www.4tadu.com
  • ئىسلام دىنىنىڭ تاھارەت ۋە نەسىل ئەزالىرى ساغلاملىقىغا دائىر ئەھكاملىرى ۋە ئۇنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىسى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/146154594.html

    ئىسلام دىنىنىڭ تاھارەت ۋە نەسىل ئەزالىرى ساغلاملىقىغا دائىر ئەھكاملىرى ۋە ئۇنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىسى  

    ablitip007

    (ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن)

    ئىسلام دىنى ھەممە تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ توغرا دىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇ بىزگە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئۇنىڭ تەششەبۇس قىلغان ھەر قانداق ئىشىدا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكتە نۇرغۇن ساۋاب ۋە زور ھېكمەت-خاسىيەت بار. تۆۋەندە بىز دىنىمىزدىكى تاھارەت، خەتنە قىلىش ئەر-خۇتۇندارچىلىق بەلگىلىمىلىرى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھكاملارنى ۋە ئۇنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىسى-ھېكمىتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تازىلىق ۋە ساغلاملىققا دائىر تەشەببۈسلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
    1.تاھارەت
    ئاللاھ تائاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى، مۆئىمىنلەر! (سىلەرنىڭ تاھارەتسىز بۇلۇپ) ناماز (ئۇقۇماقچى بۇلۇپ) تۇرغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قۇلۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قۇشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئۇشۇقىڭلار بىلەن قۇشۇپ يۇيۇڭلار.
    تاھارەتتە پەرىز تۆت. ئۇلار: 1.يۈزنى يۇيۇش 2. قۇلىنى جەينىكىگىچە يۇيۇش 3. باشقا مەسھى قىلىش 4. پۇتنى ئۇشۇقىغىچە يۇيۇش.
    تاھارەتنىڭ تەرتىپى: ئاۋال ئىككى قول يۇيۇلىدۇ، ئاندىن ئىستىنجا قىلىپ قولنى قايتىدىن يۇيۇپ، ئېغىز چايقىلىدۇ، مىسۋاك قىلىندۇ، بۇرۇن مەززە-مەززە قىلىندۇ، يۈز يۇيۇلىدۇ، ساقالغا خال قىلىندۇ، ئاندىن ئىككى قول جەينەككىچە يۇيۇلىدۇ، باشقا مەسىھ قىلىنىپ قۇلاق، پاتتاڭ سىپاپ ئۈتۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىردا پۇت يۇيۇلىدۇ.
    بۇلارنى يۇغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟
    ئاۋال ئىستىنجادىن باشلاپ كېلەيلى، ئىستىنجا تاھارەتنىڭ سۈننىتى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى سۈننەت بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار چوڭ-كىچىك تاھارەتتىن كىيىن چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغان يەرنى پاكىز يۇيۇپ، پاسكىنچىلىقلارنى تازلاپلا قالماي يەنە پاكىزلىنىش مەقسىدىگە يېتىدۇ. شۇنداقلا مەقەتنى 30-50قېتىمغىچە ئۇۋۋۇلايدۇ، بۇ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رۇلىنى ئوينايدۇ.
    ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەقەتنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق گېموروي ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالىغىلى بولىدىكەن. مەقەت بەدەننىڭ تۆۋەن تەرپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، يۈرەكتىن تۆۋەن ئۇرۇندا بولغاچقا قاننىڭ ئايلىنىشى نىسبىتەن قىيىن، شۇنداقلا ئادەمنىڭ تۈز ئۈچىيىدە ۋېنا قاپقىغى(كىلاپانى) بولمىغاچقا قان تۆۋەنكى قىسمىدىن يۈرەككە قايتىپ ئاققاندا سۈرئىتى زور چەكلىمىگە ئۇچراپ، قان مەقەت ئەتراپىدا تىنىپ قېلىپ، ۋېنا تومۇرى بوشىغان شىللىق پەردە ۋە تېرە ئاستىدا كېڭيىپ گىمروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەقۋادار مۇسۇلمان كۈنىگە 3-5قېتىمغىچە ئىستىنجا قىلىپ، مەقەتنى 30-50قېتىمغىچە ئۇۋۋۇلايدۇ، بۇ ئارقىلىق گىمروينىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ شۇنداقلا يەنە تۈركىيە (مۇسۇلمان دۆلىتى) گىمروينىڭ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىنى، جۇڭگۇدا «10ئادەمنىڭ 9ى گىموروي» بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
    تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلىكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، نورغۇن چوڭ شەھەرلەردە ھەشەمەتلىك تازلىق ئۆيلىرى سېلىنىپ، يۇيۇنۇش، قۇرۇتۇش يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىلدى. لېكىن سالامەتلىك، قەۋزىيەت ۋە گىمروينى ياخشىلاشتا نىسبىتەن يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىنجا قىلىشىدەك ئىلمى ئۇسۇل يوق.
    .1.1 ئېغىزنى چايقاش، چىش چوتكىلاش
    ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: « ئەگەر ئۈممىتىمنى قىينىلىپ قالمىسۇن دېمىسەم ئۇلارنى ھەر نامازدىن ئىلگىرى مىسۋاك قىلىشقا بۇيرۇيتتىم»
    ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: «مىسۋاك قىلىپ ئۇقۇغان نامازغا (بىرىلگەن ساۋاب) نىڭ پەزىلىتى مىسۋاك قىلماي ئۇقۇلغان نامازنىڭكىدىن 70ھەسسە ئارتۇق».
    خەلقئارادا چىش چوتكىلاشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا ئاران 200 يىل بولدى. لېكىن مۇسۇلمانلار 1400يىلدىن بىرى مىسۋاك ئىشلىتىپ(چىشىنى چوتكىلاپ) كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئەرەب ئەللىرىدە بىر خىل دەرەخ بار بۇلۇپ، دەرەخ شېخى ۋە يىلتىزىنىڭ ھەممىسىدىلا چىشنى چوتكىلىغىلى بولىدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە چىش مىلىكى ۋە ئېغىز بوشلۇقىغا پايدىلىق نورغۇن مىكرو ئېلمېنىتلار بار ئىدى. نىمىشقا چىشنى چوتكىلايمىز؟ ئېغىز بوشلۇقى ئىلمىي مۇتەخەسسلىرى ئېيتىدۇ: ئىستاستىكىغا قارىغاندا، %90ئالاھىدە چىش مىلىكى ياللۇغى چىش ئەتراپى ياللۇغى بولىدۇ.كېسەللىك ئالامىتى چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، چىش مىلىكى يىرىڭدايدۇ، چىش بوشاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بۇلۇپلا قالماي، يەنە يۈرەككە ۋە ھامىلدار ئايالغىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بار، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
    چىش ئەتراپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا سەل قاراش بۇلۇپ، مىكروبلار توكسىن قۇيۇپ بىرىپ چىش مىلىكىنى غىدىقلاپ ياللۇغلاندۇرىدۇ. چىشنىڭ يۈزىگە چاپلىشىپ قالغان مىكروبلار شەكىللەندۈرگەن بىر قەۋەت پەردە چىش باكتېرىيە دېغى دىيىلىدىغان بۇلۇپ، چىشنى چوتكىلىغاندىلا ئاندىن ئۇنى پاكىز تازلىۋەتكىلى بولىدۇ. چىش باكتىرىيە دېغى چىشتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالسا، كالتىسيلىشىپ تاشقا ئايلىندۇ. چىش تېشى چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى تىزلىتىۋېتىدۇ، پەقەت چىشنى چوتكىلاش ئارقىلىقلا چىش تېشىنى يوقىتىپ، چىش ئەتراپ ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. شوڭا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆرسەتمە بىرىپ: «ئەگەر ئۈممىتىمنى قىينىلىپ قالمىسۇن دېمىسەم ھەر نامازدىن ئىلگىرى مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم» دېگەن. بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ ئېغىز بۇشلۇقى تازىلىقى ئىلمىغا نەقەدەر ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
    ياشانغاندا چىشى تۈكۈلۈپ كەتكەنلەرمۇ مىسۋاك ئىشلىتەمدۇ؟
    توغرا، مىسۋاك قىلىش پەقەت چىشنىڭ پاكىزلاپ، قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن بەلكى پۈتكۈل ئېغىز بوشلۇقىغا نىسبىتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنە ياشانغاندىكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم تائام يىگەندە تائام قىزىل ئۆڭگەچكە كىرىدۇ، نەپەسلىنىش يۇلىغا كىرمەيدۇ. چۈنكى يۇتۇش رېفلىكىسى نەپەسلىنىش يۇلى بىلەن ھەزىم قىلىش يۇلىنى ئايرىۋېتىدۇ. ئاز مىقداردىكى ئېغىز بوشلۇقى ماددىلىرى نەپەسلىنىش يۇلىغا كىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يۆتىلىش رېفلىكىسى ئارقىلىق ئۇنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ ئارقىلىق نەپەسلىنىش يۇلىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلايدۇ.
    ياشانغانلارنىڭ يۆتىلىش رېفلىكىسى ۋە يۇتۇش رېفلىكىس ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن بولىدۇ، شوڭا ئېغىز بوشلۇقىدىكى غەيرى ماددىلار ئاسانلا نەپەسلىنىش يۇلىغا كىرىپ كىتىپ، سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مىسۋاك قىلغاندا چىش مىلىكى، چىش ئۇقۇرىنى غىدىقلاپ ۋە بۇ ئارقىلىق مەركىزى تۈگۈن نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، مەركىزى تۈگۈن نېرۋىلىرىنىڭ يۇتۇش رېفلىكىسى ۋە يۇتۇش رېفلىكىسىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، نەپەسلىنىش يۇلىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ياشانغانلاردىكى سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ چىش چوتكىلاشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئىلمى ئاساسى.

    2.1. بۇرۇنغا مەززە-مەززە قىلىش

    يەنى بۇرۇننى يۇيۇش، بۇرۇننىڭ رۇلى 4 تۈرلۈك: نەپەسلىنىش، ھاۋادىكى مىكرو چاڭ-تۇزاڭلارنى تازلاش، سۈمۈرۈلگەن ھاۋانىڭ تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش، گۈزەللىك بېغىشلاش. ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئىچىدە ناھايتى نورغۇن تۈكلەر بۇلۇپ، خۇددى سۈزگۈچ غەلۋىرگە ئوخشايدۇ، ئۇ ھاۋادىكى چاڭ-تۇزاڭلارنى ئۈنۈملۈك تۇسۇپ قالىدۇ، بۇ بىرىنچى ئۆتكەل ھىسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ئۆتكەل بولسا، بۇرۇننىڭ شىلىمشىق پەردىسى بۇلۇپ دائىم شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىپ، بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۈتۈپ كەتكەن ماددىلارنى تۇتۇپ قالىدۇ. ئۇ ناھايتى ئىلمىي بولغان چاڭ-تۇزاڭ تازلاش ئەسلىھەسى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇندا يەنە ئۆپكىگە سوغۇق تىگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «ئىسىتىش ئەسلىھەسى» بولىدۇ. بۇرۇندا يەنە زىچ قىل قانتۇمۇر بولغان نىپىز بىر پەردە بار بۇلۇپ، تىببى ئىلىمدە بۇرۇن قالقىنى دىيىلىدۇ، ئۇ خۇددى «پارۋايغا» ئوخشاش سۈمۈرۈلگەن سوغۇق ھاۋانى ئىسىتىپ، ئاندىن ئۆپكىگە كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆپكىگە سوغۇق تىگىپ، يۆتەل، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىككە گىرىپتار بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. «يېڭى خەۋەرلەر كەچلىك گېزىتى» دە بۇرۇنغا مەززە-مەززە قىلىشنىڭ ئۇسۇلى (بۇرۇننى يۇيۇپ سۇ بىلەن داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى) تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق زۇكام، يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 10نەچچە يىلدىن بىرى داۋالاپ ياخشى بولالمىغان رىئاكسىيە خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، بۇ دەل نامازنىڭ تەننى ساغلام قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
    شوڭا دىنى ئەھكاملاردا تاھارەت ئالغاندا بۇرۇننى ئۈچ قېتىم چايقاش، شۇنداقلا بۇرۇن ئېچىشقۈدەك چايقاشنىڭ زۈرۈرلىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بۇ خۇددى 24سائەت توختىماي خىزمەت قىلىدىغان بۇرۇن سۈزگۈچ غەلۋىرنى قەرەللىك تازلاپ تۇرغانلىق بولىدۇ.

    .3.1 قۇلاقنى كوچىلاش

    يەنى بېگىز بارماق ۋە باش بارماقنى ھۆللەپ قۇلاق ئىچى قۇلاق دېھلىزىنى تازلاپ، ئاندىن باش بارماق بىلەن قۇلاقنىڭ كەينىنى سىلاپ، ئاندىن لۈڭگە بىلەن سۈرتىمىز. كۈندىلىك 3-5قېتىمغىچە تاھارەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئوخشاش تەكرارلىنىدۇ. ئۇ قۇلاق ئىچىدىكى كىرلەرنى تازىلاپلا قالماي، يەنە قۇلاق ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئۇۋۇلاش رۇلىنى ئوينايدۇ. قۇلاق بەدەننىڭ باش قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆمۈرچەك كۆپ، گۈشى ئاز، قىل قان تۇمۇرلىرى ئىنچىكە، قان ئايلىنىشى ئاستا بولىدۇ. شوڭا پۈتۈن بەدەنگە نىسبەتەن قۇلاق ھەممىدىن سوغاق بولىدۇ. قىش پەسلىدە ئوڭايلا ئۈششۈپ قالىدۇ، قۇلاقنى دائىم ئۇۋۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇلاقنىڭ ئۈششۈپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    قۇلاقنى دائىم ئۇۋۋۇلاش ئارقىلىق، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى، ئىشتىھانى ئاچقىلى، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغىلى، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا تەبىئى ھالدا روھى كەيپىيات كۆتۈرلۈپ، ھاياتى كۈچىنى ئورغۇتۇپ، قۇلىقى ئۆتكۈر، مېڭىنى سەگەك قىلغىلى ۋە قېرىشنى كېچكتۈرگىلى بولىدۇ. تاشقى تەرەپتىن قارىغاندا قۇلاق خۇددى باشنىڭ ئىككى تەرپىگە ئېسىپ قۇيۇلغان ھامىلىگە ئوخشايدۇ. قۇلاقتا پۇت-قول، بەدەن ۋە يۈرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى بار بولىدۇ.
    ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى بىلەن قۇلاقتىكى ھەر قايسى قىسىملار ئوتتۇرسىدا بىر خىل ئالاھىدە مۇستەقىل مۇناسىۋەت بولىدۇ. يەنى يۈرەك «يۈرەك» بىلەن،ئۆپكە «ئۆپكە» بىلەن، قول «قول» بىلەن، بىلەك «بىلەك» بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە باغلىنىش ئادەم بەدىنىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئېلىكتىر ئېقىمى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.. قۇلاق گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدا 200دىن ئارتۇق پەللە بار بولىدۇ. جۇڭگۇ تىبابەت ئىلمى بۆرەك تەبىئى ئىقتىدارىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. لىكىن بۆرەكنىڭ ياخشى بۇلىشى قۇلاقتىن.
    شوڭا قۇلاقنى دائىم ئۇۋۋۇلاش ئارقىلىق، پەللىلەرنى غىدىقلاپ، تۇمۇرلارنى جانلاندۇرۇپ، بەدەندىكى ئىلمىنىتلارنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى ئېمونىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قۇلاقنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق يەنە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز تورلىشىش، ئۇيغۇسىزلىق قاتارلىقلارنى قۇشۇمچە داۋالاش رۇلىنى ئوينايدۇ.

    4.1 .ئىككى پۇتنى يۇيۇش

    ئىلىمان سۇ بىلەن كۈندە 3-5قېتىمغىچە يۇيۇلىدۇ. ئاۋال ئوڭ، ئاندىن سول پۇت يۇيۇلىدۇ. سول قولىنى باش بارمىقى بىلەن پۇت بارماقلىرى ئارىسىنى قايتا قايتا ئۇۋۇلاش يۇيۇش تەلەپ قىلىندۇ. بۇ ئارقىلىق پۇت بارماقلىرى ئارىسىدىكى كىرلەرنى پاكىز يۇيۇپ تازلاپلا قالماي، يەنە پۇتنى ئۇۋۇلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى پۇت پۈتۈن بەدەننىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە جايلاشقان بۇلۇپ، قان ئايلىنىشى ناچار بولىدۇ. تۆت مۆچىدە پۇتنىڭ يۈكى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ. پۇتنى دائىم ئىلىمان سۇدا يۇغاندا، پۇتنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئىسسىقلىقىنى ساقلىشىغا پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر پۇت توڭلىسا، ئۇنىڭ تەسىرىدە بۇرۇن، كېكىرتەك، ئۆپكە كانايچىلىرى قاتارلىق ئۈستۈنكى نەپەسلىنىش يۇلى، بەدەننىڭ كېسەل قوزغاتقۇچ مىكرو ئورگانىزىمىغا قارشى ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەنگە سۇقۇنۇپ كىرۋالغان كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتىرىيىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپىيىپ، كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.
    «باشنى سوغۇق، پۇتنى ئىسسىق تۇتۇش» قەدىمقى زامان تىببى ئالىملىرى يېزىپ قالدۇرغان داۋالاش ئۇسۇلى بۇلۇپ، ئۇ يەنە ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى مۇھىم پىرىنسىپ. پۇت يۈرەككە ئەڭ يىراق بۇلۇپ، ئاسانلا سوغۇق تىگىپ كېسەلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، بۇلۇپمۇ قىش كۈنلىرى شۇنداق بولىدۇ.
    بەزى كىشىلەر مەشنى چۆرىدەپ پۇتنى ئىسىتىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمىليەتتە پۇتنى داۋاملىق مەشكە قاقلاپ ئىسىتقاندا تېرە ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدۇ. پۇتنى ئىسىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پۇتنى ئىسسىق سۇ بىلەن ئىسىتىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كېرەكسىز خىلتىلارنى ئازلىتىپ، جىگەرنى تازلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، يۇقۇرى قان بېسىم قاتارلىقلارغىمۇ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. كېسەللىكنى چىقىرىپ تاشلاپ، تەننى ساغلاملاشتۇرغىلى، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ھازىر يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان «پۇت داۋالاش» كەسپى ناھايتى قارشى ئېلىنىۋاتىدۇ. 1400 يىل ئىلگىرى «پۇت داۋالاش» نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تاھارەت ئېلىشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقىسى بۇلىشىنى كىممۇ ئويلاپ يەتكەن؟
    2. خەتنە قىلىش
    ئاللاھ تائاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە (شەرىئەت تەكلىپلىرى) ئەمىرلەردىن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى.» بۇ يەردىكى (شەرىئەت تەكلىپلىرى) ئەمىرلەر تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: 1) ئېغىزنى چايقاش 2) بۇرۇننى چايقاش 3) مىسۋاك ئىشلىتىش 4) بۇرۇتنى قىرقىش 5) چاچنى ئايرىش 6) تىرناقلارنى ئېلىش 7) قولتۇقتىكى تۈكلەرنى يۇلۇش 8) ئەۋرەت تۈكلىرىنى ئېلىش 9) خەتنە قىلىش 10) چوڭ-كىچىك تەرەتنى سۇ بىلەن يۇيۇش. خەتنە قىلىش ھازىرقى زامان تىببى ئىلمىدا «خەتنىلىكنى كىسىپ ئېلىۋەتمەك» دىيىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، خەتنە قىلىش ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان بۇلۇپ، كىيىنكىلەر ئۇنىڭغا تەقلىد قىلغان. مۇسۇلمانلارغا نىسبىتەن خەتنە قىلىش سۈننەت بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر خەتنىلىك زىيادە ئۇزۇن ۋە ئۈرۈلمەيدىغان بولسا خەتنە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر خەتنە قىلمىسا سۈيدۈك ۋە پاسكىنا كىرلەرنى تازلاش تەسكە توختايدۇ.ئوتتۇرا شەرق، شىمالى ئافرىقا رايۇنلىرىدا ھاۋا ناھايتى ئىسسىق بۇلۇپ، زەكىرى ناھايتى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىغان بۇلۇپ، بۇ ناھايتى ئازابلىق ئىش ھەم داۋالاشمۇ قىيىن. خەتنە قىلغان ئادەم سۈيدۈكنىڭ مەينەت كىرلىرى ۋە بۇلغانما ماددىلارنى دائىم تازلاپ تۇرالايدۇ ۋە ئۇنداق كېسەللەرگە گىرىپتار بولمايدۇ. خەتنە قىلىش يەنە زەكەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى بۇيىچە نۇپۇزلۇق پىرافىسسور خۇاڭ جياسى تۈزگەن «تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى» دىگەن كىتابىنىڭ 77-باب 4-پارگىرافتا «زەكەر راكى» توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بۇلىشى خەتنىلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەھۇدىلار بوۋاق 10كۈنلۈك بولغۇچە خەتنە قىلىدۇ، ئۇلار ئاساسەن دىگۈدەك زەكەر راكىغا گىرىپتا بولمايدۇ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىمۇ بالا 7 ياشنىڭ ئۆپچۆرىسىدە خەتنە قىلىدۇ، ئۇلاردا زەكەر راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايتى تۆۋەن.
    دۆلەت ئىچىدىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، زەكەر راكىغا گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە خەتنىلىكى تۈرۈلۈپ ياكى خەتنىلىكى زىيادە ئۇزۇنلار %86-%98 نى ئېگىلەيدۇ. خەتنىلىك ۋە زەكەرنىڭ بېشى ئۇزۇن مۇددەت خەتنىلىك كىرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، يۇقۇملىنىش ياكى ئاستا خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىش، زەكەر راكى پەيدا بۇلۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خەتنە قىلىش بىر تۈرلۈك ئىلمىي تەدبىر. شوڭا خەتنە قىلىش ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ۋە ئاياللارنىڭ جىنسى ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. خەتنە قىلىش ئارقىلىق خەتنىلىك ياللۇغى، زەكەر بېشى ياللۇغى، زەكەر ياللۇغى، زەكەر قاپارتما كېسىلى، زەكەر راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ۋە توي قىلغاندىن كىيىن ئەر كىشىنىڭ خەتنىلىكى ئۇزۇن بولغانلىقتىن ساقلىنىپ قالغان كېسەللىكنىڭ، باكتىرىيىلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتا بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    .3ئەر-خۇتۇندارچىلىق بەلگىلىمىلىرى
    جىما- ئىسلام دىنى چۈشەندۈردىغان مۇھىم تۇرمۇش مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. دىنى ئەھكاملاردا ئۇنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرى ۋە قانۇن شەرھىلىرىنى بەلگلەش پەقەت جىنسى تەلەپنى ۋە فېزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنىلا مەقسەت قىلماستىن، بەلكى ئۇ تەقۋالىققا، ئايىتى كېرىملەرگە، دىنى ئەھكاملارغا مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا ئۇ بىر مۇسۇلمان ساۋابقا ئېرىشىدىغان ئەمەل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ھەدىسلەردە چۈشەندۈرۈلگەن ئەر-خۇتۇندارچىلىقنىڭ ئاساسى مەقسىدى ئۈچ: 1) ئۇرۇق ئەۋلاتلارنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىنسان كۆپەيتىش، ئاللاھ تائاللا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلماقچى بولغان ئىنساننى پەيدا قىلىشقا سەۋەپ قىلىش. 2) ئۇزۇن ۋاقىت بەدەنگە يىغىلىپ قالغان، بەدەنگە زىيانلىق بولغان مەنىنى چىقىرىش. 3) ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، خوشاللىق، ھۇزۇرلۇق ئۈنسى-ئۈلپەتتىن بەھرىمان بۇلۇش. جىمانىڭ پايدىسى شۇكى، كۆزنى قاراشقا تىگىشلىك بولمىغان ئايالغا قاراشتىن ساقلاپ، نەپسىنى ئويلاشقا تىگىشلىك بولمىغان ئايالنى ئويلاشتىن تىزگىنلەيدۇ. شۇنداقلا دىيانىتىنى ساقلاپ، گۇناھ ۋە ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا نىسىبىتەن تېخىمۇ شۇنداق. شوڭا جىمانىڭ بۇ دۇنيالىق ۋە ئۇ دۇنيالىق ئىككىلىسىگە پايدىسى بار. شوڭا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كۆپچىلىكىنى ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىشكە ۋە كۈڭۈل بۈلۈشكە چاقىرغان.
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: « بۇ دۇنيادا ئايال ۋە خۇشپۇراق نەرسىلا ساڭا چىرايلىق كۆرسىتىلدى».
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دىگەن: «ئى ياشلار، ئۆيلىنالايدىغانلار ئۆيلىنىڭلار، ئۇ كۆز ۋە ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلايدۇ، ئۆيلىنالمايدىغانلار روزا تۇتۇڭلار، روزا شەھۋەتنى كېسىدۇ. »
    جىما قىلىشتا(ئەر-خۇتۇندارچىلىق قىلىشتا) دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
    1(جىمادا تەقۋالىقنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىدى ئۆزىنى ۋە ئايالىنى ھارامدىن ساقلاش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەر-خۇتۇندارچىلىق قىلىش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ خوشال بولىدۇ.
    ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچلىق قىلغىنىڭلار سەدىقە ھىسابلىنىدۇ. سورىدۇق: يا رەسۇلىللاھ، بىز ئۆزىمىزنىڭ جىنسى تەلىپىنى قاندۇرساقمۇ سەدىقە بولامدۇ؟ رەسۇلىللاھ دىدى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر زىنا قىلساڭلار گۇناھ بولامدۇ؟ شۇنىڭدەك (ئۈزىنىڭ ھالال ئايالى بىلەن قىلغان) جىماغا ساۋاب يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بىزلەرگە قىلغان ئالاھىدە ئىلتىپاتى بولۇپ، ئاللاھ تائاللاھنىڭ بىزلەرنى مۇسۇلمانلاردىن قىلىغىنىغا (چوڭقۇر تەشەككۈر) ھەمدۇ-سانا ئېيتايلى!
    2) جىمادىن ئاۋال ئايالى بىلەن ئوينىشىش، قۇچاغلىشىپ سۈيۈشۈش لازىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللىرى بىلەن شۇنداق قىلاتتى.
    3) جىمادىن ئاۋال «شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ ،بىزلەرنى شەيتاندىن يىراق قىلغىن، بىزلەرگە بالا-پەرزەنت ئاتا قىلغىن» دىيىش لازىم.
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر يۇقارقى سۆزنى دىگەندە ئاللاھ تائاللاھ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارسىغا بىر پەرزەنت بۇلۇشنى ھۆكۈم قىلسا، شەيتان بۇ بالىغا مەڭگۈ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.
    4)قانداق شەكىلدە بۇلىشدىن،قايسى تەرەپتىن كېلىشىدىن قەتئىنەزەر،ئايال كىشىنىڭ ئالدى فەرجىگە يەنى بالا تۇغۇلىدىغان يېرىگە كەلسىلا بۇلىۋېرىدۇ.
    ئاللاھ تائاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ (زىرائەت تېرىيدىغان) ئېكىنزارلىقىڭلاردۇر. ئېكىنزارلىقىڭلارغا قايسى تەرەپتىن كەلسەڭلار بولىۋېرىدۇ. ئۆلچەملىك تەرجىمىسى: ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر) ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار.
    ئابدۇللا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيلار: ئەر كىشى ئەگەر ئايالنى كەينى تەرپىدىن كىلىپ ئالدى تەرەپكە يېقىنچىلىق قىلسا بالا ئالغاي تۇغۇلۇپ قالىدۇ» دەيتتى. كىيىن ئاللاھ تائاللاھ ۋەھىي قىلىپ دەيدۇ: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دىدى.
    رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: «پەقەت ئالدى فەرىجىگە قىلسىلا، ئالدى، ئارقا قايسى تەرەپتىن بولسا بۇلىۋېرىدۇ. (سەھىھۇلبۇخارى).
    5(ئايال كىشىنىڭ ئارقا پىشاپقا (مەقئەتكە) كىلىشكە قەتئى بولمايدۇ
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئايالنىڭ مەقئىتىگە كەلگەنلەر لەنەتلەنگەندۇر» . مەقئىتىگە كىلىشنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ نورمال ئادەتكە خىلاپ ۋە دۇرۇس ئادەم قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشتۇر، شۇنداقلا ئۇ ئاياللارنىڭ بەھرىمان بۇلۇشقا تىگىشلىك لەززەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ، ھەم مەقئەت دىگەن چوڭ تەرەت يۇلىدۇر.
    6) ئايالنىڭ ئاغزىغا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئېغىزغا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش -ناھايتى يىرگىنىشلىك ئىش بۇلۇپ، بەزى ئالىملار ئۇنى ھارام قاتارىغا كىرگۈزگەن، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا ئالىيجاناپ ئادەملەر قۇبۇل قىلالمايدىغان قىلمىشتۇر. «ئسلام قانۇنشۇناسلىقى قامۇسى» دا ئېغىزغا جىما قىلىشنى مەقئەتكە جىما قىلىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ دەپ بېكىتكەن.
    7) ئايالى بىلەن جىما قىلىشقاندىن كىيىن، يەنە جىما قىلماقچى بولغانلار كىچىك تاھارەت ئېلىشى كېرەك.
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: « ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار يەنە قىلماقچى بولسا، (كىچىك) تاھارەت ئېلىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ئادەمنى (كۆتۈرەڭگۈ) روھلۇق قىلىدۇ.
    ئەگەر ئىككى قېتىملىقنىڭ ئارىسىدا غۇسلى قىلىۋەتسە ئۇ تېخىمۇ ياخشى. ئەبۇدافۇر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق ئايالى بىلەن بىرگە بولدى، ئۇ ھەر بىر ئايالىدىن كىيىن غۇسىلى قىلدى. سورىدىم : ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، سىز نىمىشقا بىرلا قېتىم غۇسلى قىلمايسىز؟ ئۇ دىدى: مۇشۇنداق قىلغاندا ئەڭ پاكىز، ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
    8) تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا ئەر-ئايال ئىككىلىسى غۇسىلى قىلىدۇ.
    (1) ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ جىنسى ئەزاسى ئۇچراشقان بولسا.
    مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر زەكەر ئايالنىڭ فەرىجىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەنلا بولسا غۇسىلى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا سپىرما (مەنى) چىقسۇن- چىقمىسۇن ئوخشاشلا غۇسىلى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئىككى (ئەۋرەتنىڭ ئۇچىرشىشى) جىنسى ئەزانىڭ ئۇچىرشىشى دىيىلگىنى زەكەرنىڭ ئايالنىڭ فەرىجىسىگە كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. (2) مەنى چىقىرىش- بۇنىڭدا ئىككى جىنسى ئەزا ئۇچراشمىغان بولسىمۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن: «مەنى چىقىرىش غۇسلىنى پەرز قىلىدۇ». ئەر-ئايال ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا غۇسلى قىلسا ۋە ئۆزئارا كۆرسە بولىدۇ. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دىگەن: «مەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ بولۇپ قالساق، بىرلىكتە بىر قاچىنى ئىشلىتىپ غۇسلى قىلاتتۇق، ئۇ مەندىن تېز قىلاتتى، مەن: ماڭىمۇ ئازراق سۇ قالدۇرۇپ قۇيۇڭ دەيتتىم. »
    9) جۇنۇپ بۇلۇپ قالغان ئادەم ئۇخلىسا ۋە غۇسلىنى ناماز ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرسە بولىدۇ. لىكىن ئۇخلاشتىن ئاۋال كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىش ياخشىراقتۇر. ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدىم: «جۇنۇپ ئادەم ئۇخلىسا بولامدۇ؟»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيىتتى: بولىدۇ، كىچىك تاھارەت ئالماقچى بولسا ئېلىۋەتسۇن.
    10) ئايال ھېيىزدار ۋاقتىدا جىما قىلىش ھارام .
    ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇھەممەد، ئۇلار سەندىن ھېيىز توغۇرلۇق (يەنى ھېيىزدار ئايال بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغۇرلۇق) سورايدۇ، ئېيىتقىنكى، «ھېيىز زىيانلىقتۇر، (يەنى ھېيىز مەزگىلىدە جىنسى ئالاقە قىلىش ئەر-خۇتۇن ھەر ئىككىلىسىگە زىيانلىقتۇر)، ھېيىز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھېيىز)دىن پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تۆۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ. (2:222) ئەر كىشى ئايالى ھېيىزدار ۋاقىتتا جىنسى ئالاقىدىن باشقا ھەر قانداق ئىشتا ئۇنىڭدىن بەھىرلەنسە بولىدۇ. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھېيىزدار بۇلۇپ قالساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىشتان كىيىۋېلىشقا بۇيرۇپ، بىز بىلەن قۇچاقلىشپ ئۇخلايتتى. »
    ئايال ھېيزدار ۋاقتىدا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكى،ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسنىڭ جىنسى كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تۇلىمۇ يۇقىرىلىقى ھازىرقى زامان تىببى ئىلمىدە ئىسپاتلانماقتا.
    11) ئەگەر پەرزەنت كۆرۈشنى خالىمىسا ئەركىشى ئەزلە قىلسا بولىدۇ (مەنىنى رەھىمنىڭ سىرتىغا تۆكسە) ياكى قاپچۇق ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، لىكىن ئايالنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك. چۈنكى ئايالنىڭ (چىقىرىلغان مەنىدىن) بەھرىمان بۇلۇش ھۇقۇقى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقى بولىدۇ.
    جابىر ئىبنى ئابدۇللا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام دەۋرىدە بىز ئەزلە قىلاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام ئاڭلىغاندىن كىيىن چەكلىمىگەن. »
    12) ئەر-خۇتۇنلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مەخپىيەتلىك ۋە سىرلارنى سىرتقا يېيىش ھارام بۇلۇپ، ناھايتى قەبىھ ئىشتۇر.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام مۇنداق دەيدۇ:« قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائاللاھنىڭ ئالىدىدا ئورنى ئەڭ ناچار ئادەم جەزمەن ئەر-خۇتۇندارچىلىق ئوتتۇرسىدىكى سىرنى يايغۇچىدۇر.»

    مەنبە:ئۆز ەم.
    پايدىلانغان مەنبەلەر

    1.«قۇرئان كەرىم»ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
    2.سەھىھۇل بۇخارى ۋە قەستەلانى شەرھى
    3.ئىسلام دىنىنىڭ كۆپىيىش سېستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا دائىر ئەھكاملىرى、ماقالىلار توپلىمى(خەنزۇچە)
    نىڭشيا خەلق نەشرىياتى

    مەنبە: تور دۇنياسى


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!