www.4tadu.com
  • تۇمۇر سۇقۇشى ھەققىدە ئۇمۇمىي سۆز 1 - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/70636240.html

    تۇمۇر سۇقۇشى ھاياتىي روھ ئىدىشلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە قىسىلىشىدىن ئىبارەت ھەرىكەت بولۇپ ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەڭگىل ھاۋا ئېقىمىنىڭ ياردىمى بىلەن روھ سۇۋۇيدۇ .

     

    تۇمۇر سۇقۇشنى ھەر بىر كېسەللىك بويىچە ئايرىم – ئايرىم قاراپ چىقىش مۇمكىن . بىز بۇ يەردە تۇمۇر سۇقۇشى ھەققىدىكى ئىلىمنىڭ ئۇمۇمىي قائىدىلىرى ھەققىدە توختىلىمىز . ئايرىملىرىنى ئايرىم كېسەللىكلەر ھەققىدە سۆزلىگىنىمىزدە ئېيتىمىز .

    بىز ئېيتىمىزكى ؛ ھەر بىر تۇمۇر سۇقۇش ئىككى ھەرىكەت ۋە ئىككى تىنىشتىن تەركىب تاپىدۇ . چۈنكى تۇمۇر سۇقۇشى دائىم سىقىلىش ۋە كېڭىيىشتىن ھاسىل بولىدۇ . ھەر بىر قارىمۇ – قارشى ھەرىكەت ئارىسىدا ئەلۋەتتە تىنىش بولۇشى لازىم . چۈنكى بىز ھەرىكەت ئەمەلدە ئۆز مۇساپىسىنىڭ ئاخىرىغا يەتكەچكە باشقا بىر ھەرىكەتكە بىۋاسىتە ئۇلىنالمايدۇ . بۇ تەبىئەت ئىلمىدە بايان قىلىنغان نەرسىگە ئائىتتۇر . ئەگەر شۇنداق بولسا ھەر بىر تۇمۇر سۇقۇشىدا تا ئۇ باشقىسىغا ئۇلانغىچە ، ئەلۋەتتە تۆت قىسىم بولۇشى كېرەك . يەنى ، ئىككى ھەرىكەت ۋە ئىككى تىنىش . كېڭىيىش ھەرىكىتى ۋە كېڭىيىش بىلەن سىقىلىش ئارىسىدىكى تىنىش ، سىقىلىش ھەرىكىتى ۋە سىقىلىش بىلەن كېڭىيىش ئارىسىدىكى تىنىش . سىقىلىش ھەرىكىتى كۆپ تېۋىپلارنىڭ پىكرىچە پۈتۈنلەي سېزىلمەيدۇ .ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پىكرىچە سىقىلىش سېزىلىدۇ . كۈچلۈك تۇمۇر سۇقۇشىدا ئۇنىڭ كۈچى تۈپەيلى ، چوڭ تۇمۇر سۇقۇشىدا- ئۇنىڭ چوڭلۇقى تۈپەيلى ، قاتتىق تۇمۇر سۇقۇشىدا – كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى تۈپەيلى ۋە ئاستا تۇمۇر سۇقۇشىدا –ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى تۈپەيلى سېزىلىدۇ . جالىنۇس ئېيتىدۇكى :‹‹مەن بىر قانچە ۋاقىت سىقىلىشنى بايقىيالمىدىم ، كېيىن ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىپ ئالغۇچە تۇتۇپ كۆرۈپ تەكشۈردۈم . شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي ئۇنى ئېنىق سېزىدىغان بولدۇم . ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئالدىمدا تۇمۇر سۇقۇشى(بىلىمىنىڭ) دەرۋازىسى ئېچىلدى ، كىمىكى تۇمۇرنى مەنچىلىك تۇتۇپ تەكشۈرسە ، مەن بىلگەن نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ .›› بېراق ئەھۋال شۇ ئېيتقاندەك بولسىمۇ ، كۆپ ھاللاردا تۇمۇر سۇقۇشتىكى سىقىلىش سېزىلمەيدۇ . تۇمۇرنى تۇتۇپ ككرۈش ئۈچۈن بىلەكنى تاللاشتا ئۈچ سەۋەب باردۇر ؛ ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ ئاسانلىقى ، ئۇنى تېۋىپكە ئېچىپ كۆرسىتىشتىن كەم ئۇيۇلۇشلۇق ھەمدە ئۇ يۈرەكنىڭ روبىروسىدا ۋە يېقىنىدا جايلاشقانلىقى . تۇمۇر سۇقۇشنى قول يېنىچە ياتقان ھالدا تۇتۇپ كۆرۈش كېرەك ، چۈنكى ئالىقىنى پەسكە قاراپ يارقان قول خېلى كەڭ ،  كۆتۈرۈلگەن ۋە ئۇزۇنلۇقى كەم بولىدۇ .بولۇپمۇ ئۇرۇق كىشىلەردە ئالىقىنىنى يۇقىرى قارىتىپ ياتقان قول خېلى كۆتۈرۈلگەن ۋە ئۇزۇن بولۇپ ئەمما كەڭلىكى كەم بولىدۇ . تۇمۇرنى تۇتقۇزۇۋاتقان ئادەم  غەزەپ ۋە شادلىق ھېسلىرىدىن ، جىسمانىي ھەرىكەتتىن ، تۈرلۈك تەسىراتلاردىن ، ئېغىرلاشتۇرىدىغان ئاچلىق ۋە توقلۇقتىن ۋە كونا ئادەتنى تەرك قىلىپ ، يېڭى ئادەت چىقىرىۋاتقان ھالەتلەردىن خالىي بولۇشى لازىم . مىزاجى مۆئدىتىل ساغلام ئادەملەرنىڭ تۇمۇر سوقۇشىنى ئالدىن سىناپ كۆرۈش ، كېيىن ئۇنى باشقا تۇمۇر سۇقۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇش كېرەك .

    بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئېيتىمىزكى : تۇمۇر سۇقۇش ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان تۈرلەر گەرچە توققۇز دەپ ھېسابلاش كېرەك بولسىمۇ ، تېۋىپلار تۇمۇر سۇقۇش ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان تۈرلەرنى ئون دەيدۇ.

    بىرىنچى تۈرى : تۇمۇرنىڭ كېڭىيىش مىقدارىدىن ئېلىنىدۇ .

    ئىككىنچى تۈرى : ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان تۇمۇرنىڭ بارماقلارغا ئۇرۇلۇش كەيپىياتىدىن ، ئۈچىنچى تۈرى : ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ داۋام قىلىش ۋاقتىدىن ، تۆتىنچى تۈرى: تۇمۇر تەركىبىدىن ، بەشىنچى تۈرى : تۇمۇرنىڭ بوشلۇقى ۋە تولغانلىقىدىن ، ئالتىنچى تۈرى:تۇتۇپ كۆرۈلىدىغان جايىنىڭ ئىسسىق ۋە سوغۇقلۇقىدىن ، يەتتىنچى تۈرى:تۇنجى تۇرۇش ۋاقتىدىن ، سەككىزىنچى تۈرى:تۇمۇر سوقۇشىنىڭ تەكشى ۋە تەكشى ئەمەسلىكىدىن ، توققۇزىنچى تۈرى: ناتەكشىلىكتە تەرتىپ بارلىقىدىن ياكى ئۇنىڭ پۈتۈنلەي تەرتىپسىز ئىكەنلىكىدىن ، ئونىنچى تۈرى:تۇمۇر سوقۇشىنىڭ ۋەزىنىدىن ئېلىنىدۇ.تومۇر سۇقۇش مىقدارىنىڭ تۈرلىرىگە كەلگەندە ، بۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ ئۆلچىمى يەنى ئۆزىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەن تۇمۇر سۇقۇشىنىڭ ئەھۋالىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن تومۇر سوقۇشتا توققۇز خىل ئاددىي سۈپەتلەر ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ سۈپەتلەرمۇ بولىدۇ . توققۇز خىل ئاددىي تومۇر سوقۇشىنىڭ ئۇزۇن – قىسقا ۋە نورماللىقى ، كەڭ تار ۋە مۆئدىتىللىكى ، تۆۋەن – يۇقىرى ۋە نورماللىقىدۇر . ئۇزۇن تومۇر سۇقۇشى شۇنداقكى ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى تەبىئىي سېزىلىشكە قارىغاندا ئۇزۇنراق سېزىلىدۇ . يەنى ھەقىقىي مۆئدىتىل مىزاجدىكىگە ياكى مەخسۇس كىشىگە خاس تەبىئىي سېزىلىشكە يەنى شەخسەن شۇ كىشىگە خاس مۆئدىتىل مىزاجدىكى سېزىلىشكە  قارىغاندا ئۇزۇنراق سېزىلىدۇ. بۇ ئىككى مىزاج ھەقىقىي مۆئدىتىل ۋە ئايرىم شەخسكەخاس مۆئدىتىل مىزاجلار ئارىسىدكى پەرقنى سەن ئىلگىرىرەك بىلگەن ئىدىڭ. قىسقا تۇمۇر سۇقۇشى ئۇزۇنىسىغا قارىمۇ – قارشىدۇر. مۆئدىتىل تۇمۇر سوقۇشى بولسا بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ . قالغان ئالتە سۈپەت ھەققىدە شۇلارغا قىياس قىلىپ ھۆكۈم قىل.

    ئەمما تومۇر سۇقۇشىنىڭ شۇ ئاددىي سۈپەتلىرىدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ سۈپەتلىرىگە كەلسەك ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نامى بار ، بەزىلىرىنىڭ يوق . ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئاددىي تۇمۇر سوقۇشىدىن ئارتۇقلۇق قىلىدىغان تومۇر سۇقۇشى ‹‹چوڭ››دەپ ئاتالدى. شۇ ئۈچ جەھەتتىن ئاددىي تۇمۇر سۇقۇشىدىن كەمرەكى‹‹كىچىك›› دەپ ئاتالدى . مۆئدىتىلى بولسا بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىاۇ. ئۆزىنىڭ كەڭلىكى ۋە كۆتۈرۈلىشى بىلەن ئاددىي سۈپەتلەردىن ئارتۇقلۇق قىلىدىغان تۇمۇر سۇقۇشى ‹‹يوغان›› دەپ ئاتالدى. شۇ ئىككى جەھەتتىن ئاددىغا نىسبەتەن كەمرەكى‹‹كىچىك›› دەپ ئاتالدى. مۆئدىتىلى بولسا بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ .

    ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان تۇمۇرنىڭ بارماققا ئۇرۇلغان كەيپىياتىدىن ئېلىنغان تۈرگە كەلگەندە ، بۇنداق ئۇرۇلۇش ئۈچ تۈرلۈكتۇر : كۈچلۈك ، يەنى كېڭەيگەندە تۇتۇپ سېزىشكە قارشىلىق قىلغۇچى . زەئىپ – كۈچلۈكنىڭ قارىمۇ قارشىسى ۋە شۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۆئدىتىل سوقۇشلار. ھەر بىر كەرىكەتنىڭ داۋام قىلىش ۋاقتىدىن ئېلىنغان تۈر ھەم ئۈچ خىلدۇر: تېز يەنى ھەرىكەتنى قىسقا مۇددەتتە تاماملايدىغىنى، ئاستا ، يەنىتىزنىڭ قارىمۇقارشىسى ۋە شۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۆئدىتىل سوقۇشلار. تۇمۇرنىڭ تەركىبىدىن ئېلىنغان تۈرمۇ ئۈچ خىلدۇر : يۇمشاق يەنى – بېسىلغاندا يەڭەىللىك بىلەن ئىچكىرىگە قايتىشقا قابىلىيەتلىك ، قاتتىق – يۇمشاقنىڭ قارىمۇقارشىسى ۋە شۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۆئدىتىل سوقۇشلار . تۇمۇرنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنىڭ ھالىغا قاراپ ئېلىنغان تۈرمۇ ئۈچ خىلدۇر : تۇلۇق يەنى –تۇمۇرنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي بوشلۇق ئەمەس بەلكى ئۇنى ئانچىكى تولدۇرۇپ تۇرغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ سېزىلىشى ، بوش – تۇلۇقلۇقنىڭ قارىمۇقارشىسى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۆئدىتىل ھالەت . تۇتۇپ سېزىشتىن ئېلىنغان تۈرمۇ ئۈچ خىلدۇر : ئىسسىق ، سوغۇق ۋە مۆئدىتىل .

    تىنچ (پائۇزا) زامانىدىن ئېلىنغان تۈرمۇ ئۈچ خىلدۇر : ئارقا – ئارقىدىن يەنىئىككى سوقۇش ئارىسىدا سېزىلگۈچى قىسقا ۋاقىت – بۇنى ‹‹يېتىشكۈچى››ۋە ‹‹زىچ›› دەپمۇ ئاتايدۇ. ‹‹شالاڭ›› ئۇنىڭ ئەكسىدۇر، بۇنى ‹‹سۇس ، بوش››دەپمۇ ئاتايدۇۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۆئدىتىللىك .بۇ ۋاقىتنى تۇمۇر سىقىلىشنىڭسېزىلىشىگە قاراپ بىلىدۇ. ئەگەر سىقىلىش پۈتۈنلەي سېزىلمىسە ھەر ئىككى كېڭىيىش ئارىسىدىكى ۋاقىت تىنىش ۋاقتى دەپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر سىقىلىش سېزىلەرلىك بولسا ، تىنىش ۋاقتى ھەر ئىككى سىقىلىش ۋە كېڭىيىش ھالەتلىرىنىڭ تۈگەش ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن بىلىنىدۇ .

    داۋامى بار .................

    ئىبنى سىنا 

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!