www.4tadu.com
  • باش ئاغرىقىنى ئائىلىدە داۋالاش - [باش ۋە مېڭە كىسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74574970.html

    باش ئاغرىقىنى ئائىلىدە داۋالاش

     باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولىدۇ. باش ئاغرىسىلا دورا يېيىش ھاجەتسىز. ئادەتتە باش ئاغرىسا، ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى يېيىشكە ئالدىرىماي، تۆۋەندىكىدەك ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىدە داۋالاش ئېلىپ بارسىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
      نەپەس ئېلىش. ئۆينىڭ دېرىزىسىنى چوڭ ئېچىۋېتىپ ياكى بولمىسا سىرتلارغا چىقىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقىرىش. نەپەس چىقارغاندا بەدەننى ئالدىغا ئېگىپ، نەپەس ئالغاندا قەددىنى تىك تۇتۇش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى 10-20 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
      ئارام ئېلىش. ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىپ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، جىددىيلىكتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. باش بارماق بىلەن چېكىنىيەڭگىل ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ باش ئاغرىقىغا بەلگىلىك شىپا بولىدۇ.
      پۇتنى يۇيۇش. ئىككى داسقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇ تەييارلاپ ئىككى پۇتنى ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇغا ئالماشتۇرۇپ چىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
      ھەسەل. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن بېشى ئاغرىيدىغانلار ھاراق ئىچىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ھەسەل سۈيى ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلغان پېچىنە، بولكا قاتارلىقلاردىن بىر نەچچە تال يېۋەتسە، ھەسەل تەركىبىدىكى ئالما شىرنىسى ئىسپىرتنىڭ پارچىلىنىپ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەستلىكتىن تېزراق يېشىلىشكە، شۇنداقلا ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
      بويۇننى نەمدەپ سۈرتۈش. لۆڭگىنى سوغۇق ۋە ئىسسىق سۇغا چىلاپ يەڭگىل سىقىۋەتكەندىن كېيىن بويۇنغا سوغۇق لۆڭگىنى ھەر بىر مىنۇتتا بىر قېتىم، ئىسسىق لۆڭگىنى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش لازىم. بۇ ئۇسۇل قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقىغا ئۈنۈمى بولىدۇ.
      بەدەننى سۈرتۈش. يىرىكرەك لۆڭگە بىلەن پۇت قىسىمدىن ئۈستىگە قاراپ بەدەننى 15 مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك سۈرتۈپ بەرسە، قان ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ۋە يۇقىرى قان بېسىم پەيدا قىلغان باش ئاغرىقىغا ئۈنۈمى بولىدۇ.


      مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": باش
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!