www.4tadu.com
  • مەنىي ، مەزىي ، ۋەدىي ئېقىش - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/74322268.html

    مەنىي ، مەزىي ، ۋەدىي ئېقىش

    مەنى دېگەن ئۇرۇق بېزى سۇيۇقلۇقىغا ، مەزى دېگەن مەنى خالتىسىنىڭ ئاغزى قىسمىغا جايلاشقان بەزنىڭ سۇيۇقلۇقىغا ،  ۋەدى دېگەن سۈيدۈك يولى شار بېزى ياكى ۋەدى بېزى دەپ ئاتىلىدىغان جىسمى ناھايىتى كىچىك ، شارسىمان  سۇيۇقلۇق بېزىنىڭ سۇيۇقلۇقىغا قارىتىلىدۇ.  

    بۇ ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان  تاناسىل ئەزالارنىڭ خىزمىتى نورمال بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىك بولۇپ ، شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى جىنسىي ئەزا ھەرىكەت قىلىپ  قايىم بولغاندا يۇقىرىقى سۇيۇقلۇقلار ئىختىيارسىز ھالدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە  ئېقىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

    بۇ كېسەللىك جىنسىي ئەزالارنىڭ تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاش، بۆرەك ئاجىزلاپ ئۇرۇقلاش ، مەنىي كۆپىيىپ كېتىش ، روھىي ئامىللار ۋە شۇنداقلا غەيرىي تەبىئىي ئىسسىقلىق ، سۇغۇقلۇق ، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ جىنسىي ئەزالارغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ سەۋەبلىرىگە تۈرلىرى بويىچە قاراپ چىقساق تۆۋەندىكى  سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ ، يەنى :

     بىرىنچىسى : مەنىي پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ياكى ئۇزاققىچە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن مەنىي ۋە مەزىي  كۆپىيىپ كېتىپ ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئىككىنچىسى: مەنىينىڭ ئۆتكۈرلۈكى تەبىئەتنى غىدىقلىغانلىقتىن تەبىئەت ئۇنى ئىتتىرىپ چىقىرىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: سۇغۇقلۇق سەۋەبىدىن مەنىي قاچىلىرى بوشىشىپ كەتكەنلىكتىن ، تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاپ مەنىي ۋە مەزى سۇيۇقلۇقلىرىنى تۇتۇپ تۇرالماي ئۇنىڭ ئېقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تۆرتىنچىسى: مەنىي قاچىسىنىڭ مۇسكۇللىرى يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن مەنىي ۋە مەزى سۇيۇقلۇقلىرى ئېقىپ چىقىدۇ.

    بەشىنچىسى: بۆرەك ئاجىزلىقى ھارارەتنىڭ يۇقىرىلىقى ، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلۈكى ياكى سۈپەتسىز ئالاقە  سەۋەبىدىن بۆرەكنىڭ يېغى ئىرىپ كىتىپ ، مەنىي ۋە مەزىي سۇيۇقلۇقى تىز ئېقىپ چىقىدۇ.

    ئالتىنچىسى: جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئويلاش ، شەھۋانىي خىيال قىلىش ، شۇ خىلدىكى  رەسىم ياكى كىنولارنى كۆرۈش ، ئىشقى – مۇھەببەت پاراڭلىرىنى كۆپ قىلىش ۋە ئادەتتىكى سۈركىلىشلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىمۇ بۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    يەتتىنچىسى : سۈيدۈك كانالچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى سەۋەبلىكمۇ مەنىي ۋە مەزى سۇيۇقلۇقلىرى ئېقىپ قېلىشى مۇمكىن.

    بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى يۇقىرىقىدەك يەتتە تۈرگە ئايرىپ چىقتۇق . بۇ ھەقتە تولۇقلىما ئۈچۈن تۆۋەندىكى تېمىلارغا نەزەر تاشلىغايسىز :

    جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان 1

    http://kukyal.blogbus.com/logs/71329549.html

    جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان 2

    logs/69726782.html

    جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان 3

    logs/71329556.html

     

    داۋاسى؛

     بىرىنچى خىل سەۋەبتىن ، يەنى ؛ مەنىي پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ياكى ئۇزاققىچە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ، مەنىي پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئازلىتىش ، بىمارنىڭ مىزاجىغا ماس كېلىدىغان مەنىي تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى بېرىش ، بەدىنى كۈچلۈك بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپەيتىش، ياكى تازىلاش ئېلىپ بېرىش، قۇۋۋەتلىك ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشنى توختىتىش ياكى ئازلىتىش لازىم .

    مەنىي تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت ؛

    سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار:پۇرچاق ئۇنى ، نېلۇفەر، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، سىمىز ئوت ئۇرۇقى، ساپ سۇ ، چۈچۈمەل قېتىق سۈيى، بەللۇت ئۇنى ، سىركە ، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى (بۇنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ قالسا جىنسىي ئىقتىدارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدۇ) قاتارلىقلار، زەيتۇن يېغى ۋە بەزرۇلبەنجى يېغىنى ئۇرۇقدان ۋە مەقئەتكە سۇۋاشمۇ  مەنىينى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

    ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار: قورۇلغان ۋە قورۇلمىغان  سىيادان ، سۇزاپ ئۇرۇقى، پىننە ، پەرپىيۇن، زىرە قاتارلىقلار ، زىرە چۈشكەن دورىلارمۇ ھەم شۇ تەسىرنى بېرىدۇ.

     ئىككىنچى خىل سەۋەبتىن يەنى مەنىينىڭ ئۆتكۈرلۈكى تەبىئەتنى غىدىقلىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا ، تۆۋەندىكى داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ؛

    بىرىنچىسى: نىلۇپەر شەربىتى بىلەن چىلان شەربىتى ھەم ھۆل سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر ۋە دورىلار ئىستىمال قىلىنىدۇ.  ھەر خىل تەبىئەتتىكى دورىلارنى بىلىش ئۈچۈن  تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپ چىققايسىلەر:

    logs/74215050.html

    ئىككىنچىسى؛ ئانارگۈلى ، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى ، سىمىز ئوت ئۇرۇقى ، ئىسپىغۇل، بەزرۇلبەنجى ، كاسىنە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى،  قۇرۇق يۇمغاقسۈت، نىلۇپەر قاتارلىق سۇغۇق تەبىئەتلىك مەنىي تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بېرىلىدۇ.

    ئۈچىنچى خىل سەۋەبتىن يەنى  خىلىتسىز سۇغۇقلۇق تەسىرىدىن  تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاپ مەنىي ۋە مەزى سۇيۇقلۇقلىرىنى تۇتۇپ تۇرالمىغانلىقتىن   كېلىپ چىققان بولسا   پىننە ، سەئدى كۇفى  ،  سۇزاپ ئۇرۇقى ، شادىنەچ،  زىرە ، سىياھدان، تۇخۇمى پەنجى كۇشات قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك مەنىي تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار بېرىلىدۇ ۋە مەئجۈنى كۇمۇنى بېرىلىدۇ.

    تۆتىنچى خىل سەۋەبتىن  يەنى مەنىي قاچىسىنىڭ مۇسكۇللىرى يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا ، تارتىشىپ قېلىشقا قارىتا چارە كۆرۈلىدۇ ، ئۇرۇقدان ۋە دوۋساق ساھىسى مۇناسىپ مايلار بىلەن مايلىنىدۇ.

    بەشىنچى سەۋەب يەنى بۆرەك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا  بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ›› دېگەن تىمىمىزنى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، ئۇلىنىش مەنزىلى:

    logs/73089851.html

    ئالتىنچى خىل سەۋەب يەنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئويلاش ، شەھۋانىي خىيال قىلىش ، شۇ خىلدىكى  رەسىم ياكى كىنولارنى كۆرۈش ، ئىشقى – مۇھەببەت پاراڭلىرىنى كۆپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان بولسا ؛ بويتاق بولسا توي قىلىشقا بۇيرۇش لازىم . بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر نەچچە سەۋەبلىرىمىزمۇ قۇشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭغا ئۆز يولى بىلەن  چارە كۆرۈش مۇمكىن .

     يەتتىنچى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا ئىتتىرىفىل كىشمىش ، ھالۋايى نۇقۇت ۋە باشقا مەنىي قۇيۇلدۇرغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش . تۇتقۇچى دورىلارنى ئىچى سىرتىدىن ئىشلىتىش لازىم . ھەببى بەند كۇشادنى كۈنىگە ئىككى تالدىن يەتتە كۈن بېرىش، ھالۋايى سۇپارى پاك تەييارلاپ بېرىش، داۋايى بەند كۇشادنى جىنسىي ئەزا تۈشۈكىگە كۈندە بىر دانىدىن كىرگۈزۈش سەمغى ئەرەبى ، كۇندۇر ۋە خۇنسىياۋشاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇدا ئىزىپ ، سۈيدۈك يولى ئېغىزىغا تېمىتىش لازىم.

    بۇ كېسەللىكنىڭ كۆپ خىل  تۈرلىرى ئۈچۈن ماس كېلىدىغان دورىلاردىن سۇپۇپى پەرەنجىمىشكى ، سۇپۇپى مۇغەللىز ، سۇپۇپى مەۋسەل، مەجۈنى سەيلان ، مەجۈنى رېگماھى، مەجۇنى مۇغەللىز ۋە ھەببى مۇغەللىز، مەجۈنى ھىندى قاتارلىقلار  بار .  

    ئۈچ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىشىغا قارىتا ئىشلىتىدىغان دورىلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، ئۆنى كۆپ قىسىم تورداشلار ئۆزى تەييارلىيالمىغانلىقى شۇنداقلا م ھەر ئىشنى كەسپ ئەھلى قىلىشى مۇھىم بولغىنى ئۈچۈن بىز مۇشۇ يەرگىچىلىك داۋام قىلدۇق.

    پايدىلانغان ماتىرىياللار:

    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى تۆتىنچى توم.

    ئىكسىر ئەزەم

    ئەرلەر ساغلاملىقى

    ھاياتلىق دەستۇرى

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى  تەييارلىدى.  

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن ياڭاق پاسىلىنى دەملەپ ئىچكەن ئىدىم كۆپ ئىھتىلام بولىدىغان ئىشىم ساقايدى . سورايدىغىنىم دائىم ئىچسە بەدەنگە زىيانلىقمۇ ..
    كۆكيال回复uysat说:
    سوئالىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب يازالمىغىنىمنى ئەپۇ قىلغايسىز ، ياڭاق پاسىلىنىڭ تەبىئىتى ھەققىدە كىتابلاردا مەلۇمات يوق ، جۇڭيى ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسىدا كۆپ ئېھتىلامدا ئۈچ مىسقال ياڭاق پاسىلى سۇ بىلەن دەملەپ ئىچىلىدۇ دېيىلگەن . ئەل ئىچىدە ياڭاق پاسىلى كىچىك بالىلارنىڭ كىچىسى سىيىپ يېتىشىغا ئىشلىتىلىدۇ . دىمەك ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى ھكللۈكنى قۇرۇتۇش ۋە تۇتۇش . تۇتقۇچى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە بەدەندە توسالغۇ پەيدا قىلىپ قۇيۇش ئېھتىماللىقى بار .
    2010-09-11 19:25:48
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .مەن دائىم كۆپ ئىھتىلام بولىمەن ( ھەپتىدە ئىككى ئۈچ قىتىم ) ياڭاق پاسىلىنى چاي دەملەپ ئىچكەندىن كىيىن پۈتۈنلەي ئوڭشالدىم . دائىم ئىچىپ بەرسەم زىيانلىق تەسىرى بارمۇ
    كۆكيال回复uysat说:
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز ئېيتقان ئەھۋال ئوڭشالغاندىن كېيىن ياڭاق پاسىلى دەملەپ ئىچىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ . لېكىن ئېھتىلام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ( بۇنى سىز بىلەلەيسىز) دىن ساقلانسىڭىز بولىدۇ . ياڭاق پاسىلىنىڭ كۆرۈنەرلىك زىيىنى يوق ،
    2010-09-11 19:09:49
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!