www.4tadu.com
  • يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش1 - [يۈرەك كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/70310284.html

    يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش

    بۇ كېسەللىك قەدىمقى تىببىي كىتابلاردا ئايرىم بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما كېسەللىك بەلگىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قان تولۇپ قېلىش(ئىمتىلاھى دەم) ياكى قان قايناپ كېتىش (غەييانى دەم) ، قان دولقۇنلىشىش (مەۋج دەم) دېگەن كېسەللىك بەلگىلىرى سۆزلەنگەن.

    بۇ تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تومۇردا ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمى ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ. باش ئاغرىش ،باش چىڭقىلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىپ

    ئەس – ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، كۆرەلمەسلى

    ،باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىش ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە

     نەپەس تىزلىشىش كۆپ سىيىش ۋە

    مەخسۇس ئۆلچىگۈچتە ئۆلچىگەندە يۈرەكنىڭ قىسقىرىش ۋاقتىدىكى بېسىمى 90 مىللىلىتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

    يۇقىرى قان بېسىمى بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان  بېسىمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

    بىرلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ھەقىقىي قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    ئىككىلەمچى خارەكتىرلىك يۇقىرى قان بېسىمى بولسا بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى  كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ ، ساختا قان بېسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى مۇرەككەب ۋە ھەر تەرەپلىمە  بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى ئەسەبىي ۋە روھىي ئامىللار چوڭ رول ئوينايدۇ.

    بىز بۇ سەۋەبلەرنى يىغىنچاقلىغان ھالدا توققۇز تۈر بويىچە كەلتۈرىمىز؛

    1.قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    2.قان خىلىتى قۇيۇقلىشىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

     3.كۆيگەن سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    4. يۇقىرى مايلىق قان كېسەللىكى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . يەنى قاندا ماي ماددىسى ئارتىپ كېتىش كىسىلى .

    5. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    6. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    7.روھىي ۋە نېرۋا ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

    8. ئېرسىيەت خارەكتىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ئەجدادىدا مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولىدۇ.

    9. باشقا ئامىللار يەنى تاماكا چېكىش ، ھاراق – شاراب ئىچىش ، داۋاملىق جىددىيلىكتە يۈرىيدىغانلار ياكى شۇنداق كەسپ قىلىدىغانلار ، مەسىلەن ؛ بوغالتىر ، بىلەتچى ، ئۇچقۇچى ، سىتاتىستىكا خادىمىي قاتارلىقلار .

    ئەمدى بۇ كېسەللىك ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەيمىز.

    بۇ كىسەللىك جىگەر ۋە يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيەسىدە ‹‹ كېسەللىك پەيدا بولۇشتا رەئىس ئەزالارغا بولۇپمۇ مېڭە بىلەن يۈرەكنىڭ خىزمىتىگە دەخلى يەتسە بەدەندىكى باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر يېتىدۇ›، دەيدىغان قاراش بار . قان بېسىمى كېسەللىكىدە رەئىس ئەزالار (مېڭە، يۈرەك ، جىگەر) زىيانغا ئۇچرىغان بولىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە 40 ياشتىن ھالقىغان ، كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان ، ئەقلى ئەمگەك بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغان كىشىلەردە ۋە يەنە شەھەر ئاھالىلىرىدە تولىراق ئۇچرايدۇ. سېمىز كىشىلەرنىڭمۇ كۆپىدە قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ. روھىي ئازابلىنىش، ناھەق زەربىگە ئۇچراشلارمۇ قان بېسىمى ئۆرلەشكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. گۆۆش – ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ئىچىملىك ، چېكىملىك قاتارلىقلارمۇ سەۋەبچى ئامىللاردۇر. يەنە مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش ۋە بۆرەك كېسەللىكىدىمۇ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ.

    كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن :

    دەسلەپتە بىر مەزگىل ئېنىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ .كېيىنچە باشنىڭ ئارقا قىسمىغا بويۇن قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. چىڭقىلىپ تۇرىدۇ . قايىدۇ ۋە كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ، بۇرۇن قانايدۇ. ئۇيقۇ قاچىدۇ ۋە بەزىدە يۈرەك قوزغىلىدۇ، مەيدە قىسىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، كېسەللىك ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ ئېشىرلاشسا يۈەك قېرىنچىسىنىڭ خىزمىتى كۈچەپ كىتىپ ، تېمى قېلىنلىشىپ زەئىپلىشىدۇ. ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن يۈرىكى سېلىش  ۋە دېمى سىقىلىش كۈچىيىپ كېتىدۇ ، يۆتىلىدۇ كۆپۈكسىمان بەلغەم كېلىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرى كۈچلۈك تارتىشىۋالسا ۋاقىتلىق كۆرمەس ، سۆزلىيەلمەس ۋە قول – پۇتى ھەرىكەتكە كەلمەي پالەچلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن .ئەڭ ئېغىرلىرىدا مېڭىگە  قان چۈشۈپ سەكتە بولۇپ قالىدۇ . بىمار ئىش ئۈستىدە ياكى  دەم ئېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالىدۇ. قان چۈشكەن تەرەپنىڭ قارشى تەرىپى يەنى قان چۈشمىگەن تەرەپتىكى قول – پۇتى كارغا كەلمەي قالىدۇ . ئاغزى مايماق كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ . ئېغىرراقىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ ، يېنىكرەكىدە پۇل – قولىنىڭ ھەرىكىتى تەستىرەك ئەسلىگە كېلىدۇ . رەھمەتلىك چوڭ دادام بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن نامازغا سەجدىگە بارغاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ بىلەن باقىيغا سەپەر قىلغانىدى.(ياتقان يېرى جەننەتتىن بولسۇن)

    بۇ كېسەللىكنىڭ داۋالىرى ھەققىدە كەڭرەك مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز؛

     بۇ كېسەللىك ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . بەزى كىشىلەردە يۈز بەرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەر سەۋەبلىك يەنە بەزى كىشىلەردە روھىي جىددىيلىك يۈز بېرىدىغان ۋە ئۆزىدىن ئورۇنسىز ئەندىشە قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرمەكتە . شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ؛

    ‹‹يۇقىرى قان بېسىمى›› بىلەن ‹‹ يۇقىرى قان  بېسىم كېسەللىكىنى بىر – بىرىدىن پەرق قىلىپ ، ئورۇنسىز غەم – قايغۇ ۋە ئەنسىرەشلەردىن خالىي بولۇش ، ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالىنىپ تۇرۇش كېرەك ، شۇندىلا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى تامامەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ . ئەگەردە كېسەللىك كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن . بۇ ھەقتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى بايان قىلىمىز ؛

    باشتا دەپ ئۆتۈلگەندەك غەم – ئەندىشىدىن يېراق تۇرۇپ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە روھىي غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك . مەسىلەن تۇيۇقسىز خۇشال بولۇش ياكى قايغۇرۇش قاتارلىقلار....

    قان بېسىمى بەك يۇقىرىلاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىق ئەمگەك قىلىش ۋە يەڭگىل تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك . مەسىلەن ؛پىيادە يول يۈرۈشكە ئوخشاش . دائىم ھەرىكەت قىلماي يېتىۋېلىش كۆپ ھاللاردا بەدەننى سۇستلاشتۇرۇپ ، ئەزانى بوشىتىپ ، بەدەندە سۇيۇقلۇق يىغىلىپ ئاقىۋەت ئىششىق پەيدا بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

    كۈندىلىك تۇرمۇشنى تەرتپكە سېلىش ؛ مۇۋاپىق ئىشلەش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش كېرەك . يەنە يېتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلاش ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ تۇرۇش كېرەك .

    بەك ياغلىق ۋە قورۇلغان تاماقلاردىن مۇمكىن پەرھىز قىلىش كىرەك . بۇنىڭدا شۇ كىشىنىڭ تەبىئىتى يەنى شۇنداق غىزالارغا كۆنۈپ قالغان بولسا بېراقلا توختاتماي ئاستا – توختىتىش ۋە ئۇنى قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان تاماقلارغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار . يەنە تۇرۇۋاتقان جاي ، پەسىل ، ۋە ئۆرپ – ئادەتكە قاراپ بەلگىلەشنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم.

    ھەممىلا كېسەللىكتە پەرھىز قاتارى بۇيرۇلغىنىدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىدىمۇ ھاراق – شاراب ئىچىۋاتقانلار قەتئىي چەكلەش ، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . يەنە تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم ، چۈنكى تۇز بەدەندە ، بولۇپمۇ بۆرەكتە چۆكمە ھاسىل قىلىپ ، بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ ئىششىقنى كۈچەيتىپ كېسەلگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنە سېمىز كىشىلەر ئورۇقلاشنىڭ ئامالىنى قىلىش كېرەك ، بۇ ئۇلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى ئۈچۈن پايدىلىق . بۇ ھەقتە سېمىزلىك ھەققىدە يوللىغان تېمىمىزغا قارالسا بولىدۇ.   

     مېۋە – چىۋىلەردىن شاتۇت ، ئاق ئۈجمە ، ئۈزۈم ، شاپتۇل قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش ، قىش ۈنلىرى شۇلارنىڭ قۇرۇتۇلغان قېقىنى يەپ بېرىش كېرەك . تەبىئىتى كۆتۈرەلىسە تاۋۇز سۈيىمۇ بۇ ھەقتىكى پايدىلىق داۋالاردىن سانىلىدۇ.

    دورىلاردىن قاننى سوۋۇتقۇچى ، سۈيدۈكنى راۋان قىلغۇچى ، روھنى كۈچلەندۈرگۈچىلەرنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ياخشىلاش تەسىرى بار. بۇلار نېلۇفەر ، گۈل بىنەپشە، مارجان شوخلا ، كاسىنە ، بادىرەنجىبۇيا، گاۋزىۋان، مەرزەنجۇش ، رەيھان ، قىزىلگۈل،زىغىر ، سۇمبۇل ، ئارپىبەدىيان ، كۆممىقوناق ساقىلى ئارپا قاتارلىقلار.

    مۇرەككەب دورىلاردىن قاننىڭ ئېقىمىنى تەڭشىگۈچى ، قىيامىنى سۇيۇلدۇرغۇچى، ھارارىتىنى پەسەيتكۈچىل سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغۇچى تەسىرلىك دورىلار ئىستىمال قىلىنىدۇ.

    بەدەندە يىغىلىپ قالغان ئارتۇقچە ھۆللۈكنى چىقىرىپ ، قان ئېقىمى ، لىمفا سۇيۇقلۇقى ئېقىمىدىكى زىچلىقنى ئازادىلەشتۈرۈش مەقسىدىدە ھەر ئايدا بىر ئىككى كۈن مۇرەككەب ئەپتىمۇن جەۋھىرى ئىچىپ تۇرۇش كېرەك.

    تېما سەل ئۇزۇن بولغاچقا ئىككىگە بۆلۈپ يوللاندى . ئاخىرى ئىككى كۈندىن كېيىن يوللىنىلىدۇ. 

    داۋامىنى http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329568.html دىن كۆرۈڭ!

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!