www.4tadu.com
  • يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۇنى داۋالاش2 - [يۈرەك كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329568.html

    ماقالىنىڭ بېشىنى http://www.blogbus.com/kukyal-logs/70310284.html دىن كۆرۈڭ!

    چىلان شەربىتى ، بىنەپشە شەربىتى ، رەيھان شەربىتى ، تۇرۇنجى شەربىتى ، گاۋزىۋان شەربىتى ، سۇمبۇل شەربىتى، زىرىق شەربىتى، لىمۇن شەربىتى قاتارلىق ھۆل سوغۇق شەربەتلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى قان بېسىمىغا پايدىسى بار .

    چىلان ۋە قاق چىلانمىسى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .

    بىر كىلو ئۇششاق چىلانغا شاپتۇل قېقىدىن 500گرام ، كۆك سايىكە ئۈزۈمدىن 500 گرام قوشۇپ 3-4 لىتىر قايناق سۇغا 2-3 كۈن چىلاپ ، سىقىپ سۈزۈپ سۈيىگە ئازراق شىكەر سېلىپ بىر ئۆرلىتىپ ئېلىپ قويۇپ كۈندە 3-4 قېتىمدىن ھەر قېتىمدا ئىككى قۇشۇقتىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ .

    ھەرخىل ئەرەقلەردىن بىنەپشە ئەرەقى  ، كاسىن ئەرەقى ، قىزىلگۈل ئەرەقى  ، شوخلا ئەرەقى ، نىلۇپەر، رەيھان، سۇمبۇل ئەرەقلىرى ۋە بولۇپمۇ مۇرەككەب سەندەل ئەرەقى  ، مۇرەككەب جۈيزە پوستى ئەرەقى قاتارلىقلار پايدىلىقتۇر.

    غىزالاردىن بەدەندە يىغىلىپ قالمايدىغان ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، قاننى قۇيۇقلاشتۇرمايدىغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش لازىم . مەسىلەن ، ئارپا يوبدىنى ، ماش پۇرچاق سېلىنغان شورپا گۈرۈچ قاتارلىقلار . تۈرلۈك كۆكتاتلاردىن  بەسەي ، پالەك ، تۇرۇپ ، چامغۇرلارنىڭ خۇسۇسەن كۆك چىڭسەينىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتە  رولى خېلى چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ماش ئۈندۈرمىسى ، دۇفۇ ، قارا ئۆرۈك ، پىنتوزا سېلىنغان دوڭلە(پىنتاڭ) لار پايدا قىلىدۇ. ئەينۇلا مۇرابباسى ، قارا ئۆرۈك مۇرابباسى ، ئالۇچا مۇرابباسى ، بۆلجۈرگەن مۇرابباسى بۇ كېسەلگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ.

    باشقا داۋالىق نۇسخىلاردىن كېسەلنىڭ دەسلىپىدە تاغ بادىرەنجىبۇيىسى چۆپى ، سۇمبۇل ، جۇۋىنە ، ئارپابەدىيانلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 100گرام ئېلىپ ،چۆپ دورىلارنى توپىلىرىدىن تازىلاپ ، يۇيۇپ ، قۇرۇتۇپ ، يىرىكرەك سوقۇپ ، ئۇرۇق دورىلارنى يېرىم سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بىر ئاش قوشۇق دورىنى، بىر پىيالە سۇ قۇيۇپ، كىچىك چەينەكتە دەملەپ تەمى چىققاندا ، سۈزۈپ سۈيىگە ئازراق شېكەر سېلىپ بىراقلا  ئېغىز كۆيمىگۈدەك ھالدا ئىسسىق پېتى بېراقلا ئىچىدۇ .

     چىغىرتماق يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ ، سوقۇپ مىجىپ ، سۈيىنى سىقىۋېلىپ كۈنىگە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .

    ئۈزۈم سىركىسىدىن 500مىللىگرامغا ئالتە سەر ناۋات ياكى ھەسەل قوشۇپ سۇست ئوت بىلەن قاينىتىپ   كۈندە ئىككى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا تۆت بەش قوشۇقتىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ تۇرسا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ مۇقىملىشىدۇ ، خەلق ئارىسىدىكى تەجرىبىلەرگە قارىغاندا ئۈزۈم سىركىسى بولمىسا ئادەتىكى ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىدۇ .

    بادىرەنجىبۇيا 60 گرام ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ، گاۋزىۋان ھەر بىرىدىن 30 گرامدىن ، شىكەردىن 300گرام ئېلىپ دورىلارنى تازىلىغاندىن كېيىن تۆت چىنە بىلەن بىر كىچە چىلاپ قۇيۇپ ، ئەتىسى شۇ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ دورا تىرىپلىرىنى پاكىز  سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ ئەتىگەن- كەچتە ئۈچ قۇشۇق مىقدارىدىكى دورىغا شۇنچىلىك مىقداردا قايناقسۇ قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە قان بېسىمى ئۆرلىگەندىكى ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك قوزغىلىش ، باش قېيىش   قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

    يۇقىرى قان بېسىمىدىكى باش قېيىشتا ئاپتاپپەرەس تەخسىسىدىن بىر دانە ئېلىپ 20 دانە چىلان بىلەن ئىككى پىيالە سۇدا بىر پىيالە قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچسە بولىدۇ .

    ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقىدىن بىر سىقىمنى قاينىتىپ ئىچسىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ.

    چىلان بىلەن چىڭسەي يىلتىزىنى بىللە قاينىتىپ چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .

    چىڭسەي يىلتىزى بىلەن كۆممىقۇناق ساقىلى ۋە چىلاننى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسىمۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ .

    مائۇلھەسەل تەييارلاپ ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ . (بىر ھەسسە ھەسەلگە ئالتە ھەسسە سۇ ھېسابىدا)

    پىلە قۇرتى مايىقىدىن 45گرامغا 45 گرام شېكەر قوشۇپ يۇمشاق سوققاندىن كېيىن يەتتە گىرامدىن كۈندە تۆت قېتىم ئىچىپ بەرسىمۇ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

    كۈزدە قىرو چۈشكەن مەزگىلدە ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن بىر جىڭغا بىر يېرىم جىڭ قارا كۈنجۈت قوشۇپ ، يۇمشاق سوقۇپ مەلۇم مىقداردىكى شېكەر  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە 10-12 گرامغىچە ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ، باش قېيىشنى داۋالايدۇ .

    تاجىگۈلدىن 12گرامغا 12 دانە چىلان قوشۇپ يېرىم چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ ھەر كۈنى ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

    قارا كۈنجۈتتىن 500گرامنى تازىلاپ قورۇپ سارغايتىپ تەڭ مىقداردىكى شېكەر بىلەن قوشۇپ تالقان قىلىپ ئەتىگەن كەچتە 10-12 گرامغىچە سۇغا چېلىپ ئىچىپ بەرسە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشكە نىسبەتەن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

    گاۋزىۋاندىن 100گرام قىزىلگۈلدىن 30گرام ۋە ئاق قەنتتىن 150گرام ئېلىپ ئىككى چوڭ چىنە سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە قەنتنى سېلىپ قىيام قىلىپ كۈندە ئىككى ۋاخ 30گرامدىن ئىچسە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئۇخلىتىدۇ ، غەم – ئەندىشىنى يوقىتىدۇ .

    لوپنۇر كەندىرى گۈلىدىن 60 گرام ، سېرىق ئوتتىن 50گرام، كەرەپشە ئۇرۇقىدىن 40 گرام ،قوناق ساقىلىدىن40گرام، قىزىل قولتۇق پاقىدىن 30 گرام ئېلىپ  يىرىكرەك سوقۇپ ھەر كۈنى 15گرامدىن چايلىق قىلىپ دەملەپ ئىچىپ بېرىش كېرەك .

    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار

    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى(4-توم)

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار

    ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىنىش قانۇنىيىتى ئىلمى

    جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش.

    تەييارلىغۇچى : تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن كۆكيال

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":

    评论

  • مەندە ئازراققان بىسىمى بار ئىدى . سىناپ باقسام بولغۇدەك
    كۆكيال回复مىھمان说:
    سىزگە پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    2010-07-30 19:30:36
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!