-
جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329549.html
جىنسىي ئاجىزلىق
بۇ ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقى ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ئۇزۇن مەزگىل ئاغرىپ يېتىپ قېلىش ۋە شۇ كېسەلنىڭ ئاسارەتلىرى ، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، تاناسىل ئەزانىڭ مىزاجى ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى ، تاناسىل ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ، ئۇرۇقداننىڭ زەخمىلىرى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ، چىكىملىكنىڭ تەسىرى ، روھىي زەربىگە ئۇچراش ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇست بولۇش، ، ساغلام بولغان جىنسىي كۆز قاراش يېتىلدۈرمەسلىك ، سۈپەتسىز جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ، سېرىق مەزمۇندىكى كىتاپ ، لېنتىلارنى كۆرۈش ، ساغلام بولمىغان ئېنتىرنىت مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش ،ۋە شۇ مەزمۇندىكى پاراڭلارنى تولا قىلىش ، ئانانىزىم قاتارلىقلارنىڭ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، ۋاقتىدا ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا بارا – بارا ئېغىرلىشىپ بارىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، جىنسىي ئىنتىلىش سۇسلىشىش ، رىغبەت ئازىيىش ، لەززەتلىنەلمەسلىك ياكى لەززەتنىڭ سۇست بولۇشى ، قوزغىلىش سۇس بولۇش ۋە بوشاپ كېتىش ياكى قوزغالماسلىق ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
قەدىمقى ھەكىملەردىن شەيخ ئىبىن سىنا جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن :
بۇنىڭ سەۋەبى يا ئالەتنىڭ ئۆزىدە يا ئۇرۇق ئەزالىرىدا ياكى باشقۇرغۇچى ئەزالاردا ۋە ئۇلارغا قوشنا ئەزالاردا ، ياكى باشقۇرغۇچى ئەزالار بىلەن جىنسىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇچى ئەزالاردا بولىدۇ . بەزىدە بۇ مەخسۇس قوشنا ئەزالاردىكى سەۋەبتىن ، ياكى بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ ھەممىسىدە دەمنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ .
ئالەتنىڭ ئۆزى سەۋەب بولىدىغان نۇقسان ئالەت مىزاجىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ياكى ئۇنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى بوشىشىدىن بولىدۇ . ئالاقە خاھىشىنىڭ ماياكلار ۋە ئۇرۇق ئىدىشلىرى (ئۇرۇقدانلىرى) سەۋەبلىك كېمىيىشى ئۇلاردىكى مىزاجنىڭ ساددا ھالدا ياكى قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىپ ھەددىدىن تاشقىرى بۇزۇلىشىدىن بولىدۇ ، بۇ كىيىنكىسى ئەڭ ياماندۇر . ياكى بۇنىڭدا تەنھا قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزى غەلىبە قىلغان بولىدۇ . بۇ نۇقسان بەزىدە ئۇرۇق ھەرىكتىنىڭ سۇستلۇقى ۋە قوزغاتقۇچى ئېچىشتۇرۇش تەسىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىدىن بولىدۇ . بەزى كىشىلەردە ئۇرۇق كۆپ بولسىمۇ ، ئۇلار ئالاقە قىلغانلىرىدا ئۇرۇق قۇيۇقلۇقى سەۋەبلىك تۆكۈلمەيدۇ ، لېكىن كېچىلىرى ئېھتىلام بولىدۇ ، چۈنكى بۇلاردا ئۇرۇقدان كىچىسى قىزىيدۇ ، ئۇرۇقمۇ قىزىپ سۇيۇلىدۇ .
باشقۇرغۇچى ئەزا سەۋەبلىك بولغان كەملىككە كەلسەك ، بۇنىڭ سەۋەبى قەلب(يۈرەك)تىن بولۇشى مۇمكىن ، بۇنىڭدا ئالەتنى كېڭەيتكۈچى روھ ۋە يەل ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ سەۋەب جىگەردىن بولغىنىدا ، ئۇرۇق ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ سەېەب مېڭە تەرەپتىن بولغىنىدا سېزىشچان قۇۋۋەتنىڭ ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ بۇنىڭغا سەۋەب بۆرەكنىڭ سۇۋۇشى ، ئۇرۇقلىشى ۋە بۇنىڭ مەلۇم كىسەللىكلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭغا بەزىدەھەزىم قىلىش ناچارلاشقاندا ئاشقازانمۇ سەۋەب بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى يا باشلانما ئەزانىڭ كۈچسىزلىكى سەۋەبلىك ياكى باشلانما ئەزالار بىلەن جىنسىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى يوللارنىڭ توسۇلۇشى سەۋەبىدىن بولىدۇ . مېڭە سەۋەبلىك بولغان جىنسىي زەئىپلىك كۆپىنچە ئۇرۇلۇش ياكى يېقىلىش سەۋەبلىك بولىدۇ .
ئالاقە قابىلىيىتىنىڭ كەملىك سەۋەبى تۆۋەندە جايلاشقان ئەزالاردا بولۇشىغا كەلسەك ، بۇلاردا مىزاج ئىنتايىن سۇغۇق يا ئىنتايىن ئىسسىق ياكى قۇرۇق بولۇپ ، نەتىجىدە دەملىگۈچى يەل يوقىلىدۇ . دەملىنىش قوزغىلىشقا ياخشى ياردەمچىدۇر . ھەتتا ، قېرىندىكى دەملىك ، ئەگەر ئۇ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ ئەلەم بەرمىسە ، ئالەتنى قوزغىتىدۇ . سەۋدايى كېسەل كىشىلەردە دەملىنىش كۆپ بولۇشتىن ئالەت كۆپ قوزغىلىدۇ.
قوشنا ئەزالاردا بولىدىغان كېسەللەرگە كەلسەك ، مەسىلەن بۇۋاسىرنى كېسىشتە ئۇنىڭ ئارقا تۆشۈكىگە ئەلەم يېتىپ ، بۇ ئارقا تۆشۈك ۋە ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى بىلەن ئالەت ئەزالىرىنى تۇتاشتۇرغان ئەسەبكە زەرەر قىلغان بولىدۇ . ئۇيۇلۇش ۋە تۈرلۈك خىياللارمۇ جىنسىي ئالاقىنى سۇستلىتىدىغان ، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەردىن سانىلىدۇ . بۇلار مەسىلەن ، ئالاقە قىلىدىغان ئايالنى يامان كۆرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئۇيۇلۇش ، ياكى ئالاقىدىن بۇرۇن ئالاقىگە كۈچسىز ۋە ئاجىز بولۇپ قالىمەن دەپ يۈرەكتە قورقۇنچ پەيدا بولۇش – بولۇپمۇ ئالدىدا ئۇنىڭدا تاسادىپىي شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا ھەر قېتىم ئالاقە قىلماقچى بولغىنىدا بۇ نەرسە كۆز ئالدىغا كېلىپ ئالاقىگە ئاجىز بولىدۇ . ئالاقىنى تەرك قىلىشمۇ زەئىپلىككە سەۋەب بولىدۇ ، بۇنىڭدا نەفس ئۇنى ئەستىن چىقىرىپ ، ئەزالار ئۇنىڭدىن قايتىدۇ ۋە تەبىئەت ئۇرۇق تۇغدۇرۇش بىلەن كەم شۇغۇللىنىدۇ . بۇ بالىنى سۈتتىن ئايرىغان ئايالدا تەبىئەت سۈت تۇغدۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماي قالغىنىغا ئوخشايدۇ.
بىلگىنكى، ئالەتنى قوزغىتىدىغان سەۋەب ئۇرۇقتىن ياكى باشقا نەرسىدىن قوزغالغان يەلدۇر ، سۇغۇق ۋە ئىسسىق ئىككىلىسى يەلگە زىتتۇر ، چۈنكى سۇغۇق يەلنىڭ تۇغۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، ئىسسىق بولسا يەل ماددىسىنى تارتىپ چىقىرىۋېتىدۇ . يەلنى تۇغدۇرۇشقا مۆئدىتىل رۇتۇبەت (ھۆللۈك) ۋە ئۇنىڭغا يارىشا ھارارەتكە تەڭ كېلىدىغان نەرسە يوقتۇر . ئەتەيلەپ ئاتقا مىنىش، ئادەت قىلغان كىشىلەرگە ھەمدە بۆرەك ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يەرلىرى ھۆل مىزاجلىق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغۇق بولغان كىشىلەرگە بۇ جەھەتتىن پايدا قىلىدىغان نەرسىلەردىندۇر . لېكىن بۆرىكى قۇرۇق ۋە ئىسسىق مىزاقلىق كىشىلەردە ئاتقا مىنىشنى مۆئدىتىللىك بىلەن ئىشلەتمىگەندە ، بۇ نەرسە زەرەرلىك بولۇپ نەسىلسىزلىككە سەۋەب بولىدۇ .
بەلگىلىرى :
جىنسىي زەئىپلىك ئالەتنىڭ بوشاشقانلىقى ۋە ئەسەب مىزاجىنىڭ سۇغۇقلۇقتىن بولغانلىقى ، ئالەت تارتىلىپ تۇرماسلىقىدىن ۋە سۇغۇق سۇدا قورۇلماسلىقىدىن بىلىنىدۇ . بەزىدە ئۇرۇق كۆپ بولۇپ ، تىزلىك بىلەن چىقىدۇ ۋە بەزىدە ئالەت قوزغالماستىن ئۇرۇق تۆكۈلىدۇ . كۆپىنچە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن ئورۇقلايدۇ ۋە زەئىپلىشىدۇ ، بېراق شەھۋەتتە نۇقسان بولمايدۇ .
ماياك ۋە ئۇرۇق ئەزالىرى سەۋەبلىك بولىدىغان خىنسىي كۈچسىزلىك ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ سوۋۇشىدىن بولسا ئۇرۇق كېمەيمىسىمۇ قىيىنلىق بىلەن چىقىدۇ ۋە ئالىتىنى تۇتۇپ كۆرگەندە سۇغۇق تۇيۇلىدۇ . ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇرۇق كەملىكىدىن بولسا ، بۇنىڭدا ئۇرۇق كەم بولۇپ ، قىيىنلىق بىلەن چىقىدۇ . بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بەدىنى ئۇرۇق ۋە كەم قان بولۇپ ، ھاممامغا چۈشۈش ۋە ئۇزۇقلىنىش بىلەن بەدەننى ھۆللەش ئۇلارغا پايدا قىلىدۇ .
جىنسىي ئەزالىرىدىن ئىلگىرى تۇرغان ئەزالىرى سەۋەبلىك بولىدىغان زەئىپلىكتە سەۋەب جىگەر ۋە بۆرەكتە بولسا ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ، ھەزىم ، ئىشتىھا ۋە قان تۇغۇلۇشى مۇناسىپ رەۋىشتە بولمايدۇ . ئەگەر بۇ يۈرەكتە بولسا ئالەتنىڭ قوزغىلىشى كەم بولىدۇ ۋە بەزىدە ئۇرۇق چىقىرىش ئالەت قوزغالماستىنمۇ بولىدۇ ، تۇمۇر سوقۇشى كۈچسىز ۋە يۇمشاق بولۇپ ، بەدەن ئىسسىقى كەم بولىدۇ .
ئەگەر جىنسى زەئىپلىكنىڭ سەۋەبى مېڭىدە بولسا ئۇرۇق ھەرىكىتىنى سېزىش كەم بولىدۇ . ئالاقىنى تەلەپ قىلغۇچىدا قاتتىقلىنىش ۋە ئارزۇ بولمايدۇ . بۇ ھېسلارنىڭ ئەھۋالى ، بولۇپمۇ كۆزنىڭ ھالىدىنمۇ بىلىنىدۇ . خۇسۇسەن زەئىپلىك مېڭىگە يەتكەن ئۇرۇلۇش ياكى يېقىلىپ چۈشۈشتىن كېيىن بولسا شۇنداق بولىدۇ . جىگەر ، يۈرەك ۋە مېڭىدىن ھەر بىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىلەر ئېيتىپ ئۆتۈلدى. بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى بار ، ئۇ ئۆز يېرىدە قارالسۇن . تۆۋەن ئەزالىرىدا دەمنىڭ ئازلىقىدىن بولىدىغان زەئىپلىككە كەلسەك ، ئۇنىڭ بەلگىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ، بۇنىڭدا ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى ساغلاپ بولۇپ ھەمدە يۈرەك ، جىگەر ، كۆڭۈل تارتىش ۋە ئۇرۇق كۈچلۈك تۇرۇپ زەئىپلىكنى پەقەت ئالەتنىڭ قوزغىلىشىدىن كۆرىسەن . ئىچىنى دەم قىلغۇچىلار ئىشلىتىلسە ، كېسەل ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ . ئۇرۇق ھەرىكىتى ۋە قىتىقلىنىشنىڭ كەملىكىدىن كەلگەن زەئىپلىكنىڭ ئالامىتى ئالاقە ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا قاتقان ئۇرۇقنىڭ چىقىشىدۇر ؛ بۇنىڭ كۆپچىلىكى سۇغۇق مىزاجدىن كېلىپ چىقىدۇ . بەزىدە ئۇرۇق كۆپ بولۇپ ، لېكىن ئېيتقىنىمىزدەك ئىنتايىن ھەرىكەتسىز ۋە قاتقان بولىدۇ .
سېمىز كىشىلەر ئۇرۇق كىشىلەرگە قارىغاندا ئالاقىغە ئاجىزراق بولىدۇ . ئالاقىنى كۆپ قىلىشنى ئىستىگۈچىلەر ئۇمۇمەن تەرلەش ۋە تەرلىتىدىغان ھاممامغا چۈشۈشنى كېمەيتىش ۋە مۇمكىن قەدەر تۇمۇردىن قان ئېلىشنى تەرك قىلىشى لازىم ، شۇنىڭدەك ئىككى پۇت ئالقىنىنى ئىسسىق ياغلار بىلەن ئىشقىلاش كېرەك ، چۈنكى بۇ بۆرەك ۋە ئۇرۇقداننى قۇۋۋەتلىك قىلىدۇ .
شەيخنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۇشۇ يەرگىچە داۋام قىلدۇق .
ئىككىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69726782.html
ئۈچىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329556.html
收藏到:Del.icio.us
مەنىي ، مەزىي ، ۋەدىي ئېقىش
Blog:كۆكيال2010-09-04 18:50:30