www.4tadu.com
  • پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلىغان 6 چوڭ يىمەكلىك بىلەن داۋالىنىش ئۇسۇلى - [ئوزۇقلۇق بىلەن كېسەل داۋالاش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74581897.html

    پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلىغان 6 چوڭ يىمەكلىك بىلەن داۋالىنىش ئۇسۇلى

    1. قىزىل چاي يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ياپۇنيىلىك ئالىملار ئادەتتىكى قىزىل چايدىن سۇسراق قىزىل چاي سۈيىنى ، يۇقۇملانغان يەرگە بەش سىكونىت قۇيۇپ قويغاندا، ۋىروسنىڭ يۇقۇش ئىقتىدارى يوقالغان. شۇڭا تەتقىقاتچىلار يۇقۇملۇق زۇكام كۆپ كۇرۇلدىغان پەسىلدە، قىزىل چاي كۆپرەك ئىچىپ بىرىلسە، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
    2. ۋىتامىن B6 دىئابىت كىسىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    فىرانسيە، ئىتالىيە، ياپۇنىيەلەردە خەۋەر قىلنىشچە، ۋىتامىنB6 نۇرمال قىممەتتىن تۆۋەن بولغان دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىغا، ھەر كۈنى 100مىللى گىرام ۋىتامىنB6  بىرىلىپ، ئالتە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن پۇت - قۇل ئۇيۇشۇپ، ئاغرىيدىغان ئالامەتلەر يىنىكلىگەن ياكى يوقالغان. ئادەتتە گۈرۈچ، تۇخۇم، يىسۋىلەك، قۇرۇق ئىچىتقۇ قاتارلىق ۋىتامىنB6  كۆپرەك يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرسە، دىئابىت كىسىلنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئوخشاشلا ئۈنۈمى كۈرۈلدۇ.
    3. كالا سۈتى كاناي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ئاممىرىكا ئالىملىرىنىڭ يىقنىقى تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشچە، تاماكا چىكىدىغان ۋە ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغىقىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ %31.7 زادىلا كالا سۈتى ئىچمەيدىغانلاردىن ئىكەن. ھەر كۈنى سۈت ئىچىپ تۇردىغان بەڭگىلەردىن كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىرى%20دىن ئاشمايدىكەن. چۈنكى كالا سۈتىدىكى كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىنA شاخچە كاناي ۋە كاناي دىۋارىنى قوغداپ ياللۇغلىنىش پۈرسىتىنى ئازايتىدىكەن .
    4. ھەسەل جەۋھىرى بۇغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ئەنگىليىلك ئالىملار 200 نەپەر بۇغۇم ياللۇغى بىمارى ئۈسىتدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ، بېڭى بىر خۇلاسە چىقارغان. ھەر كۈنى بىر قىتىم ھەسەل جەۋھىرى ئىستىمال قىلغان، بۇغۇم ياللۇغى بىمارىنىڭ ئاغرىقنىڭ پەسىيىش دەرىجىسى %50 كە يەتكەن. بۇغۇملىرىنىڭ ھەركەتچانلىق دەرىجىىسمۇ، %17 ياخشىلانغان.
    5. ئاپلىسىن سۈيدۇك يۇلى ياللۇغىنى داۋالايدۇ. ئاممىرىكا ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ، سۈيدۈك يۇلى ئاسان ياللۇغلىندىغانلار ھەر كۈنى 30مىللىلىتىر ئاپلىسىن شىرنىسى ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا پايدىسى بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى ئاپلىسىن شىرنىسى باكتىريىنى سىرىتقا چىقىرىشقا ياردەم بىرىپلا قالماستىن ئۇنىڭ سۈيدۈك يۇلى دىۋارىدا چاپلىشىپ  تۇرۋىلىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.
    6.كاۋا ئۇرۇقى مەزى بىزى كىسىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ئاممىرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى كۆرسەتتى. ھەر كۈنى بىر سىقىم 50 گىرامچە كاۋا ئۇرۇقى يەپ بىرىلسە، مەزى بىزى يوغىناشنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى كاۋا ئۇرۇقىدىكى جانلىق تەركىبلەر مەزى بىزىنىڭ دەسلەپكى ئىشىقنى ياندۇرالايدۇ. شۇنداقلا مەزى بىزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!