www.4tadu.com
  • مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە2 - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74507816.html

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74392331.html  بىرىنچى قىسمى بۇ يەردە

    مۇئەللىپنىڭ سۆزى

     

    ئايىغۇچى ، كۆيۈنگۈچى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن ، ئۇ بارلىق كېسەللىكلەر ەۋ ئاغرىقلارغا شىپالىق بەرگۈچى ھەم بارلىق ئىش – پائالىيەت ، مۇراد-مەقسەدلىرىمىزنى بىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ۋايىغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ھەم بارلىق شەيئىلەرنى مۇۋاپىق ياراتقۇچى ۋە زىننەتلەپ بەرگۈچىدۇر.

     ئاللاھ بارلىق كائىناتنى ياراتقۇچى بۈيۈك زات بولۇپ ، ئۇنىڭ 99 ئىسىم سۈپىتى بىزنىڭ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىمىز ، مۇراد – مەقسەدلىرىمىزگە يېتەرلىك ۋەكىللىك قىلغۇچىدۇر.

    ئۇ ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنى ئايارەج پەيقىرانىڭ ئاچچىقلىقىدەك يوقلۇقتىن نۇشىدارىنىڭ تاتلىقلىقىدەك بارلىققا كەلتۈردى . بارلىق كائىناتنىڭ خېمىرىنى تۆت چوڭ ماددا قىيامىدا ئىتتىرىفىلدەك تەييارلاپ ، ھاياتلىقنىڭ سۇپۇپى بولغان تۇپراقتىن مەجۈن تەييارلىغاندەك قۇرۇلمىسى ئاجىز ئىنساننى يارىتىپ ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت شارابى بىلەن ئۇرۇنباسارلىقنىڭ مۇپەررىھاتلىرىنى تەناۋۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنساننى تاللاپ دۇنيادا قالدۇردى . سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ تۆت چوڭ ماددىدىن يارالغان ، ئۇنىڭ شاھلىق كۇرسىنىمۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋانىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن .

     ئۇ زات ئاسمانلارنى تۆۋرۈكسىز ياراتتى ، زېمىننى سۇ ئۈستىگە يايدى . بىر- بىرىگە قارىمۇ – قاشى بولغان تۆت چوڭ ماددىنى بىرلەشتۈرۈپ ، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدىكى ئاجايىپ – غارايىپ شەيئىلەرنى ياراتتى . ئۇنى ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلار ئۇنىڭ خۇش پۇراق لەخلەخىلىرىنى پۇرىيالايدۇ ۋە رەھمەت گۈلزارلىقىدا ساپ ھاۋادىن مەڭگۈ نەپەس ئالالايدۇ.

    ئۇ زات ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يېيىش مەنئىي قىلىنغان بۇغداي دېنىنى يېگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ئادەم ئەۋلادىنى دۇنيا نېنىنىڭ قۇرسلىرىنى يەپ ياشاشقا موھتاج قىلىپ ، كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلارغا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى بېرىپ ، ئۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۆسۈملۈك ، ھايۋانات ۋە مەئدەنلەردىن تەركىب تاپقان ھەر خىل دورىلارنى يارىتىپ ، ئۇ دورىلارغا تۈرلۈك شىپالىق خۇسۇسىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.

     ئۇ زات يۇقىرىقىدەك ئاجايىپ ھېكمەتلىك قۇدرەتلىرىنى ئويلىغانسىرى ھەر قانچە بىلىملىك ئاقىللارنىڭمۇ ئەقلى يەتمەي ، ئۇنىڭ سىرۇ-ئەسرارلىرىنى بايان قىلىشقا تىللىرى ئاجىزلىق قىلىدۇ. زۇلمەتلىك كېچىلەرنى يورۇقلۇق ئارقىلىق ، كېسەللىكلەرنى ساغلاملىق ئارقىلىق يوقاتقان ، ھەر قانداق كېسەللىكلەرگە مۇناسىپ دورا ۋە داۋالاشنى ياراتقان ئاللاھقا كۆپلەپ تەشەككۈر ۋە مەدھىيەلەر بولسۇن.

    ئۇ ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرگە بەرگەن مەخپىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز بەندىلىرىگە بىلدۈردى. خار تۇپراق ئاستىغا زور بايلىقنى ياراتتى، زەھەرلىك دورا ۋە زىيانلىق يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ تۈزەتكۈچىلىرى ۋە زەھەر قايتۇرغۇچىلىرىنى ياراتتى . ھەر قانداق جانلىقلاردىن ئىنسانلارنى چىرايلىق يارىتىپ ، ئۇنىڭ مىزاجىنى ھەر قانداق جانلىقتىن تەبىئىي مۆئدىتىل قىلىپ ، تاشقى بەش سەزگۈ ، ئىچكى بەش سەزگۈ قاتارلىقلارنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلدى. ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىق ساقلاشنىڭ ئالتە مۇھىم ئامىلى ( يېمەك-ئىچمەك، ھاۋا ، ساپ سۇ ، ھەرىكەت – جىملىق ، ئۇيقۇ-ئويغاقلىق،  روھىي كەيپىيات ) نىڭ نورمال بولۇشىغا چېتىپ ، ئۇنى بىزلەرگە بىلدۈردى.

    تۆۋەندىكى دۇئالىرىم ئارقىلىق ساڭا ئىلتىجا قىلىۋاتىمەن ، ئى رەھمەتلىك زات! سەن گۇناھلارنى كەچۈرگۈچى ، ياخشىلارنى دوست تۇتقۇچى ، پۈتۈن دۇنياغا مېھرى-شەپقەت ياغدۇرغۇچىسەن . ئى رەببىم! مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى بولغان مېنى گۇناھلارنى قىلىشتىن ساقلا ، ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن،  مەن گۇناھلارغا غەرق بولغان بەندىدۇرمەن، سەندىن باشقا ھېچ بىر زات گۇناھلارنى كەچۈرەلمەيدۇ، سەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى ، سېنىڭ مەرھەمىتىڭ كەڭ ، سېخىي ، رەھمەتلىكتۇرسەن ، سەن ماڭا رەھىم قىلىپ مېنى كەچۈرگىن ، سېنىڭ ماڭا قىلغان نېمەتلىرىڭگە تەشەككۈر ئېيتىپ بولالمايمەن . ئى رەببىم ! ماڭا ئىمان ئاتا قىلىشىڭنىڭ ئۆزىمۇ ماڭا قىلغان رەھمىتىڭدىندۇر.

    مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشىمدىكى مەقسىدىممۇ ئاۋامنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئاز-تولا پايدىسى بولار دېگەن ئۈمىدتە سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىستەپ ، قەلەم بىلەن قىلغان مۇشۇ ئازغىنە خىزمىتىمنى قۇبۇل قىلغىن.

    دۇرۇد ۋە سالام پۈتۈن كائىناتنىڭ بەخت – سائادىتى ، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھەم جەۋھىرى ، پۈتۈن دۇنياغا پەيغەمبەر قىلىپ تاللانغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە بولسۇن!

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شەرىئەت ئەھكاملىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن تەربىيىلىگۈچى ، غاپىللىقتىن ئىبارەت كېسەللىكنى ھىدايەت نۇرى بولغان ھەببى شىپا ئارقىلىق داۋالىغۇچى ، نادانلىق ، خۇراپاتلىق ۋە بىدئەتلەردىن بولغان كېسەللىكلەرنى مۆجىزىلىك شەربەتلەر بىلەن داۋالىغۇچى . قىسقىسى روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا يوليۇرۇق بەرگۈچى ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەر ئارقىلىق شىپالىق بەرگۈچى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرغان ئورۇننىڭ تۇپراقلىرى زۇلمەتتە قالغان كۆزلەرنى يۇرۇتۇپ ، توغرا يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىن ئۆرلىگەن چاڭ- توزانلار جاۋاھىراتلاردىن تەييارلانغان سۈرمىدىن قىممەتلىك بولۇپ ، نادانلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىپ ئازغۇنلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە ، دۇنيا – ئاخىرەتتە تەڭداشسىز ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا پەيغەمبەر بولۇپ ، زېمىننى ئىمان بىلەن يۇرۇتىدۇ. ئۇ بولسا چەكسىز مەدھىيە ۋە سانالارغا لايىق ، ئەڭ ساپ دىل ، ئەڭ پاك بولغان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلى ، ئەقىللىق تېۋىپلارنىڭمۇ يېتەكچىسى ، كېسەللەنگەن دىللارنى ھېكمەت بىلەن داۋالىغۇچى ، دىللارغا ئىلاھىيەت ئىلمىنى چاچقۇچى، دىللارغا ھىدايەت نۇرلىرىنى چاچقۇچى رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ  ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بولسۇن!
    ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېكمەتلەر غەزىنىسى، رەھمەت بۇلىقى ، نۇرلار  بۆشۈكى، ئۇنىڭ ئىزباسارلىرى بولسا  قەسىرنىڭ تۆت تۈۋرۈكى بولۇپ ، ئىسلام دىنىنى كۈچەيتتى.

    ئەي ئاللاھ! بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ غوجىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئۆزۈڭنىڭ رەھمىتىنى چاچقىن!

    ئىكسىرى ئەزەمدىن ئېلىندى.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!