www.4tadu.com
  • سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار - [ساقلىق ساۋاتلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/70645843.html

    سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار



         بىرىنچى، ماتېرىيالغا دىققەت قىلىش. سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساپ سۈت دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىنكى مەھسۇلات. ئەمما يەنە بەزى سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتى سۈت تالىنىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. بۇنى بىز‹‹ ئەسلىگە قايىتقان سۈت››دەيمىز. ساپ سۈتنى تالقانغا ئايلاندۇرۇش داۋامىدا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سۈت مەھسۇلاتى سۈت تالقىنىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولسا، بۇ جەريان ئۇنىڭ ئورالمىسىغا ئېنىق يېزىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن.

         ئىككىنچى، ئاقسىل مىقدارىغا دىققات قىلىش. ھەر 100مىللىمېتىر يېڭى كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئۈچ گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. 100 مىللىمېتېر سۈت تەركىبىلىك ئىچىملىكلەر تەركىبىدە بولسا بىر گرام ئاقسىل بولىدۇ. باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر، يەنى كالتسىينىڭ مىقدارى يېڭى كالا سۈتىنىڭكىدىن خېلىلا ئاز بولىدۇ. شۇڭا سۈتتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىكلەرنى ساپ سۈت ئورنىدا كۆرىشكە بولمايدۇ. قېتىق قاتارلىق ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىغا باشقا تەركبلەر قوشۇلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئاقسىل تەركىبى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ .

       ئۈچىنچى، ياغ تەركىبىگە دىققەت قىلىش . بازاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرنىڭ ياغ تەركىبىنى تولۇق ياغ تەركىبلىك سۈت، ياغ تەركىبى قىسمەن ئايرىلغان سۈت ۋە ياغ تەركىبى تولۇق ئايرىۋېتىلگگەن سۈت قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى مىسالغا ئالساق، ھەر 100مىللىمېتېر ساپ سۈت تەركىبىدە ئۈچ گىرامدىن 3.3 گرامغىچە ياغ بولىدۇ. قىسمەن ياغ تەركىبلىك سۈت مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدىكى 3 دىن 2 قىسىم ياغ ماددىسى ئايرىۋېتىلگەن بولدۇ. يەنى تەركىبىدىكى ياغ تەركىبى 100مىللىمېتىردا بىر گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ ياغ تەركىبى ئايرىۋېتىلگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىدا بولسا ياغ تەركىبى بەك ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك.

          تۆتىنچى، تەمىگە دىققەت قىلىش . بازاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، تەمىمۇ ھەرخىل. مېۋە تەملىك، شاكىلات تەملىك ۋە تاتلىق سۈت مەھسۇلاتلىرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولدۇ. گەرچە ھەرخىل مېۋە تەملىك سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىچىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مېۋە تەمى تەبئىي مېۋىدىن كەلگەن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا بازاردا ھازىر ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاشۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىمۇ بار، مەسىلەن: ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، كالتسىي ياكى تۆمۈر ماددىسى قوشۇلغان سۈت دېگەندەك، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاشۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى ئوزۇقشۇناس ياكى دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئىستېمال قىلغان ياخشى.

    سۈتنىڭ تېرىگە بولغان بىرقانچە پايدىلىق رولى


    ياز كۈنلىرى كۈن نۇرى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، سىرتتا كۆپرەك تۇرۇپ قالساق تېرە كۆيۈپ كىتىدۇ. تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتسە سوغۇق سۈتنى كۆيگەن ئورۇنغا سۈرتسەك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا تېرە داغ بولسا يېڭى سۈت بىلەن دوختۇر ئىسپىرتىنى ئۈچتەن بىر نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرىدىكى داغقا سۈركىسەك بولىدۇ. مۇسكۇل، پەي سوزۇلۇپ يارلانسا ئىسسىق سۈتنى سۈركىسەك شىپا بولىدۇ. كالا تەمىرەتكىسى بار كىشىلەر، كالا سۈتىنى كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ4 -- 5 مىنوت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن قازاندىكى سۈتنى ئېلېۋېلىپ، قازاندا قالغان بىر قەۋەت ئاق پەردىنى قىرىپ ئېلىپ، تەمرەتكە ئورۇنغا سۈركىسەك، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاسىر بولسا، سۈتكە ئۇششاق سوقۇلغان پىيازنى قوشۇپ، ئىككى ھەپتە سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

    شامالداشتىن بولغان بۇرۇن ياللۇقىنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى مۇنداق: سامساق سۈيى بىلەن پىياز سۈيىگە ئازراق سۈت قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇن ئىچىگە تىمىتساق بولىدۇ. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نىسبىتىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆيدۈرۈپ ئاغرىق ھېس قىلمىغىدەك تەڭشىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.
    بالا كېچىسى يۈتەلسە ، بىر پىيالە سۈتكە ھبىر دانە تۇخۇم ۋە بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچۈرۈپ، يەنە يېرىمىنى بالا كېچىسى يۆتەلگەندە قىزىتىپ ئىچكۈزسە شىپا بولىدۇ.

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":

    评论

  • بۇ تېمىنى قاشتېشى مۇنبىرىدىن لەيلى تەمىنلىدى.
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!