www.4tadu.com
  • ئارپا سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/149175143.html

    ئارپا سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئارپا سۈيىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 10 خىل خۇسۇسىيىتى بار:

     1. ئارپا سۈيى سۇغۇقلۇق ۋە ھارارەتنى تەڭشەيدۇ.

    2. ئارپا سۈيى كېسەللىك ماددىسىنى پىشۇرىدۇ. 3

    .ئارپا سۈيى كۆيگەن كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     4. ئارپا سۈيى ئاشقازاننى تازىلايدۇ.

     5. ئارپا سۈيى ئۇمۇمىي بەدەنگە تىز سىڭىشىپ كېتىدۇ. 6

    . ئارپا سۈيى مەززىلىك بولۇپ ، تەبىئەت ئۇنى تىز قۇبۇل قىلىدۇ.

    7. ئارپا سۈيى ئارپا سۈيى مۆئدىتىل ئۇزۇقلۇق پەيدا قىلىدۇ.

     8. ئارپا سۈيى ئارپا سۈيى مۆئدىتىل ئۇزۇقلۇق بولىدۇ.

    9. ئارپا سۈيى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى قوزغاپ كۆپەيتىۋەتمەيدۇ. 10

    . ئارپا سۈيى ئاشقازاننى كۆپۈشتۈرمەيدۇ. لېكىن ئارپا سۈيى ئاشقازاننى بوشاشتۇرۇپ سۇۋۇتۇۋېتىدۇ. ئىچكى ئەزالارغا زىيانلىق بولۇپ ئۇنىڭ تۈزەتكۈچىسى گۈلقەنتتۇر. ئارپا سۈيى(مائۇششەئىر)نىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى: ئارپىدىن بىر ھەسسە ئېلىپ ، ئۇنى ئىككى ھەسسە سۇ بىلەن مەلۇم ۋاقىت قاينىتىپ، سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، يەنە شۇنچىلىك سۇ قۇيۇپ ،سۈيى شۇ تەرىقىدە يەتتە قېتىم يەڭگۈشلىنىدۇ. يەنى يەتتە قېتىم قايناتقاندا سۈيى قىزىلغا مايىل بولىدۇ. بۇ چاغدا ئوتتىن چۈشۈرۈپ ، مىجىپ ، ساپ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. خۇسۇسىيىتى: بۇزۇق خىلىتلارنىڭ قاينىمىنى پەسەيتىش، بارلىق ئەزالارغا ئاسان سىڭىپ ئۆزلىشىش، قىزىقلىقنى پەسەيتىش، ماددىلارنى پىشۇرۇش، كۆيگەن ماددىلارنى سۈرۈپ چىقىرىش، كېسەلگە داۋا ھەم ئۇزۇق بولۇش خۇسۇسىيىتى بار. بۇ دورا پايدىسى كۆپ ،چىقىمى ئاز،ھەم داۋا ھەم غىزادۇر. دورىنى سۈزگەندىن كېيىن سۈيىنى ئانار شەربىتى، ئەرقى گۈل، ئەرقى كيۇرە، قەنت قاتارلىقلار بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ بەدىنىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنسا ، گۆشلۈك ئارپا سۈيى بېرىلىدۇ. ئۇنى تەييارلاشتا ئالدى بىلەن گۆش يۇمشاق پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئارپىنى يۇمشاق پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇلى ئارپىنى ياخشى پىشۇرۇپ ،ئۇنى ئوتتىن ئالغۇدەك بولغاندا گۆشنىڭ شورپىسى قۇيۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قىيامى تۇلۇق ۋە ياخشى بولغانغا قەدەر قاينىتىلىدۇ، ئاندىن سۈزۈپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئارپا سۈيىنى تۇتقۇچى ھالەتكە كەلتۈرۈش زۈرۈرىيتى تۇغۇلغاندا ، ئارپىنى قائىدە بويىچە قورۇۋېتىپ ئاندىن پىشۇرۇلىدۇ. تۇتۇش خۇسۇسىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارپا بىلەن خەشخاشنى قاينىتىپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى ئىكسىرى ئەزەم ۋە مەخزەنۇل مۇفرىداتتىن پايدىلىنىلدى


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!