-
ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74375015.html
ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا.
تۇتاش كەتكەن قاتمۇ-قات تاغلاردا ،
تىنچ خىلۋەت ئارانيا _دانتا .*1
ئارتۇچ سوگۈت * 2 ئاستىدا ،
(شارقىراپ) ئاققان سۇ بويىدا.
شادلىقتا ئۇچقۇچى قۇشلار،
يىغىلىدىغان جايدا
ھېچ نەرسىگە پەرۋا قىلماي ھۇزۇرلىنىدىغان
ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا.قاتمۇ-قات بۈك - باراقسان ئورمانلىق تاغلاردا ،
قەدىمىي بۇرۇنقى ئارانياتاندا ،
ئېگىز، تىك قىيالار تۈۋىدە ،
پۈتۈنلەي جىمجىتلىققا چۆككەن ،
بۈك-باراقسان دەرەخزارلىقتا .
يېڭىچكە(ئېقىن)سۇلارنىڭ بويىدا،
پۈتۈن دىققىتى بىلەن دياندا *3 ئولتۇرىدىغان
ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا .يېراق جىلغا ، قاتمۇ-قات تاغلاردا ،
سۈيۈملۈك ئارانياتاندا ،
سۇزۇلۇپ ئاقار سۇلار ئارىسىدا ،
ئۈن-تىنسىز خالىي يەردە.
سەككىز تۈرلۈك بوراندىمۇ تەۋرەنمەي.
تاقەت قىلىپ شۇ يەردە.
سەبىر بىلەن يالغۇز نوم ھۇزۇرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان
ئەنە سۇنداق ئورۇنلاردا.كۆكىرىپ تۇرىدىغان كۆركەم تاغلاردا
كۆڭۈلگە ياقىدىغان خىلۋەت ئورۇندا ،
شۇنچە ياخشى دەرەخزارلىق ئارىسىدا،
داۋالغۇپ ، دولقۇنلاپ تۇرغان كۆللەر بويىدا،
كۆز قاتارلىق قاچىغلار*4 دىن خالىي بولۇپ ،
(ھەممە نەرسە) كۆرۈنىدىغان ، بىلىنىدىغان ئورۇنلاردا
ھېچقانداق ھەۋەسكە بېرىلمەستىن ھوزۇرلىنىدىغان
ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا1* ئارانيا _ ئورمانلىق ، ئورمانلىق تاغ دېگەن مەنىدە . سانسكىرت تىلى.
2* ئارتۇچ سوگۈت - قارا ئارچا دەرىخى.
3* ديان- چوڭقۇر خىيال قىلىش، ئىستىقامەت دېگەن مەنىلەردە ، سانسكىرت تىلى.
4*قاچىغ - بۇددا دىنىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ ، كۆز ، قۇلاق ، بۇرۇن ، تىل ، بەدەن ۋە تەپەككۇرنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمقى تۈرك تىلىدا ئالتى قاچىغ دېيىلىدۇ.
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى <<قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى >> دەۋرى (9-ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ) يېزىلغان ۋە كۆچۈرۈلگەن . قەدىمقى ئۇيغۇرچە شېئىر - قوشاقلار سان جەھەتتىن كۆپ ، ھەجىمى جەھەتتە زور .
( يۇقىرقى شېئىر پارچىسى ھازىر ئەنگىلىيىدىكى بۈيۈك بېرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۇنى سىتەين دۇنخۇاڭ(دەشت ئاتا)دىن ئېلىپ كەتكەن ، بۇ شېئىر سىتەيننىڭ <<قەدىمقى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى شېئىرلار توپلىمى>>دىن ئېلىندى.قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us