www.4tadu.com
  • جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان2 - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69726782.html

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69706034.html

    ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئۈستىدىكى ئۇرۇندىن كۆرۈڭ.  

    ئەمدى كىسەللىك سەۋەبلىرىگە كەڭرەڭ سورۇن ھازىرلىمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى .

    ئۇلار تۆۋەندىكىچە

    1.مىزاج بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ .

    1) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئىچكى تاشقى جەھەتتىن ئورگانىزىمغا زىيادە تەسر قىلغاندا ، پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇستلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە جىنسىي ئەزالاردىكى تەبىئىي ھارارەتنى سۇندۇرۇپ ، جىنسىي ئەزالارنى بوشاشتۇرۇپ ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ جىنسىي ئەزالارغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    2) تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

    بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي  بەلغەم خىلىتى قان ئايلىنىش  ئارقىلىق ، ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىغا تەسىر قىلغاندا ، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى تەسىرى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى ان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇستلاشتۇرۇپ ، تەبىئىي ھارارەتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئەزالارنىڭ مۇسكۇل ۋە پەي ، تارامۇشلىرى بوشىشىپ ، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي ئىنكاسنىڭ سۇستلىشىشىنى يەنى باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    3) قان خىلىتى كېمىيىپ كېتىشنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

    تۈرلۈك سەۋەبلەردىن  قان خىلىتى كېمىىيىپ كەتكەندە ، ئورگانىزمنىڭ ھەر قايسى قىسمىدىكى ئەزا ، توقۇلمىلارغا جۈملىدىن جىنسىي ئەزالارغا ئۇزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    2. ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

    ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ياكى ھەزىم ئەزالىرىنىڭ سۈمۈرۈش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى  سەۋەبىدىن ئۇمۇمىي بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي ، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ . ، بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي ئەزالار خىزمىتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ ، جىنسىي ئىنكاس سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ.

    3. ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

    مەنىي ئېقىپ كېتىش ، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ، زەكەر بوشىشىپ كېتىش ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇرۇقدان ياللۇغى ، ، ئۇرۇقدان يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن مەنىينىڭ سان ۋە سۈپەتكە لايىق ئىشلەپچىقىرىلماسلىقى  ، مەني كۆپ چىقىپ كېتىپ ، جىنسىي ئەزالارنىڭ زىيادە كۈچىنىشى ياكى جىنسىي ئەزانىڭ يىتەرلىك قايىم بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .

    4. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

    1) مىڭە كىسەلىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

    مېڭىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەرنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .

    مەسىلەن : مېڭىگە سىرتتىن سۇغۇق تېگىش ياكى بەك ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ، مېڭىگە سىرتتىن زەخمە تېگىش يەنى ئۇرۇلۇش ، سوقۇلۇش ۋە قاتناش ھادىسىلىردە كۆرۈلىدىغان زەخمىلىنىش قاتارلىقلار .ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىمغا ئۇچراش ، بىر نەرسىدىن ئازار يېيىش ياكى قاتتىق خورلىنىش سەۋەبلىك مېڭىدە ئاجىزلىق يۈز بېرىدۇ ، مەركىزىي نىرۋا سىستىمىسىدىكى ئىنكاس تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ تەدرىجىي جىنسىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    ھەر خىل مەست قىلغۇچى دورىلار ؛ھاراق ، نەشە ، خىروئىن ، كوكايىن، مورفىن ،ئەپيۇن  ۋە ھازىرقى بالىلار يەۋالىدىغان ئاتالمىش مەجۈنلەرنى يىيىش، ئىچىش ،چىكىش سەۋەبلىك  مېڭىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەپ جىنسىي ئاجىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

    ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەي مېڭىنىڭ ئىنكاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ باھ زەئىپلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ.

    نېرۋىلاردا توسۇلۇش بولغان سەۋەبلىك مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشقا بولغان ئىنكاسى تۆۋەنلەپ ئاقىۋەت جىنسىي ئىنتىلىشنى تۆۋەنلىتىدۇ .

    بەدەننىڭ پالەچلىنىشى ، جۈملىدىن چوڭ مېڭىنىڭ پالەچلىنىشى سەۋەبلىكمۇ جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ .

    2) يۈرەك كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .

    تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارغا قان ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەي ، تەدرىجىي باھ ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ .

    بەزىدە شەھۋەتنىڭ ئاجىزلىقى يۈرەك كىسەللىكلىرى ۋە ھارارىتى ، تەبىئىتىنىڭ چەكتىن ئارتۇق سەرپ قىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ سادىر بولىدۇ . ئۇزاق كىسەللىك تارتىش ، زىيادە ئۇرۇقلاپ كىتىش ۋە پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى يۈرەكنىڭ پۈتۈن بەدەننى قان بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكىگە زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ . يۈرەكتە كېسەللىك بولسا ، قان بىلەن تەمىنلەشكە ئەلبەتتە تەسىر يېتىدۇ . نەتىجىدە بەدەندە، جۈملىدىن ، تاناسىل ئەزالار خىزمىتىدە زەئىپلىك يۈز بېرىدۇ . شەھۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى كۆپ يېيىش سەۋەبلىك يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى دائىمىي جىددىي بولۇپ تەدرىجىي ئاجىزلاشقا باشلايدۇ . قاتتىق قورقۇش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك  ياكى سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستىمال قىلىپ يۈرەكنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇش سەۋەبلىكمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

     

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329556.html    داۋامىنى  بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": مەزى
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!