-
جاۋارىش جالىنۇس - [رېتسىپ خالتىسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/69959301.html
جاۋارىش جالىنۇس
سۇمبۇل ، لاچىندانە، قوۋزاقدارچىن ، دارچىن ، خولىنجان ، قەلەمپۇر ، سەئدى كۇفى ، زەنجىۋىل ، ئۇد بىلسان ، قارىمۇچ ، پىل پىل ، تاتلىق قۇستە ، ئاسارۇن ، ھەببۇلئاس ، قەسبۇزەرىرە ، زەپەرنىڭ ھەر بىرىدىن 22گرام ، مەستىكى رۇمى 28گرام، ئاق قەنت 380گرام، ھەسەل 800گرام .
مۇشۇ تەركىبتىكى دورىنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ ، قەنتنى ھەسەلدە قىيام قىلىپ ، ئاندىن تالقاننى ئاز – ئازدىن سېلىپ مەجۈن قىلىنىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: يەللەرنى ئازايتىش ، ھەممە ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش ، بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىش، قەۋزىيەتنى تۈگىتىش، قورساقنى ئاچۇرۇش، بەلغەم ىارەكتىرلىك يۆتەلنى تۈگىتىش، سوغۇقتىن ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش، بۆرەك ۋە دوۋساقنى ئارتۇق نەرسىلەردىن تازىلاش، يەل خارەكتىرلىك بوۋاسىرنى يوقىتىش ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
بۇ دورىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قوشۇق دورا 100گرام ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىچىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us