www.4tadu.com
  • ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشى يولى(داۋامى) - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/151246284.html

    ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ زامانىۋىلىشى يولى(داۋامى)

    ئۆز خەۋىرىمىز : دۆلىتىمىز 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ۋە زاڭزۇ تېبابىتى دورىلىرىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىزمۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىستىراگىيەلىك بىيو-تىببىي دورىگەرلىك كەسپى سۈپىتىدە نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزدى . ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەر ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ھازىر ئۇچۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئايروپىلانغا ئوخشايدىغانلىقىنى ، ئەگەر بۇ قېتىمقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويسا ، بۇندىن كېيىن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ‹‹سەكسەن خالتا››دىن مۇنتىزىم بولغان مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغىچە ‹‹سالامەت›› زەنجىرسىمان دورىخانىسى بۇلتۇر ئىيۇلدا ئاققۇۋۇقتا قەد كۆتۈردى، بۇ قۇيۇق ئىسلامچە ئۇسلۇپتا بېزەلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنىدا پەقەت دۆلەتنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن 50 نەچچە خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى سېتىلىپلا قالماي ، ھەر خىل ۇيغۇرچە ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى ۋە ئۆسۈملۈك دورىلار سېتىلىدۇ. ‹‹سەكسەن خالتا›› خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئاغزاكى ئاتىلىشى . ئىلگىرى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە كېسەل داۋالايدىغان تېۋىپلار ئۆسۈملۈك دورىلارنى تۈرگە ئايرىپ، ئوخشىمىغان خالتىلارغا قاچىلىۋېلىپ، ئاغرىقلارغا نەق مەيداندا دورا تەڭشەپ بېرەتتى. شەھىرىمىزنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، ‹‹يەنئەن يولى›› ئەتراپىدا ‹‹ سەكسەن خالتا››لار ھازىرمۇ مەۋجۇت. بىر قىسىم ئۇيغۇر تېبابىتىدىن ھېچقانچە خەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ بۇ ‹‹تىجارەت›› بىلەن شۇغۇللانماقتا. شىنجاڭ ‹‹سالامەت›› ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرىكتورى گۇشيۇجېن مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بازىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان قالايمىقان ، تارقاق بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ‹‹سالامەت›› شىركىتىنى قۇرۇشىمىزدىكى مەقسەت قېلىپلاشقان ، مۇقىم بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى تىجارەت بازىرىنى بەرپا قىلىشتۇر››. شىنجاڭ ‹‹سالامەت›› زەنجىرسىمان دورىخانىسى شەھىرىمىزدە شۆبە دۇكان ئېچىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. گوشيۇجېن مۇنداق دېدى:‹‹ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىز بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان سېتىش تورىنى بەرپا قىلىش. بېيجىڭدىكى تىجارەتچىلەرمۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىزمۇ توردا دۇكان ئېچىش ، تەشۋىق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىمىز››. تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسى سىياسەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ئىستاتىستىكا نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى 10 مىليارد يۈئەندىن ئاشقان. بېراق شىنجاڭدىكى دورىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بازار ئېھتىياجىدا تۇتقان نىسبىتى پەقەت %10 كە يېتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى بازىرىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدىكەن. دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ، كىلىنكىلىق تەجرىبە سېستىمىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، سۈپەت ئۆلچىمى تەتقىقاتىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولۇشى ، تەجرىبىلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ دورىنى تەستىقلاپ باھالاش مەركىزى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى يېقىندا تۈر قىلىپ قۇرۇلغان ‹‹ ئاق كېسەل قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق ، داۋالاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە 10 خىل كېسەلنى داۋالايدىغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى كىلىنكىدا تەتقىق قىلىپ باھالاش سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىش›› خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. يېڭى بىر خىل دورىنى تەتقىق قىلىشتىن تارتىپ، ئۇنى كېڭەيتىپ بازارغا سېلىشقىچە ، بىر خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسىنىڭ ئەسلى رېتسىپىدىن تارتىپ، ئۇنىڭدىن دورا تەييارلاپ بازارغا ئېلىپ كىرىشكىچە بولغان ھەر بىر باسقۇچ خادىملارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. بولۇپمۇ كېيىن تەرەققى قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا نىسبەتەن دۆلەت ئىچىدە مۇكەممەل بولغان تىجارەت مۇلازىمىتى تورى شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك. مۇقىم دورا مەنبەسىگە ئىگە بولۇش ۋە ئۆزىنىڭ دورا ماتىرىياللىرى بازىسىنى قۇرۇش ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتىنى كۈتۈۋېلىشتا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىنىڭ ماركا قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال پەن تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى بولغان داڭلىق ماركىلىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشتەك ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ماتىرىيال مەنبەسى ناھايىتى مول، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئۆسۈملۈك دورا ماتىرىياللىرىدىن 1721 خىلى، ھايۋانات دورا ماتىرىياللىرىدىن 69 ى ، مېنىرال ماددىلاردىن 43 خىلى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ باھاسى ئارقا –ئارقىدىن ئۆستى. ھەتتا بەزى دورىلارنى پۇل بولسىمۇ سېتىۋالالماسلىقتەك ئەھۋال شەكىللەندى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان دورا ماتىرىياللىرى مەنبەسىنى چۇقۇم قوغداش كېرەك. بولمىسا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ھوڭ ‹‹بوغما ھالەت›› ى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى شىركىتىنىڭ باش ئېنجىنىرى ليۇ لاسەي مۇنداق دېدى:‹‹ دورا ماتىرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىۋالغاندا ، مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ. دورا ماتىرىياللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە شىركەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ئۆزىنىڭ دورا ماتىرىياللىرى بازىسىنى قۇرۇش كېرەك››. ئوخشىتىپ ياساش خەۋپى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىدىن كۆپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر تۈركۈم شىركەتلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دورىلارنى ئوخشىتىپ ياساش بورىنىنى چىقاردى، ھەتتا بىر خىل دورىنى 44 كارخانا ئوخشىتىپ ياسايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە 27 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى ئىلگىرى 130 نەچچە دورا كارخانىلىرى تەرىپىدىن ئوخشىتىپ ياسالغان. ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئارىسىدا ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىلتىماس قىلىنغان دورىلار پەقەت %20 نى ئىگەللەيدۇ. تەتقىقاتچى جياشاۋگۇڭ مۇنداق قارىدى: ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن كارخانىلار ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە بۇ ساھەنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى دۆلىتىمىزدىكى مىللى تېبابەت دورىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ‹‹چوقۇنغۇچىلار››(مەستانىلەر)نى جەلپ قىلدى. 2003- يىلى تۇنجى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا 11 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگۇ شىنجاڭنىڭ رۇسىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئىستونىيە، ئۆزبىكىستان، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىلمىي ئالاقىلىرى بارغانسىرى قۇيۇقلاشماقتا . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، رۇسىيە ، گىرمانىيە، ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تېبابىت دورىلىرى تارماق ئاپاراتلىرى قۇرۇلدى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، مالايشىيا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتەرنىڭ بازىرىغا كىرىش بىلەن بىللە، چەتئەل كاپىتالىنىمۇ خەلپ قىلماقتا. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ، چەتئەل كارخانىلىرى شېرىكلىشىش ، مۇستەقىل مەبلەش سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جۇڭگو نىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى بازىرىغا سىڭىپ كىردى ھەم كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ساتتى. بازارغا كىرىش جاسارىتى كەسپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىدۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى كارخانىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى: ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ھەقىقىي كەسىپلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە تېببىي دورا كارخانىلىرى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. چەكلىك مەبلەغنى دەل جايىغا ئىشلەتكەندىلا تۆۋەن سەۋىيەگە قارىتا مەبلەغ سېلىشتىن ساقلانغىلى ياكى بۇ خىل ئەھۋالنى تۆۋەنلىتىپ ، بىرىكمە كۈچ ۋە جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى دورا كەسپى ئۇمۇميۈزلۈك كەينىدە قالدى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى. بازار ئېچىش يىتەرلىك بولمىدى. ‹‹ شىنجاڭنىڭ 2005- يىلىدىن 2015-يىلىغىچە تېببىي دورىگەرلىك كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىروگراممىسى›› دا 10 يىلدا نۇقتىلىق ھالدا بىر تۈركۈم زامانىۋى تېببىي دورا كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورا ساھەسىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى ئىشلەپچىقىرىشنى شىنجاڭنىڭ دورىگەرچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ماركىسىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟ جياشاۋگۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: سىچۈەن،گۇيجۇ ،چىڭخەيلەردىكى تېببىي دورا ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يولى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. زاڭزۇ تېبابىتى ۋە مياۋزۇ تېبابىتى دورىگەرلىك تەرەققىياتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى، زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بايلىق مەنبەسىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشىدىن ئىبارەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بار. مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى:‹‹ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى مىللى تېبابەت دورىلىرىنىڭ سەركىسى بولۇشى ئۈچۈن زامانىۋىلاشقان كەسپلەرنى تەرتىپكە سېلىش يولىدا مېڭىشى كېرەك››. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ماقالىسى تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت تورى يوللىدى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!