www.4tadu.com
  • قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان سەككىز خىل يېمەكلىك - [يۈرەك كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329572.html

    قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان سەككىز خىل يېمەكلىك


      
        
    ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى . ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى – كالتىسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ كېلىش مەنبەسى ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى بىلەن قان بېسىمى %3 تىن %10 كىچە تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ نىسبەتەن ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %15 تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، ياغسىز لاندۇرۇلغان كالا سۈتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان كۆڭۈللۈك يېمەكلىكتۇر .

        پالەك ، يېڭى ئۈزۈلگەن ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ، پۇرچاق تۈرلىرى كۆپچىلىك بۇ يېمەكلىكلەرنى بىلسىمۇ ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە پالەك ، يېڭىدىن ئۈزۈلگەن ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ، پۇرچاق تۈرلىرى ، مەسىلەن : قارا پۇرچاق ، ئاق قاقىلە ، ماش ، لىما پۇرچىقى ، سەي پۇرچىقى قاتارلىقلاردا ماگىنىي بولۇپ ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ماددىدۇر . بۇ يېمەكلىكلەردە يەنە كالىي كۆپ بولۇپ ، ئوخشاشلا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ .

        پۇچۇلانغان تاتلىق ياڭيۇ ، بانان ۋە ماش ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشى ئۇنىڭدا كالىي بولغانلىقىدىندۇر . كالىي بىلەن ناترىي قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئېلېمېنت بولغاچقا ، قاندا كالىي ئازلىسا ، ناترىي كۆپىيىپ كېتىپ ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . كالىي يېتەرلىك ئىستېمال قىلىنسا ، قاندىكى زىيادە ناترىي چىقىرىۋېتىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، كالىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، تەندىكى مىنېرال ماددىلار تەڭشىلىدۇ ھەم قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ . ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ . كالىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ئۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ، قان بېسىمى نورمال بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ .

        قارا شاكىلات قان بېسىمى يۇقىرىلار كۈندە 30 كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارىدىكى قارا شاكىلات (تەخمىنەن 14 گرام  ) ئىستېمال قىلىپ تۇرسا ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ ، شۇنداقلا باشقىچە ئاقىۋەت پەيدا بولمايدۇ .
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": بېسىم
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!