www.4tadu.com
  • مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە1 - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74392331.html

    مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە

    بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان (مىلادىيە 1785-1875) ئاخىرقى ئۆمرى 90 ياشقىچە ئەمەلىي داۋالاش بىلەن بىرگە  ‹‹رۇمۇزى ئەزەم››، ‹‹ئەنۋارى ئەزەم››،‹‹نىرى ئەزەم››،‹‹قارابادىن ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان.

    ‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› بولسا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 7-ئەسەردىن 19-ئەسىرگىچە يېزىلغان ‹‹ئەلقانۇن فىتتىب››،‹‹زەخىرە خارەزىم شاھى››، ‹‹جاۋاھىرى فارابى››..... قاتارلىق ھەر خىل يېزىقتىكى 100 خىلدىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق مۆتىۋەر تېببىي ئەسەرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللى ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىلىرىنى سىڭدۈرۈپ ، 30 يىل ۋاقىت سەرپ يېزىپ چىققان.

    مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى

     

    بۇ ئەسەر يەنى ‹‹ ئىكسىرى ئەزەم›› 1874-يىلى پارسچە نەشىر قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان  بۇ ھەرقايسى  سېستىما كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبى ، ئالامىتى ، كېسەللىك مىخانىزمى ، داۋالاش ، ئالدىنى ئېلىش ، مۇناسىپ پەرھىز تۇتۇش، ئۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان دورا قاتارلىقلارنى كىلىنىكا ئەمەلىيىتى ئاساسىدا شەرھىلىگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر تېبابىتى خادىملىرىنىڭ زۆرۈر ئوقۇيدىغان تېببىي كىلاسسىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

    مەزكۇر تېببىي ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى مۇتەللىپ ئەلى ھاجى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك فاكۇلتىتىنىڭ تەكلىپلىك پروفىسسورى بولۇپ ، ئۇ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ئوقۇتۇش ، داۋالاش ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ  نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمقى ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى بىلىمى ئالاھىدە يۇقىرى.

    ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش داۋامىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ نۇقتىلىق پەن ـ تەتقىقات تۈرىنىڭ مەبلەغ ياردىمى ، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسىرى ‹‹ئېكسىرى ئەزەم››نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى.

    ‹‹ئىكسىرى ئەزەمنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشرگە تەييارلاش داۋامىدا پروفىسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچىنىڭ دادىسى داڭلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى مۇدىر ۋىراچ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشقا غايەت زور يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلدى ، بۇ يەردە پروفىسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى شۇنداقلا بۇ پىشقەدەم زاتقا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

    ‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› ناملىق بۇ ئەسەر ھەر قايسى سېستىمىلاردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ ، ھەر بىر تۈردىكى كېسەللىكلەرنى تۇنۇش، سەۋەبى ، ئالامىتى ، تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىلىنكا ئەمەلىيىتى ئاساسىدا مۇپەسسەل بايان قىلىدىغان تېببىي كىلاسسىك ئەسەر.

     ‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› ئۇيغۇر  تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك خادىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان تېببىي كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ ، ئۇنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك  ـ دورىلگەرلىك كەسپىدىكى باكلاۋۇر ، ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئوقۇشىغا تېگىشلىك تېببىي كىلاسسىك ئەسىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىلمىگە ئىشتىياق باغلاۋاتقانلارنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە ئوبدان دوستى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىنىڭ مۇدىرى پروفىسسور خالمۇرات غوپۇر

    ئىكسىرى ئەزەمدىن ئېلىندى ،  داۋامى داۋاملىق يوللىنىلىدۇ.

    ئىككىنچى قىسمى   http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74507816.html

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى  

                                                                                 

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!