www.4tadu.com
  • ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە )7-9( - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329552.html

    7. ئەنبەھ (ماڭگو) ئوخشاش تىپلىق سىستىئىننىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ ئارتىرىيىنى قوغدايدىكەن.

    ماڭگو (ئام) نىڭ  ئۇيغۇر  تېبابىتىدىكى ئىشلىتىلىشى
    خېمىيەلىك تەركىبى: خام مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە
         (Mangi Feronie acid) ئاتسىدوم ئام فېروسكوم،
    (Isomangi ferolic acid)
    ئاتسدوم ئىزو ماكگېنفېرولىكوم
     (Ambonic acid) ئاتسدوم  ئامبونىكوم
       (Ambolic acid) ئاتسىدوم ئامبولىكوم
    ھەمدە نۇرغۇنلىغان نۇرغۇنلىغان فىنول تۈرىدىكى بىرىكمە ماددا قاتارلىقلار  ، قاتارلىق ئون نەچچە(Caroteno ids) بار . يەنە كۆپ خىل كارو تىنو ئىدىز خىل بىرىكمىلەر ، پوستلىق مېۋە تەركىبىدە 78.1 – 82 پىرسەنتكىچە سۇ ، 11.4-12.4 پىرسەنتكىچە ئۇمۇمىي قەنتلەر ، ئازراق ئوكسىدلانغان قەن  (Galacturonan) ت ، ئاقسىل ، يىرىك تالا ، ئارابىنان ، گالاكتۇرونان
    قاتارلىق تەركىبلەر بار .
    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى:
    تەبىئىتى : پىشقىنىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق ، خېمىنىڭ قۇرۇق سۇغۇق.
    خۇسۇسىيىتى: پىشقىنى باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، قان كۆپەيتىدۇ، سۈت ۋە مەنىي كۆپەيتىش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ، خام مېۋىسى بولسا قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، .
    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : قان ئازلىق ، رېماتىزىم، ئۆتكۈر قىزىتما ۋە ئىچ ئۆتكۈ قاتارلىقلار.
    ئام تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
    ھەر كۈنى بىردىن ئىككىگىچە پىششىق ئام يەپ بەرسە بەدەننى سەمرىتىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدۇ ، رېماتىزىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    مۇۋاپىق مىقداردىكى خام ئامنى قىزىق قۇمغا كۆمۈپ ، پىشقاندا سىقىپ سىقىلغان سۈيىگە ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتما پەسيتىدۇ .
    مۇۋاپىق مىقداردىكى  خام ئامنىڭ پوستىنى ئايرىپ ئېلىپ ، سۇغا سېلىپ قولدا مىجىپ ، سۈيىگە شىكەر سېلىپ ئىچسە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن كىلىپ چىققان ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇققا ۋە ئىچ ئۆتكۈگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
    ئىشلىتىش مىقدارى؛ 1- 2 دانىگىچە
    زىيانلىق تەسىرى : قىچىشقاققا زىيان قىلىدۇ.
    تۈزەتكۈچىسى : چىلان .
    ئورۇنباسارى : قىزىل ئۈزۈم .

    ئاپلىسىن : بۇزۇق خولسترىننى ئازايتىدىكەن ، ئېغىز بوشلۇقى ، كاناي ، سۈت بېزى ، ئاشقازان راكلىرىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
    ئاپلىسىننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئىشلىتىلىشى:
    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق.
    خۇسۇسىيىتى : ئاساسلىقى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ۋە تەڭشەش.
    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : مېڭە ۋە يۈرەك ئاجىزلىقى ، ۋابا ، يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش ، ئاشقازان ئاجىزلىقى كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلار...
    ئاپلىسىن تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
    ئاپلىسىننىڭ سۈيىنى چىقىرىپ ، شېكەر قوشۇپ ئىچسە غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىدۇ.
    ئاپلىسىن پوستىنى ئىزىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ ، ئۈچەي مەددە قۇرتىنى ئۆلتۈرىدۇۋە چۈشۈرىدۇ .
    ئاپلىسىن گۈلىدىن ئەرەق تارتىپ ئىچىپ بەرسە يۈرەك ۋە پۈتۈن ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
    ئاپلىسىن پوستىنى سىركىدە ئىزىپ باشقا سۈركىسە باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
    ئىشلىتىش مىقدارى: سۈيىدىن 60-80 مىللىلىتىر ، پوستىدىن 3-5 گرام.
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: جىگەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
    تۈزەتكۈچىسى: قەنت ، تۇز ، قارىمۇچ.
    ئورۇنباسارى : لىمون.

    بىھى: ئۇنىڭدىكى ئالاھىدە پروتىئنازا ھەزىمنى ياخشىلايدىكەن. ئۆپكە راكى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ بەدەندىكى ياغنىڭ مىتابولىزىمىنى تىزلىتىدىكەن.
    بىھىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى:
    تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
    خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، كۆڭۈل ئېلىشىشنى بېسىش ، ئۇنىدىن باشقا غەيرىي تەبىئىي سەپرا  ماددىسىنى تەڭشەش . كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش ، يۈرەك ، مېڭە ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش  ،  سۈيدۈك ھەيدەش.
    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى ، رېتىمسىزلىقى ، مېڭە، ئاشقازان ، جىگەر ئاجىزلىقى ، پەرىشانلىق ، بىئاراملىق ، تىت-تىت بولۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق ، بالىلاردىكى ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكلىرى، ئۇسسۇزلۇق، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
    بىھى تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ.
    سىقىلغان بىھى سۈيى بىر كىلوگرام ، شېكەر ئىككى كلوگرام .
    بىھىنى توغراپ سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ ، شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلاپ ، بالىلار 8گرامغىچە ، چوڭلار 100گرامغىچە ئىچىپ بەرسە يۈرەك ، ئاشقازان – ئۈچەي ، نېرۋا ، جىگەر كىسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    بىھىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە قۇسۇش ، ھۆ بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ؛ ئاشقازان، جىگەر ، ئۆتنىڭ ھارارىتىنى باسىدۇ.
    ئىشلىتىش مىقدارى: 8-40گرام
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كۆپ يىسە يۆتەل ، ھېق تۇتۇش ، تارتىشىش پەيدا قىلىدۇ.
    تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ، رۇمبەدىيان.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!