-
ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى - [ئوزۇقلۇق بىلەن كېسەل داۋالاش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74549142.html
ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى
ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار تەركىبىگە قاراپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچىسى: سىڭىشچان (لەتىف) غىزالار: بۇ خىل غىزالارنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ئېلېمېنتلار كۆپ بولۇپ ، ئۇلاردىن ئىشكەنگەن قان ساپ ، سۈزۈك بولىدۇ، بەدەنگە ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە ھەر قايسى ئەزالارغا نىسبەتەن تىز يېتىپ بارىدۇ.
شۇڭا بۇ خىل غىزالار مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنسا بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.مەسىلەن ؛ بۇ تۈرگە سۇيۇق ، يۇمشاق، ھەجىمى ئاز، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەر كىرىدۇ، يەنى چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىغى، مائۇللەھمى، كەكلىك ، قۇشقاچ ، چۈجە گۆشلىرى ، ئۈزۈم سۈيى قاتارلىقلار....
ئىككىنچىسى: مۆئدىتىل (سىڭىشى نورمال ) غىزالار: بۇ خىل غىزالار مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىنسا بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن؛ بۇغداي ئۇنىدىن تەييار قىلىنغان تاماقلار، گۈرۈچ شىرىسى، سېرىقماي، كالا سۈتى ، يۇمشاق پىشۇرۇلغان قوي گۆشى ، پالەك ، بەسەي ، شوخلا ، سۇڭپىياز قاتارلىقلار .....
ئۈچىنچىسى:غەلىيز (قۇيۇق) غىزالار: بۇ خىلدىكى غىزالار ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىنسىمۇ بەدەنگە كۈچلۈك ئوزۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل غىزالارنىڭ تەركىبىدە بەدەنگە كېرەكلىك ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولۇپ ، بەدەندە ياخشى خىلىتلارنى پەيدا قىلىدۇ. قوي ، كالا گۆشى ، قىيمىلىق تاماق، كاللا پاقالچاق گۆشلىرى قاتارلىقلار...
قۇيۇق-سۇيۇق غىزالارنىڭ ھەر بىرى يەنە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن غىزالار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى غىزالار دېگىنىمىز كۆپ قىسمى قان سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرالايدىغان غىزالاردۇر. ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن غىزالار دېگىنىمىز ، ئۇنىڭ ئەكسىچە غىزالاردۇر. ئۆزى ئۇچۇچان ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى غىزالار گۆشنىڭ پار سۈيى (يەنى مائۇللەھمى) ، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى ۋە باشقىلار.. ئەمما ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن غىزالار ياغسىز ، گۆشسىز غىزالارنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى قۇيۇق ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان غىزالار بولسا ، ئوتتا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ، كالا گۆشى ، قوي گۆشى ۋە بېلىق كاۋىپى ، پېتىگان ، قېتىق ، قورۇپ تۇزلانغان گۆشلەردىن ئىبارەت. ئۇزۇقۇق كۈچى يۇقىرى ، بەدەنگە تەسىر كۈچى ئاجىز دېگەنلەر ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھالىھۇل كەيمۇس(جىگەرگە ئۆزلىشىش نىسبىتى ياخشى) ، رەدىئۇل كەيمۇس(جىگەرگە ئۆزلىشىش نىسبىتى ناچار ) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئۆزى ئۇچۇچان ، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق كۆپ ، جىگەرگە ئۆزلىشىشى ياخشى بولغىنى يېرىم پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى ، مائۇللەھمى . ئۆزى قۇيۇق ، ئۇزۇقلۇق كۈچى ئاجىز ، جىگەرگە ئۆزلىشىشى ناچار بولغىنى قۇرۇتۇلغان گۆش ، پۇرچاق ، پېتىگان قاتارلىقلار....
پايدىلانغان مەنبە:
ھاياتلىق دەستۇرى
ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مىزاجغا قاراپ ئۇزۇقلىنىش ئەنئەنىسى.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى
收藏到:Del.icio.us