-
ئۇيقۇنى ناچارلاشتۇرىۋىتىدىغان يىمەكلىكلەر - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74630932.html
1. قورساقنى كۆپتۈرىۋىتىدىغان يىمەكلىكلەر
بەزى يىمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل قىلىپ ، قورساقنى كۆپتۈرۈپ ، نورمال ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ . مەسىلەن : پۇرچاق ، كاللەك يىسۋەلەك ، باش پىياز ، يېشىل كۆكىس ياڭىقى ، كۆك مۇچ قاتارلىقلار .
2. ئاچچىق يىمەكلىكلەر مۇچ ، سامساق ، باش پىياز قاتارلىق ئاچچىق يىمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنىنى قىزىتىپ ۋە ھەزىم قىلىشنى ناچارلاشتۇرۇپ ، ئۇيىقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
3. زىيادە ياغلىق يىمەكلىكلەر كەچلىك تاماق زىيادە ياغلىق بولۇپ كەتسە ، ئاشقازان ، ئۈچەي ، جىگەر ، ئۆت ۋە تال قاتارلىق ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، نېرۋا مەركىزىنى غىدىقلاپ ، ئۇيقۇ قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4.بۇ ئورۇندا ھاراق كەلتۈرۈلگەن بولۇپ بۇ بىزگە يېمەكلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن قالدۇرۇلدى .
5. زىيادە يىرىك تالالىق كۆكتاتلار
كۈدە ، سامساق نوتىسى قاتارلىقلارنى ئاسانلىقچە ھەزىم قىلغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئۇنى يىيىشكە توغرا كەلگەندە ، ياغ ۋە تۇزنى كۆپ سالماي بەكرەك قورۇپ يېيىش كېرەك .
<< شىنجاڭ گېزىتى >> سەھىيە ۋە سالامەتلىك سەھىپىسىدىن ئېلىندىمىسرانىم تورىدىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us