-
ئەپچىل رېتسىپلار - [رېتسىپ خالتىسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329570.html
دانىخورەكنى داۋالاش:
ئىلمان سۇغا ھەسەلدىن بىر نەچچە تېمىم تېمىتىپ ،يۈزنى ئۇۋۇلىغاچ بەش مىنۇت يۇيۇپ بىرىش. ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك . شۇتەرىقىدە بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە دانىخورەك يوقايدۇ.
ئۈنى پۈتۈپ قىلىشنى داۋالاش:
تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ ، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن يەپ بەرسە،ئۈچ كۈندە شىپا قىلىدۇ.ئاچچىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك.
ئېغىز پۇراشنى داۋالاش:
بىر سەر ئالوي يىلتىزىنى قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قوشۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئىچىپ بەرسە،بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. (بىر مىسقال = 3.3گىرام ، بىر سەر = 31 گىرام )
ئاپتوموبىلدا باش قېيىشنى داۋالاش:
ئاپتوموبىلغا چىققاندا كىچىك بىر پارچە زەنجىۋىلنى ئاغزىغا سىلىۋالسا ياكى كىندىكىگە دورىلىق پىلاستىر چاپلىۋالسا بولىدۇ.(ھامىلدار ئاياللار چاپلىسا بولمايدۇ) ئىككى خىل ئۇسۇلنى تەڭ قوللانسا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بۇرۇن قاناشنى داۋالاش:
نىلۇفەر يىلتىزى بىلەن ئالوي يىلتىزىنى تەڭ مىقداردا توغراپ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قىتىمدىن ئۇدا بەش كۇن ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، قاننى توختىتىدۇ.
收藏到:Del.icio.us