www.4tadu.com
  • ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولى - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/150232982.html

    ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولى

     

    ئۆز خەۋىرىمىز: مىللى تېبابەتنىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇاڭزۇ،يىزۇ، دەيزۇ تېبابەتلىرى بىلەن بىللە ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 1- ئىيۇلدىن باشلاپ دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە سۈمۈرمە، كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بارلىققا كېلىپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قانۇنىي ئاساسىي بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى.

     

     جۇڭگودا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ راۋاجلىنىشى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرماقتا. مۇخبىرىمىز ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈپ ، زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر تېبابىتىگە مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەمەلىيىتى، ۋارىسلىق قىلىنىش جەريانى، ماركىتىڭى(تىجارىتى) يېڭىلىق يارىتىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، 2500يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى زور كۈچ بىلەن نامايان قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۈگۈنكى قىممىتى ، قانداق قىلغاندا زامانىۋى ئىلىم-پەن ۋاستىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلەيدۇ؟ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ راۋاجلىنالايدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە جاۋاب بەردى.

     

    ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شىپالىق رولىغا بولغان ھەيرانلىق

     

     بەش ياشلىق لې لېنىڭ ئاق كېسەل بولۇپ قالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى داۋالىتىمىز دەپ ئاپارمىغان يېرى قالماي ، ئاخىرىدا تەلەي سىناپ ئىستىكىدە ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى. بىر يېرىم ئايلىق داۋالىنىش جەريانىدا لې لېنىڭ پېشانىسىدىكى ئاق كېسەل ئورنىنىڭ دائىرىسى خېلىلا كىچىكلىدى. لې لې ھەر كۈنى دورا سۈرتۈپ ئاپتاپقا قاقلىناتتى . ئۇ دورا ئىچىشكە قارىغاندا ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۇ ئالاھىدە داۋالىشىغا قىزىقىپ قالغان ئىدى. داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن غۇپۇر مۇنداق دېدى: ‹‹ ئاق كېسەلنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلى غەرپچە داۋالاش ۋە جۇڭيىچە داۋالاشلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇنۋىرسال داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بىنورماللىشىشىدىن كېلىپ چىققان بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشى كېسەللىك پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسى دېيىلىدۇ. ئاق كېسەل خۇددى  ئەخلەتكە  توشۇپ كەتكەن ئۆيگە ئوخشايدۇ . دەسلەپتە بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ، ئاندىن بۇ ئەخلەتلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكەندىلا ، ئاندىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئېمۇنىت كۈچى ئاشىدۇ››.

     

     تۇرسۇن غۇپۇر دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسىنىڭ 10- بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق مەخسۇس تۈر- ئۇيغۇر تېبابىتى ئارقىلىق ئاق كېسەلنىڭ داۋالاش تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، كىلىنكىلىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئاق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى %11 گە يەتكۈزگەن، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئاق كسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى %5 ئىكەن .

     

     لې لېنىڭ ئاتىسى ياڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ بىز گەنسۇدىن كەلدۇق، ئىلگىرى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ قىزىمنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان بولساقمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان ، ئاخىرى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ تەلەي سىناپ بېقىش ئىستىكىدە كەلگەن ئىدۇق. ئويلىمىغان يەردىن ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولدى. بىز ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۇنچىلى كارامىتى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز››.

     

     بۇ دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇر مۇنداق دېدى: ‹‹ دوختۇرخانىمىزدا ياڭ مىڭغا ئوخشاش تەلەي سىناپ كېلىدىغانلار جىق، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تېرە كىسىلىگىلا ئەمەس ، سۆڭەك كېسىلى، يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى، بوغۇم كېسىلى، ئاياللار كېسەللىكى ، مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكى قاتارلىقلاردا ئۆزگىچىلىككە ئىگە داۋالاش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكلىرى بار›› .

     

     بۇ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئىسراپىل ئەبەي مۇنداق دېدى: ‹‹ ھازىرقى ۋاقىت ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى ئالتۇن دەۋر، ئۇيغۇر تېبابىتى چوقۇم بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋىلىشىش ، ئۆلچەملىشىش ، قېلىپلىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەك. بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىشى كېرەك››.

     

     

    ۋارىسلىق قىلىشتا مەكتەپتە مۇنتىزىم ئوقۇغاندىن باشقا،

    ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش كېرەك

     

     نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ۋارىسلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئاساسلىقى شاگىرت تەربىيىلەش ، ئاتا مىراس قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى، ھازىر بۇ خىل ۋارىسلىق ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى.

     ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تۇلۇق كۇرس كەسپىنى ئاچقاندىن بۇيان، بۇ كەسپتە ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار كۆپەيگەن. بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە بەش قاراردا 280 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغان . ھەر يىلى باشقا كەسپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىنى ئۆگىنىشكە ئالمىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغان .

     شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كشى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ گەرچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى بىر قسىىم ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ، ھازىردىن باشلاپ مەكتىپىمىزگە كېلىپ ئالاقىلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاپ بولۇشىغا ئاساس يارىتىشقا باشلىدى››.

     ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىدىكى تېخنىكلار 4000 دىن ئاشىدۇ، بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنى ئاساسىي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى پىشقەدەم تىۋىپ تۇرسۇن غۇپۇرنىڭ نەزىرىدە ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ۋە ئۇنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرى ھازىرچە يەنىلا شاگىرت ھېسابلىنىدىكەن . مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئۇلار پىشقەدەم دوختۇرلارغا شاگىرتلىققا كىرىپ ، رەسمىي ئەمەلىيەت بىلەن ئۇچرىشىپ ، پىشقەدەملەردىن ئۆگەنگەندىن كېيىنلا ، ئاندىن ھەقىقىي بىلىمنى، ماھارەتنى ئىگىلىيەلەيدىكەن.

     تۇرسۇن غۇپۇرنىڭ بۇ كۆز قارىشى باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى، تەجرىبە توپلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ، شاگىرت قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئەندىزىسىنى مەكتەپلەردىكى مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى غوللۇق دوختۇرلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدىكەن.

     شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تېبابىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، ھازىر شىنجاڭدا داڭلىق تېۋىپلاردىن 30 نەچچىسىلا قالغان ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 70 ياش ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ، كىلىنكىلىق داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قاتنىشالمايدىكەن، پىشقەدەم تېۋىپلارنىڭ تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ، ۋە ئۇنى رەتلەپ چىقىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تېبابىتى دۇچ كېلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.

     

     ئىسراپىل ئەبەي مۇنداق دېدى:‹‹ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن پىشقەدەم ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر تېبابىتى تېخنىكىسى ۋە مەخپىي رېتسىپلىرىمۇ يوقىلىشقا باشلىدى. بۇنداق بولغاندا بىز ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قۇتقۇزغىلى ۋە گۈللەندۈرگىلى بولمايدۇ، پەقەتلا يوقىلىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايمىز خالاس›› .

     تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت قەدىمىي كىتابتىن 300 پارچىدىن ئارتۇقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالغان ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئۈچى جۇڭخوا خەلىق جۇمھۇرىتىنىڭ قىممەتلىك قەدىمىي قامۇسلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، يەنە نۇرغۇن قەدىمىي رېتسىپلار خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىكەن.

     ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئەل ئارىسىدا تارقالغان ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى مەخپىي رېتسىپلارنى قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك بايقاش ۋە يىغىۋېلىش، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىش، ئوتتۇرا ياش، ياشلارنى داڭلىق پىشقەدەم  ئۇيغۇر تېبابىتى تېۋىپلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، بىلىم ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش جەمئىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى ئىكەن.

     ئاپتۇنوم رايۇنلۇق جۇڭيى تېبابىتى- ئۇيغۇر تېبابىتى  ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىڭ دۇڭ مۇنداق دېدى:‹‹ ئاپتۇنوم رايۇنىمىز ‹شىنجاڭدىىكى داڭلىق پىشقەدەم مىللىي تېبابەت دوختۇرلىرىنىڭ تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسى› قۇرۇپ ، پىشقەدەم، داڭلىق مىللى تېبابەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەسپتىن تەلىم بېرىش، يېتەكلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللى تېبابەت كەسپىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى››.

     

    ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ

    راۋاجلاندۇرۇشتا دادىل بولۇش كېرەك

     

      ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك، ئۇنداقتا ئۇيغۇر تېبابىتى قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى بەرپا قىلالايدۇ؟

     ‹‹ ئۇيغۇر تېبابىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقاتى ۋە كەسپلەشتۈرۈش ئۈلگىسى›› تۈرى تەتقىقاتىدىكى مۇتەخەسسىس ئىسراپىل ئەبەينىڭ قارىشىچە ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئەقىل ئىدراكلىق، ئوچۇق-يۇرۇقلۇق ، دادىللىق تولغان روھىي كەيپىيات بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەلشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

     نۆۋەتتە بۇ خىل ئۆلچەمگە بولغان ئارزۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىدا ئىپادىلىنىشكە باشلىغان. يەلىنى ھەيدەپ، مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، قاننى نورماللاشتۇرۇپ ، مىجەزنى تەڭشەش ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، قان كۆپەيتىش رولىغا ئىگە گۈلقەنتمۇ بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ، دۆلەت دورا ئىجازەتنامىسى ۋە تاۋار ماركىسى ئېلىشقا ئىلتىماس سۇنۇلۇپ ، كەسپلەشتۈرۈشكە قەدەم ئالغان.

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ماقالىسى

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت تورى يوللىدى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!