ئىككىنچى رېتسىپ:
تۆگىنىڭ مېڭىسىنى پىشۇرۇپ ، ھەسەل بىلەن يەپ بەرسە ، ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدۇ.
ئۈچىنچى رېتسىپ:
ئادراسمان ئۇرۇقى، ئەنجۈر ۋە خورما ئۇرۇقلىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ ، ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ كالا يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە ، تىز بۇغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆرتىنچى رېتسىپ:
سەقەنقۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان گۆشىنى ئۇسۇڭ ئۇرۇقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ ، تالقانلاپ ئېستىمال قىلسا ، مۇپاسىلغا شىپا بولىدۇ.
بەشىنچى رېتسىپ:
قوي، كالا سۆڭىكى، زەمچە، زاك، ئوبھەل مۇۋاپىق مىقداردا . قوي ، كالا سۆڭەكلىرىنى مىس قازاندا كۆيدۈرۈپ ، باشقا دورىلارنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ، ئېھتىياجىغا قاراپ ، بېلىق يىلىمى بىلەن قوشۇپ زىماد قىلىنىدۇ.
بۇ غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان مۇپاسىلغا شىپا بولىدۇ. تەييارلانغان زىماد يەرلىك ئورۇنغا تېڭىلىدۇ.
ئالتىنچى رېتسىپ:
يىلان ، سۆرۈنجان ، مۇدەببەر قىلىنغان كۇزۇلا ، سەبرە، ئادراسمان ئۇرۇقى ، شاترەنجى ھىندىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تاسقاپ قايناق سۇ بىلەن كۆك ماش چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.
بۇ ھەب رېماتىزىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ . كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 دانىدىن يېيىلىدۇ.
ھايۋانات ئەزالىرى بىلەن كېسەل داۋالاش ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى
收藏到:Del.icio.us