www.4tadu.com
  • جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان3 - [ئەرلەر كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329556.html

    بىرىنچى قىسمىغا مەرھەمەت   http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69706034.html

     ئىككىنچى قىسمىغا مەرھەمەت  http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69726782.html 

    3) جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن جىگەر سان ۋە سۈپەتكە لايىق بولغان خىلت ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن جىنسي ئەزالارنىڭ سان – سۈپەتكە لايىق خىلىت بىلەن  تەمىنلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي جىنسىي ئىنكاس سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھەزىم قىلىش خىلىتلارنى ئاجرىتىش ، ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ باھنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. جىگەر ۋە ئاشقازان مىزاجلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ، ھۆل ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، سوغۇقلارنىڭ جىگەر ۋە ئاشقازان مىزاجلىرىنى بۇزۇشى سەۋەبلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى تۆۋەنلەپ ، تەدرىجىي ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلاش سەۋەبلىك باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    تۈرلۈك بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، ھىپوپىز بېزىنى غىدىقلىغۇچى ۋە ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھىپوپىز بېزىنىڭ جىنسىي ئىنكاسنى قوزغىتىش خىزمىتى ۋە ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاخىرىدا باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن بۆرەككە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە شەھۋەت تۆۋەنلەيدۇ، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرى ، بۆرەك ياللۇغى ، بۆرەك جاراھىتى ، بۆرەك راكى ، بۆرەك سىفلىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ، بۆرەكتە ئاجىزلاش يۈز بېرىپ بۆرەك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    بۆرەك مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش ، بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغ ئېرىپ  تەدرىجىي ئورۇقلاش، بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىقلار بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىندۇر . قاتتىق روھىي بېسىمغا ئۇچراش ، باشقىلاردىن دائىم ئازار يېيىش ئۆز نۆۋىتىدە بۆرەككە  ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇدە نېرۋا خارەكتىرلىك بۆرەك ئاجىزلىقى يۈز بېرىپ ، ئاقىۋەت بۆرەك ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. دائىم دېگۈدەك ناچار تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش ، ھاراق –شارابنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ بۆرەك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ . بۆرەكتىكى تاشلارنى ئېرىتكۈچى ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىكمۇ بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .

    دېئابىت كېسەللىكىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

    دېئابىت كېسەللىكىدە قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ، ئەمما  ھۈجەيرە توقۇلما ئارىلىقىدا قەنتنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئەزا ، توقۇلمىلار ، جۈملىدىن ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرى يېتەرلىك مىقداردىكى قەنت بىلەن ئوزۇقلىنالماي، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتى سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ ، جىنسىي غىدىقلىنىشنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە جىنسىي ئىنكاسنىڭ سۇستلىشىشى نەتىجىسىدە  باھ  ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    جەلەقنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

     جەلەق (قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش) ئەسەبىي كېسەللىكلەرگە تەۋە بولغان سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان خۇمارداش خارەكتىرىدىكى بىر خىل كىسەللىك ياكى كېسەللىك ئالامىتى ،مېنىڭ قارىشىمدا؛ كېسەللىك ئالامىتى دېيىشتىن مۇراد شۇكى، بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالغان بىمارلارنىڭ تولىسىدا مېڭە ، نېرۋا ئاجىزلىقى كۆرۈلىدۇ ، ۋە مىڭە ، نىرۋا كۈچەيتىلسە بۇ ئىشتىن ساقلىنالايدۇ . كۆپلىگەن كىتابلاردا ۋە تېۋىپلەرنىڭ قارىشىدا بۇ يەنىلا بىر خىل كىسەللىك. ياشلار بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا ۋە بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلاردا توغرا بولغان جىنسىي قاراش يېتىلدۈرمىگەنلىكى ، بۇزۇق ، ئەخلاقسىز  كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىسىدا ياكى شۇ ئىشلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىپ قالىدىغان يامان سانىلىدىغان ئادەتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقتە باشقا  يازمىلار بولغانلىقى سەۋەبلىك ۋە شۇنداقلا ئۆزىمىزمۇ ئايرىم توختالماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن جەلەق ھەققىدىكى بايانلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە تۈگەللىمەكچىمىز.        

     

    ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ۋە دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ ھەقتە مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق بابىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەچكە تەپسىلاتى ھەققىدە شۇ يەرگە قارالسۇن .

    ياش ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.  

    ياش ئامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، پۈتۈن بەدەندە ماددا ئالمىشى سۇسلىشىپ ، بەدەن ئاجىزلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي جىنسىي غىدىقلىنىش سۇستلىشىپ ، جىنسىي ئىنكاس تۆۋەنلەپ ، ئاخىرىدا باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    روھىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    كۆپ غەم – ئەندىشە قىلىش ، مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەسلىك ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ، تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇش ، ئايالى ياكى مەشۇقىدىن نەپرەتلىنىش ، ئايالىنىڭ شەخسىي تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى  ۋە شۇنداقلا جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ، بىر – بىرىگە كۆيۈنمەسلىك ، مۇھىت ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارمۇ باھ ئاجىزلىقىغا سەۋەبچى ئامىللاردىن سانىلىدۇ.

    ئاياللاردىن نەپرەتلىنىش، ئۆچلۈك سەۋەبلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئايالىدىن يېراقلىشىش ، سەسكىنىش ، ياكى ئايالىنى كۆپ ئاياش ، ياكى قورقۇش ۋە ياكى ئەيمىنىش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئايالىغا (بارا-بارا باشقا ئاياللارغىمۇ)نىسبەتەن كۆڭۈل يۈرگۈزمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ .

    دۇنيالىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرىن نەپرەتلىنىش قاتارلىقلارمۇ مەلۇم كىشىلەردە ۋاقىتلىق ياكى ئۆمۈرلۈك باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

    مۇناسىۋەتتىن قورقۇش، ئۆزىنى كەمسىتىش، ۋە مۇناسىۋەتتە تولا مەغلۇپ بولۇشلارمۇ بۇ كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ھەققىدىكى بايانىمىز تۈگىدى .

    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار :

    تېبابەت قانۇنى

    ئىكسىرى ئەزەم

    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى (تۆتىنجى قىسىم)

    ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

    ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكوم دەرسلىكلىرى

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار

     

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": باھ بۆرەك جىنسى
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!