www.4tadu.com
  • ئالمىنىڭ تېبابىتىمىزدىكى ئىشلىتىلىشى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/70217192.html

    .[فارماكولوگىيەلىك تەسىرى ] مىۋە يىلىمىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلانغان ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقى ئۆي توشقىنىنىڭ ۋېناسىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قاندىكى قەنتنى ئۆرلىتىدۇ . ئالما ئۇكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭدا تۇتقان ئۈزۈم شېكىرىنىڭ تەسىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك ، بۇنىڭ سۈيدۈك ماڭدۇرۇش ئۈنۈمى كېيىنكىسىدىن 2-3 ھەسسە ئارتۇق. 

    [خىمىيىلىك تەركىبى]ئالما تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ، ئۇندىن باشقا شېكەر ماددىسى ، ئۆزگەرگەن قەنت بار . پىشمىغان ئالمىدا كىراخمال بولۇپ ، بۇ مېۋىنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ . كىسلاتالاردىن ئاساسلىقى ئالما كىسلاتاسى    . (Malic acid)  بار.ئۇندىن باشقا خىنىن  

     كىسلاتاسى ، كوينىك  (quinic acid).  كىسلاتاسى  لىمون كىسلاتاسى ،   citirc acid 

    تار تارىك كىسلاتاسى, ياغ ،پىكىتىن ۋىتامىن ،لار بار.  A، B، C، Tar tarric acid

    [تەبىئىتى ] تاتلىق ئالما بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ، چۈچۈمەل ئالما بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق

    [خۇسۇسىيىتى ] تاتلىق ئالما: مىڭە ، يۈرەك ، جىگەر ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، كۈۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى تەڭشەش، قۇرۇق يۆتەلنى توختىتىش، ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.

    چۈچۈمەل ئالما : يۈرەك – جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قۇرۇتۇش ، تۇتۇش ، قۇسۇش ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش.

    [ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر]  يۈرەك ، مىڭە ، جىگەر ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق ،   بەدەن ئاجىزلىقى ، يۆتەل ، قۇسۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچ سۈرۈش ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

    ئالما تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:

    1)       ئالمىدىن كۈندە ئىككى دانە يەپ بەرسە ، يۈرەك ، ئاشقازان ،    مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.      بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.

    2)        2)ياخشى پىشقان تاتلىق ئالمىدىن 3كىلوگرام ئېلىپ ، ئاقلاپ ، نىپىز يالپاقلاپ ، توغراپ 2 لىتىرسۇ بىلەن سىرلىق قاچىدا ئىچىدكى سۈيى بىر لېتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن ئالمىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ سۈيىگە  شېكەردىن 2 كىلوگرام سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ ، ئاندىن سۈزۈۋېلىنغان ئالمىنى قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇس  ئوت بىلەن سۈزۈك رەڭگە كىرگىچە   قاينىتىلسا ئالما مۇرابباسى تەييار بولىدۇ . بۇ مۇراببانىڭ تەبىئىتى ھۆل  سوغۇق بولۇپ ، ھەزىم  بۇزۇلۇشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى ، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىقى، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.كۈنلۈك ئىستىمالى  ئىككى  قۇشۇقتىن ئۈچ ۋاخ بولىدۇ. (ئەگەر مۇراببا ئېچىپ قالسا 500گرام شېكەر سېلىپ ئازراق قاينىتىۋېتىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.

    3)        3) ئالمىنى يۇيۇپ پوستىنى سۇيۇپ تاشلاپ قىرغۇچ بىلەن قىرىپ ماتا بىلەن سىقىپ سۈيى ئېلىنىدۇ  شۇ سۇدىن 500مىللىلىتىرغا 2 كىلگرام شېكەر سېلىپ بەكمۇ سۇس ئوت بىلەن قىيام قىلىنىدۇ . بۇ شەربەتنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ يۈرەك ، جىگەر ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، ئىشتىھانى ئېچىش تەسىرى بار . يۈرەك كېسەللىكلىرى ، جىگەر كېسەللىكلىرى ، مېڭە كېسەللىكلىرى ،ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ۋە رەڭگى – رويىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.  قۇرۇقتىن بولغان يۆتەلگىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.

            ئىشلىتىش مىقدارى : 12 -24 گرام

            زىيانلىق تەسىرى : كۆكرەككە زىيان قىلىدۇ . قورساقنى ئېسىدۇ .

            تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ، گۈلقەنت ، دارچىن .

             ئورۇنباسارى: بېھى

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!