-
چاي ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74618949.html
كۈندىلىك تۇرمۇشتا چايدىن ئايرىلالمايمىز . چاينىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ، پىروۋىتامىن a ، p، e، c، b.1، b.2، كوفى ئىشقارى ، فىنول قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ ، بەدەندىكى ياغنىڭ ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، بەدەننى ھەر خىل ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ .مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ . باش ئاغرىش ، مۈگدەش ، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . چاينىڭ يۇقۇرىقىدەك شىپالىق تەسىرلىرى بولسىمۇ ، لېكىن چاي ئىچىش ئۇسۇلى ئىلمىي بولمىسا ، ئەكىسچە تەسىر كۆرۈلۈشى مۇمكىن .شۇڭا ، چاي ئىچكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .
1. ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار چاينى كۆپ ۋە قېنىق دەملەپ ئىچسە ، يۈرەك ، ئۆپكە ، ئاشقازان كېسەللىرىنى قوزغايدۇ .
2. چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن ۋە چاي ئىشقارىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىنى كۈچلۈك قوزغىتىش رولى بولغاچقا ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى بارلارنىڭ چاي ئىچىشىگە بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلەشكەن ، تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى ، يۇقۇرى قان بېسىمى بارلارمۇ قېنىق چاي ئىچسە بولمايدۇ .
3. سوغۇق چاي ئىچمەسلىك كېرەك . سوغۇق چاي ئىچكەندىن كېيىن تەر توختىۋىلىپ بەلغەم چىقمايدۇ
4. سەھەردە ئاچ قورساققا چاي ئىچىش بىر خىل يامان ئادەت.
5. ئۇزاق تۇرۇپ قالغان چاينى ئىچمەسلىك كېرەك . ئۇزاق تۇرۇپ قالغان چايدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئامىن بولۇپ ، ئۇنىڭ راكنى پەيدا قىلىش تەسىرى بار .
6. چاينى قىززىق ئىچمەسلىك كېرەك . چۈنكى قىززىق چاي يۇنقۇنچاق ، ئاشقازان ، قىزىلئۆڭگەچ غىدىقلىشى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ، ئۇزاق مەزگىل ئىچىشكە ئادەتلەنسە ، يۇنقۇنچاق ، ئاشقازان ، قىزىلئۆڭگەچ قاتارلىق جايلاردا كېسەل ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن 7. چاينى بەك قېنىق دەملەپ ئىچمەسلىك كېرەك . قېنىق چاي تەركىبىدە كوففىئېن تەركىبى يۇقىرى بولۇپ ،نېرۋىلارنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ . ئاشقازان فېرمىنىتلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ .
8. بەك قورۇپ ياسالغان چاينى ئىچمەسلىك كېرەك .
9. سۈپىتى ئۆزگەرگەن چاينى ئىچمەسلىك كېرەك . چاينى ساقلاش ياخشى بولمىغان ، بولۇپمۇ زەي ئۇرۇنلاردا ساقلانغان چايلاردا زەمبۇرۇغ پەيدا بولىدۇ . ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بار .
10. چاينى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىش ، قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك . ئەگەر چاي قاينىتىلسا چايدىكى ۋىتامىن ، مىنرال ماددىلار زىيانغا ئۇچرايدۇ .
11. قان ئازلىق كېسىل بارلار چاي ئىچمەسلىك كېرەك . چايدىكى تاننىك كېسلاتاسى تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، تۆمۈر كەملەش مەنبەلىك قان ئازلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ .
12. ھامىلدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچسە ، بوۋاقلارغا چاي ئىچكۈزۈلسە ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار كېسەللەر چاي ئىچسە بولمايدۇ .
13. تەشۋىشلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشىلەر چاينى كۆپ ئىچسە ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .
14. ئاشقازان ئۈچەي يارىسى بارلار چاي ئىچمەسلىكى كېرەك .
15. دورا ئىچىۋاتقان ئاغرىقلار دورا ئىچىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ياكى بىر سائەت كېيىن چاي ئىچىشى كېرەك . 16. تاماقتىن بۇرۇن چاي ئىچمەسلىك ، شۇنداقلا تاماقتىن كېيىن دەرھاللا چاي ئىچمەسلىك كېرەك . تاماقتىن كېيىنلا چاي ئىچكەندە ، چايدىكى تاننىك ئوزۇقلۇقتىكى ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئۇيۇۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇنىڭ سۈمۈرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
<<شىنجاڭ گېزىتى>> سەھىيە ۋە سالامەتلىك سەھىپىسىدىنمەنبەسى : سىرداش يۈرەك بلوگى
收藏到:Del.icio.us