www.4tadu.com
  • ئىچكىلىك ۋە ئىچىكبازلىق توغرىسىدا - [ساقلىق ساۋاتلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74372070.html

    ئىچكىلىك ۋە ئىچىكبازلىق توغرىسىدا

       ئابدۇللا قاھار

    (ئۆزبىكىستان)

     ھاراق دېگەن ئىپلاسنىڭ بىر تامچىسى قىرىق ئېغىز گەپتۇر . بىرىنچىدىن ، ئىچكىلىك توينى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلايدۇ ، توي ئىەىسى چوڭلارغا ئالاھىدە چاي تەييارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.نەتىجىدە چوڭلار‹‹كاتتا توي›› نىڭ ئۇيۇن – كۈلكىسىدىن مەھرۇم بولۇشىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . خۇسۇسەن يېزا - قىشلاقتا توي ئىگىلىرى ئىچەرمەن ئادەملەرنى ‹‹كاتتا توي››دىن ئايرىپ ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئۇرۇن تەييارلايدۇ. تويغا ئېلھام بېرىپ ، ئۇنى قىزىتىشى مۇمكىن بولغان ئادەملەر شۇ توپقا كىرىپ قالسا ، ‹‹كاتتا توي›› نىڭ پەيزى قالمايدۇ. ؛ ئىككىنچىدىن ، ئىچىكبازلىق بولغان تويدا ... ئەلۋەتتە  ئاشقا چۈشكەن چىۋىنلەرمۇ بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن ، تويدا ئىچىكبازلىق تەرغىب قىلىنىدۇ. توي مۇراسىمى باشلىغان ، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشلارغا ياخشى تىلەك تىلىگەن ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەر قەدەھ كۆتۈرۈپ ، ئەتراپىنى چۈمۈلىدەك بېسىپ كەتكەن تاماشىبىن بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ھەممىگە ئىچكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاراققا ئۇرۇنسىز ئابروي كەلتۈرۈپ بېرىلىدۇ. بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ھاراق ئىچىش ئۇلارچە ئەيب ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئىچىكبازلىق ئادەمنى ئىپلاس ھۇرۇن ، لەۋزىدە تۇرمايدىغان ، تايىنى يوق ، يالغانچى قىلىپ قويىدۇ. يازغۇچى بولغان ئادەم پاكىزە ، چىرايلىق ، ئىشەنچلىك ، ئېتىبارلىق ۋە ھەقىقەتچى بولۇشى كېرەك ، ئەلۋەتتە.

    (ئىچىكبازلىقنىڭ كىشىنى قايسى ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى شەيخنىڭ بىر ھېكايىتىدىن بىلەيلۇق:

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71527710.html

    نەشە چېكىشمۇ زور ئەيب ، كۆكنار چېكىش تېخىمۇ ئۇياتتۇر. نىمە ئۈچۈن ھاراق – شاراب ئۇيات ۋە ئەيب ئەمەس ئىكەن؟! نېمە ئۈچۈن توينى ئەيب ۋە ئۇياتلىق ئىشلاردىن قېلىشمايدىغان ھاراق – شاراب بىلەن بېزەيمىز ؟ نەشە بەڭگىلىككە ، كۆكنار ئەپيۇنكەشلىككە باشلاپ كىشىلەرنى ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىرىدۇ دەيمىز، نېمە ئۈچۈن ھاراقكەشلەرنى ئادەم ھېسابلايدىكەنمىز؟ ...ھاراقكەشلەرنىڭ قىلمىغان جىنايىتى قالمىدىغۇ ؟!  بۇمۇ ھاراقكەشلىكنىڭ باشقا بەڭگىلەردىن ئەۋزەللىكىمۇ ، ئەمدى!

    بىلىش كېرەككى ، ئوغرى مال ئوغرىلىسا ، ھاراق – شاراب قان ئوغرىلايدۇ . بىر ئوبدان ئائىلە ۋە جەمئىيەت  ئەزاسىنى سەپتىن چىقىرىپ ، كېرەكسىز كىسەككە ئايلاندۇرۇپ تاشلايدۇ.

      تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى .

     

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": ھاراق
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!