www.4tadu.com
  • مۇراببا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا ئۇنى تەييارلاش ھەققىدە - [دورا تەييارلاش ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329575.html

    مۇراببا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى شۇنداقلا ئۇنى تەييارلاش ھەققىدە

    ئاۋۋال مۇراببا ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە يازىمىز . ئاندىن كېيىن ئۇنى تەييارلاش ئۇسۇلى بىلەن بىللە مىسال قىلىپ ئالما مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز؛

    مۇراببا ھەر خىل مېۋىلەرنى پۈتۈنى بويىچە ياكى پارچىلاپ شېكەر قىيامىدا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدىغان شىرىلىك ياسالما.بەزىلىرىگە ھەسەل ئىشلىتىلىدۇ.

    مۇراببا قۇۋۋەتلىك ، تاتلىق ۋە تەملىك بولۇپ ، پۈتۈن بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .

    مۇراببالارنىڭ تۇراقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ، مەلۇم مەزگىل ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

    مۇراببانىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى ئەنجۈر ، قارا ئۆرۈك، بىھى ، ئالما ، سەۋزە ، غورا ، زەنجىۋىل، گىلاس ، كۆك سۇلتان، جىنەستە ۋە ئالگىرات قاتارلىقلار....

    ئەمدى مۇراببا تەييارلاش ئۇسۇلىغا ئۆتىمىز؛

    مۇراببالارنى ئامال بار مۇراببا تەييارلىماقچى بولغان مىۋە ھۆل ۋاقتىدا تەييارلىغان ياخشى ، ئەگەر مېۋە شاختىن تۆكۈلمەستە ئۈزۈۋېلىپ تەييارلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . ئەگەر ھۆل مېۋە يوق بولۇپ قالسا مېۋە قاقلىرىنى سۇغۇق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ ياكى قۇمغا كۆمۈپ سۇ بىلەن نەمدەپ تۇرۇپ ، مېۋە ھۆللۈكىگە يانغاندىن كېيىن شېكەر قىيامىدا پۇشۇرۇپ تەييارلاش كېرەك .

    مۇراببا تەييارلاش ئۈچۈن بىر ھەسسە مېۋىگە بىر يېرىم ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، مېۋىسىنى سۈزۈپ ئېلىپ ، سۈيى بىلەن شېكەرنى قىيام قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشتا سۈزۈۋالغان مېۋىنى سېلىپ ، يەنە قاينىتىپ سۈيى تۈگەپ قىيامى قالغاندا ئوتتىن ئېلىپ تەييارلىنىدۇ .

    مۇرابباغا ئىشلىتىلىدىغان شېكەر مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ ، بۇنى شۇ مۇراببانىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن .

    مۇراببا ياساشتا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش ئۇنىڭ قىيامىنى تەڭشەش؛ قىيامى تۆۋەن ئېلىنىپ قالسا زامبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشى تېز بولۇپ قېلىپ مۇراببا بۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، زىيادە قۇيۇق بولۇپ قالسا شېكەر قېتىپ ناۋات ياكى كىرىستال ھاسىل بولۇۋالىدۇ. مۇراببابىڭ سۈيى كۆپ ، قىيامى بوش بولۇپ قالسا يەنە قاچا – قۇچىلار پاكىز ۋە قۇرۇق بولماي قالسىمۇ ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا يۇقىرىدا دېيىلگەنلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك . بەك ئۇزاق ساقلىمايلا ئىشلىتىلىپ تۈگەيدىغان مۇراببالارنىڭ قىيامىنى بەك يۇقىرى قىلمىسىمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇزۇنراق ساقلايدىغان مۇراببالارنىڭ قىيامىنى ئەلۋەتتە يۇقىرى ئېلىش كېرەك.

    ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا چىرىشكە قارشى تۇرغۇچى ئادەم ئورگانىزمىغا زىيان قىلمايدىغان چىرىشتىن ساقلىغۇچىلارنى ئىشلىتىش مۇمكىن . مەسىلەن ؛ناترىي بىنزۇئىكۇم ۋە نېپاگىن قاتارلىقلار....

    ناترىي بىنزۇئىكۇمنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن مۇنداق بولىدۇ ؛ يەنى ھەر 100 مىللىلىتىر سۇيۇقلۇققا 0.3-0.5 گىرامغىچە ...

    نېپاگىننىڭ بولسا ھەر 100 مىللىلىتىر سۇيۇقلۇققا 0.02-0.05 گرامغىچە .....

    ئەگەر مۇراببالار قىيامى بوش بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ياكى باشقا بىر سەۋەبلەردىن كۆكۈرۈپ ، پاختىلىشىپ ، غەيرىي پۇراق ۋە تەم پەيدا بولۇپ قالغان بولسا ئۇنى تاشلىۋەتمەستىن ئاۋۋال ئۈستىدىكى پاختىلاشقان ياكى كۆكۈرۈپ قالغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ ، پاكىز بولغاندىن كېيىن بىر ئاز شىكەر بىلەن قايتا قاينىتىپ تەييارلىسا بولىدۇ .

    يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى  ، مۇراببالار قايناپ تەييار بولغاندىن كېيىن ، ئوتتىن چۈشۈرۈپ ئاغزى ئوچۇق پېتى  سۇۋۇغىچە قۇيۇپ قويۇش كېرەك .

    مۇراببالارنى قاچىلاشقا ئىشلىتىدىغان قاچىلار قۇرۇق بولۇشى يەنە ئىمكان بار سىرلىق قاچا-قۇچىلارغا قاچىلىنىشى كېرەك . ئىشلەتكەن ۋاقتىدىمۇ ئكزى قۇرۇق ۋە ياغاچ قۇشۇق بىلەن ئېلىش كېرەك ، بولمىسا بۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .

    يۇقىرىدا دېيىلگەن شەرتلەر بويىچە تەييارلانغان مۇراببالار بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۈنۈمىنى ساقلىيالايدۇ.

    ئەمدى ئالما مۇرابباسى ياساش ھەققىدە سۆزلەيمىز؛

    ياخشى پىشقان تاتلىق ئالمىدىن 3كىلوگرام ئېلىپ ، ئاقلاپ ، نىپىز يالپاقلاپ ، توغراپ 2 لىتىرسۇ بىلەن سىرلىق قاچىدا ئىچىدكى سۈيى بىر لېتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن ئالمىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ سۈيىگە  شېكەردىن 2 كىلوگرام سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ ، ئاندىن سۈزۈۋېلىنغان ئالمىنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇس  ئوت بىلەن سۈزۈك رەڭگە كىرگىچە   قاينىتىلسا ئالما مۇرابباسى تەييار بولىدۇ . بۇ مۇراببانىڭ تەبىئىتى ھۆل  سوغۇق بولۇپ ، ھەزىم  بۇزۇلۇشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى ، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىقى، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.كۈنلۈك ئىستىمالى  ئىككى  قۇشۇقتىن ئۈچ ۋاخ بولىدۇ. (ئەگەر مۇراببا ئېچىپ قالسا 500گرام شېكەر سېلىپ ئازراق قاينىتىۋېتىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.

    تۆۋەندە بىر نەچچە خىل مۇرابباغا ئىشلىتىدىغان تەركىبلەرنى قالدۇرۇپ قويىمىز ، مۇراببا ئالدىدا ئېيتىلغىنى بويىچە تەييار قىلىنسا بولىدۇ .

    ئەنجۈر مۇرابباسى:

    ھۆل ئەنجۈر 20 دانە ، شىكەر بىر كىلوگرام  سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

    قارا ئۆرۈك مۇرابباسى: قارا ئۆرۈك 1 كىلوگرام ، شىكەر ئىككى كىلوگرام ، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا .

    بىھى مۇرابباسى : ياخشى پىشقان تاتلىق بىھى ئۈچ كىلوگرام ، سۇ 2500 مىللىلىتېر ، شىكەر ئىككى كىلوگرام .

    زەنجىۋىل مۇرابباسى : ھۆل زەنجىۋىل 150 گرام ، سۇ 300مىللىلىتىر، ھەسەل 450 گرام .

    ھېلىلە مۇرابباسى : ياخشى ساپ ھېلىلە 100گرام ، شىكەر 200گرام ، سۇ مۇۋاپىق

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!