www.4tadu.com
  • مەن كۈندە قاراپ تۇرىدىغان ھېكمەتلەر - [تېببىي ھېكايەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/70220263.html

    تۆۋەندىكىلەر دۇكىنىمنىڭ بىر تېمىغا چاپلانغان ھېكمەتلەر  

     تېبابەتنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلغان كىشى ، ياش ، قابىل ، ھېرىسمەن ، مىزاجى خۇشخۇي ، مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك ، راستچىل ، سەمىمىي ، كىشىگە كۈيىنىدىغان، كېسەلنىڭ ھالىغا يېتىدىغان بولۇشى ، يالغان سۆزلەر بىلەن خەلقنى ئالدايدىغان يامان ئىللەتلەردىن ، ، يامان ئارزۇ ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇشى ، پۈتۈن زېھنىنى ئىلىمگە بېغىشلىشى لازىم ، چۈنكى ئىلىم ئەھلى ئىلىمدىن باشقىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقلىرى لازىم. بۇنداق پەزىلەت بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى يالغان تېۋىپتۇر.(ئەبۇ ناسىر فارابى)

    ئادەم تائام يەيدۇ ، لېكىن ئارتۇق يېيىلگەن تائام ئادەمنى يەيدۇ.شەيخ(ئىبىنسىنا)

    قارنىڭنىڭ ئازراق يېرىنى بوش(بىكار)قوي ، ئۇندا مەرىپەت نۇرىنى كۆرىسەن. (سەئىد شىرازى)

    كېسەلدۇر ئۆلۈمنىڭ باش خەۋەرچىسى،

    كىشى ئاغرىدىمۇ ئۆلۈم خوشنىسى.

    كىشىمەن دېگۈچى ئادەم بالىسى ،

    كېرەك بىلسە ئىسسىق سوغۇق قايسىسى.

    ‹.سوغۇقلۇقنى ئىچ ئاشسا ئىسسىقلىق ئەگەر،

    سوغۇقلۇق ئەگەر ئاشسا ئىسسىقلىق تۈزەر››

    ‹‹قۇرۇق سۇغۇق ئاشسا ھۆل ئىسسىقنى تاپ،

    بولۇر بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا جاۋاب››

    ‹‹ئېشىپ ھۆل سوغۇق گەر سالسا زىيان،

    ئاڭا قۇرۇق ئىسسىق بىلەن قارشىلان››

    ‹‹سوغۇق بولسا تەبىئىتىڭ ئىسسىقلىق كۈچەيت،

    ئىسسىق بولسا ئاڭا سوغۇقلۇق ئىشلەت››

    مىزاجنى شۇ ياڭلىغ دۇرۇست تەڭشىسەڭ،

    ھاياتىڭ ئۆتەر تىنچ ياشارسەن ئېسەن.

                           يۈسۈپ خاس ھاجىپ

     

    بىرىنچى بۇدۇركىم ؛ مەيدەڭدە تائام،

    تا ھەزىم بولماستىن ھەممىسى تامام.

    ئۈستىدىن ھېچنەرسە يېمە زىياندۇر،

    رەنجۇ–غەم يۈز بېرەر ، ئازارى جاندۇر.

    غىزايىڭ بولسا گەر يېگىنۇ لەتىپ،

    مىزاجىڭ بولمىغاي ھېچقاچان زەئىپ.

                         ھەكىم ئەرەستۇ(ئارستوتىل)

     

    بۇ ئالەمگە نەزەر سالسام، ئەجەپ سىر ھېكمىتى كۆپتۇر،

    ئىچىنى قىلغۇچى تەشكىل، ئاناسۇر ماددىسى تۆتتۇر.

    سوئاللار بەھرىدە بىرسى ، قەنائەت ئىلكىدە بىرسى،

    سۈيى كۆيگەننى ئۆچۈرسە ، بىرى كۆيدۈرگۈچى ئوتتۇر.

    ئىدارە بولغۇسى شۇنداق ، بىرىنى چەكلەبان بىرسى،

    بىرى چىقسا ئىتائەتتىن ، بۇ يەر ئۈزرە قىيامەتتۇر.

                                     ياسىن ئابدۇقادىر(كۆكيال)

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!